تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلارنى يۆلەش

مۇخبىر سۈرۈشتۈرۈش | «دۇكىنىم قايتىدىن تىجارەت باشلىدى، بۈگۈن 18 مىڭ يۈەنلىك سودا قىلدىم»

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋېي خۇڭپىڭ) «ئەگەر سىز دەل ۋاقتىدا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئالاقىلىشىپ بەرمىگەن بولسىڭىز، دۇكىنىمدىكى بىر توننا مېيگۇيشياڭ ئۈزۈمى پۈتۈنلەي زىيانغا ئۇچرايتتى...» 9- ئاينىڭ 9- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شىمىگو رايونى ۋېيخۇجۇاڭ لاۋنيۇ مېۋە دۇكىنى قايتىدىن تىجارەت باشلىغاندىن كېيىن، دۇكان ئىگىسى نيۇ سى مۇخبىرغا ئالايىتەن قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتىپ رەھمەت ئېيتتى.

9- ئاينىڭ 10- كۈنى، مۇخبىر نيۇ سى بىلەن يەنە ئالاقىلەشتى، ئۇ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «دۇكىنىم قايتىدىن تىجارەت باشلىدى، بۈگۈن 18 مىڭ يۈەنلىك سودا قىلدىم، سودام ناھايىتى ياخشى.»

9- ئاينىڭ 10- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگو رايونى ۋېيخۇجۇاڭ لاۋنيۇ مېۋە دۇكىنىنىڭ ئىگىسى نيۇ سى بىلەن قىزى مېۋە ساتماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي خۇڭپىڭ فوتوسى

9- ئاينىڭ 3- كۈنى، نيۇ سىنىڭ قىزى نيۇ چاۋخۇا «ئانار بۇلۇت 12345تە تەدبىر سوراش» سۇپىسىنىڭ يۇقۇم توغرىسىدا ياردەم تەلەپ قىلىش مەخسۇس رايونىغا سۆز قالدۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مېۋە دۇكىنىمىزنى تاقاش توغرىسىدا تۇيۇقسىز ئۇقتۇرۇش قىلىندى، دۇكاندا تېخى سېتىپ بولمىغان بىر توننا ئۈزۈم بار ئىدى، ياردەم تەلەپ قىلىمەن.» مۇخبىر نيۇ چاۋخۇا بىلەن ئالاقىلىشىپ، لاۋنيۇ مېۋە دۇكىنىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگو رايونى شۈيتاشەن كوچىسى ۋېيخۇجۇاڭ مەھەللىسىگە جايلاشقانلىقىنى بىلدى.

مۇخبىر دەرھال ۋېيخۇجۇاڭ مەھەللىسى بىلەن ئالاقىلەشتى، بۇ مەھەللىنىڭ مۇدىرى فەن شىنچىڭ مۇنداق دېدى: مەسىلىنى ئىنكاس قىلغان تورداشنىڭ ئېھتىياجى بار بولسا، مەھەللە ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ بېرىدۇ.

شۇ كۈنى چۈشتە، فەن شىنچىڭ مۇخبىرغا مۇنداق جاۋاب بەردى: تەكشۈرۈپ ئېنىقلىدۇق، لاۋنيۇ مېۋە- دۇكىنىدىكى ئۈزۈمنىڭ بىر قىسمى سېتىلىپ بولغان ئىكەن، قالغىنى ئانچە كۆپ ئەمەسكەن، مەھەللە پائال چارە ئىزدەپ، دۇكان ئىگىسىنىڭ زىيىنىنى ئازايتماقچى، تەۋەلىك رايوندىكى بىر ئالماشتۇرۇپ ساقلاش ئامبىرى بىلەن ئالاقىلەشتۇق، نيۇ سىنىڭ ئۈزۈمىنى ئۈچ كۈندىن بەش كۈنگىچە يېڭى پېتى ساقلىغىلى بولىدىكەن. نيۇ سىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، مەھەللە خىزمەتچىلىرى دۇكاندىكى ئۈزۈملەرنى ئالماشتۇرۇپ ساقلاش ئامبىرىغا يۆتكىدۇق.

9- ئاينىڭ 9- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگو رايونى ۋېيخۇجۇاڭ لاۋنيۇ مېۋە دۇكىنىنىڭ ئىگىسى نيۇ سىنىڭ مۇخبىرغا ئەۋەتكەن قىسقا ئۇچۇرىنىڭ كەسمە سۈرىتى.

جۇڭچيۇ بايرىمىدىن بۇرۇن، لاۋنيۇ مېۋە دۇكىنىغا يەنە ئىككى چوڭ ئاپتوموبىلدا 20 نەچچە خىل مېۋە- چېۋە كىرگۈزۈلدى. نيۇ سى مۇنداق دېدى: «مەھەللىنىڭ ياردىمىگە، مۇخبىرنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە رەھمەت، سىلەرنىڭ ياردىمىڭلار ئارقىلىق زىيىنىم ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشتى.» نيۇ سى مۇنداق دېدى: 9- ئاينىڭ 9- كۈنى، دۇكىنىم قايتىدىن تىجارەت باشلىدى، مىقدارى كۆپ، باھاسى ئەرزان بولغاچقا، ھەر كۈنى نۇرغۇن مېۋە سېتىلدى.

9- ئاينىڭ 10- كۈنى، نيۇ سى ئاتا- بالا ئىككىيلەن بىر كۈن ئالدىراش بولۇپ، ناھايىتى چارچىدى ھەم مول نەتىجە ئالدى، «قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ماڭا شۇنچە كۆپ ئادەم ياردەم قىلدى، ھازىر نورمال تىجارەت قىلىۋاتىمەن، مەنمۇ تېخىمۇ كۆپ كىشىنى ياخشى مېۋىلەرگە ئېغىز تەگكۈزىمەن.» دېدى نيۇ سى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.