تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

قىزىل مېغىزلىق ياڭاق بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋلارغا سېتىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىر بارشا تېگېس، ئىختىيارىي مۇخبىر گو چىڭ

9- ئاينىڭ 6- كۈنى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ توققۇزتارا ناھىيەسى كالا فېرمىسى تەۋەلىك رايونى ياڭاقلىق مەھەللىسىدىكى قىزىل مېغىزلىق ياڭاق كەسىپلەر باغچىسىدا، ئىشچىلار قىزىل مېغىزلىق ياڭاق ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، بىرنەچچە يۈك ئاپتوموبىلى ياڭاقلىققا كىرىپ قاچىلاشنى كۈتۈپ تۇردى.

خې پىڭ ئۆستۈرگەن قىزىل مېغىزلىق ياڭاق. ئۆزى تەمىنلىگەن سۈرەت

قىزىل مېغىزلىق ياڭاقنىڭ مېغىزى قىزىل، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، چۈرۈك، سەل تاتلىق، پۇراقلىق ماي تەملىك بولۇپ، كىشىلەر ئۇنى «ياڭاقلار ئىچىدىكى ئاقسۆڭەك» دەپ ئاتىشىدۇ. 2019- يىلى، ياڭاقلىق مەھەللىسىنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئۇدۇللاشتۇرۇشى بىلەن، تېرىقچىلىق ئائىلىسى خې پىڭ 50 تۈپ قىزىل مېغىزلىق ياڭاق كۆچىتىنى كىرگۈزدى، پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، قىزىل مېغىزلىق ياڭاقنى دەسلەپكى 50 تۈپتىن 600 تۈپكە كېڭەيتتى، ھەر بىر تۈپنىڭ مېۋە بېرىش مىقدارى 100 كىلوگىرامدىن 150 كىلوگىرامغا يەتتى، ئومۇمىي ھوسۇلى 7.5 توننىدىن ئاشتى.

خې پىڭ كۆچەت تىكىشتىن ياڭاق ئۈزۈشكىچە، دوۋيىن سۇپىسى ۋە دېھقانلارغا ياردەم بېرىشتىكى باشقا سۇپىلار ئارقىلىق قىزىل مېغىزلىق ياڭاقنى تونۇشتۇرۇپ، تەشۋىق قىلىپ، نۇرغۇن سېتىۋالغۇچى سودىگەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى. مېۋىگە كىرىپ مول ھوسۇل ئالغاندىن كېيىن، بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ قاتارلىق جايلاردىكى سېتىۋالغۇچى سودىگەرلەر بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى.

9- ئاينىڭ 4- كۈنى، خې پىڭ باغدا قىزىل مېغىزلىق ياڭاقنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە. گو چىڭ فوتوسى

«مەن 20 يىل ياڭاق ئۆستۈردۈم، قىزىل مېغىزلىق ياڭاقنى سىناق بېقىش ئويىدا ئۆستۈردۈم، ئويلىمىغان يەردىن ئۈنۈمى يامان ئەمەس بولدى. پەقەت ئوي- پىكىر بولسىلا، قىلىشنى خالىسىلا، پۇل تاپالمايدىغان ئىش بولمايدۇ !» دېدى خې پىڭ. تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق قىزىل مېغىزلىق ياڭاقتىن مول ھوسۇل ئېلىنغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا زاكازمۇ ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇردى. مول ھوسۇل ئېلىنغان 7.5 توننا قىزىل مېغىزلىق ياڭاقنىڭ ھەر كىلوگىرامى 40 يۈەندىن سېتىلىپ تۈگىدى، بۇ شۇ جاينىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئەشيا ئوبوروتىغا كاپالەتلىك قىلىش سىياسىتىنىڭ پايدىسىدىن بولدى.

بۇ كۈنلەردە، ئوراپ قاچىلانغان قىزىل مېغىزلىق ياڭاق بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋغا توشۇلدى. «ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى- يېزا ئىدارىسى، قاتناش ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلار بىز تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، سېتىش جەريانىدا ساقلانغان مەسىلىلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلاشتۇردى، ئۇدۇللاشتۇردى.» خې پىڭ مۇنداق دېدى: يۈك توشۇش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن تارتىپ ۋاگون يول خېتى بېجىرىش، يۈك قاچىلاشقىچە ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ بىر كۈنمۇ ۋاقىت كەتمىدى.

يۇقۇم يۈز بەرگەندىن بۇيان، توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ قاتناش، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلىرى يۈك ئەشيا ئوبوروتىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يۈك تىرانسپورتىدىكى قاتناش، ئەشيا ئوبوروتى، خادىملار ئىش ئورنى قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ئىز قوغلاپ ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يول يۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرلىرىنى پائال ئەلالاشتۇرۇپ، مال تەقسىملەش نۇقتىلىرى تۇرۇشلۇق يېزا- بازار، تەۋەلىك رايونىنى بىرتۇتاش باشقۇرۇش، تىزگىنلەشكە مەسئۇل قىلىپ، ئاپتوموبىللارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى قاچىلاش ئورنىغا كىرىپ مال قاچىلىغاندىن تارتىپ ئايرىلغۇچە بولغان پۈتۈن جەرياننى يېپىق باشقۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەشكىللىك توشۇلۇشىنىڭ مۇقىم، راۋان بولۇشىغا ئومۇميۈزلۈك ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.