تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەيلى

− ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا

□ شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

2022 ـ يىلى 7 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنىدىن 15 ـ كۈنىگىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بۇ، باش شۇجىنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە بولغان ئىلمىي يېتەكچىلىكى، شۇنداقلا 25 مىليوندىن ئارتۇق تىيانشان ئوغۇل ـ قىزلىرىدىن كۈتكەن سەمىمىي ئۈمىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مىللەت سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، يىراق كەلگۈسى خىزمەت سۈپىتىدە ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، بۇ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولغان چوڭقۇر ئويلىنىشىنى تولۇق نامايان قىلدى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ «جۇڭگو قەلبى، جۇڭخۇا روھىنى مۇستەھكەملەش»تىن ئىبارەت ئورتاق ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.

«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەش»تىن «ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش»كىچە، يەنە «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ <تۇتقا>سى، بارلىق خىزمەتلەر بۇ نۇقتىغا مەركەزلىشىشى كېرەك»كىچە، پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك، پۈتۈن ۋەزىيەت نەزەرى بىلەن يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە قارىتا بىر قاتار مۇھىم يوليورۇق بەردى. «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش»تىن ئىبارەت بۇ مۇھىم، زور ھۆكۈم جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى ۋە قىممەت ئىنتىلىشىنى ئەكس ئەتتۈردى، بۇ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى بولۇپلا قالماي، يەنە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى.

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتە، ھەم كۆرگىلى بولىدىغان، تۇتقىلى بولىدىغان خىزمەتلەرنى ئىشلەش، ھەم كۆپلىگەن ئۈن ـ تىنسىز تەسىر كۆرسىتىدىغان خىزمەتلەرنى ئىشلەش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش توغرىسىدىكى تەتقىقات، بايان قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈش، تەشۋىق ـ تەربىيەنى كۈچەيتىپ، بولۇپمۇ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن ئەندىزىسى تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشىگە دائىر تارىخىي پاكىتلار، ئارخېئولوگىيەلىك ئەمەلىي بۇيۇملار، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تولۇق قېزىپ ۋە ئۈنۈملۈك تەتبىقلاپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى تېخىمۇ جانلىق، تېخىمۇ قايىل قىلارلىق ھالدا توغرا بايان قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈش كېرەك؛ تەشۋىق ـ تەربىيەنى دائىملاشتۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى كادىرلار تەربىيەسى، پارتىيە ئەزالىرى تەربىيەسى، پۇقرالار تەربىيەسى سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپنى ئىدارە قىلىش، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە بولغان «ئاساسنى پۇختىلاش» قۇرۇلۇشىنى ھەر تەرەپلىمە چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشى تۇرغۇزۇشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىگە بولغان قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسى، تەۋەلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك. تىل ئالاقىنى كۈچەيتىپ، چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىدىغان كۆۋرۈك، دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقى مائارىپى ۋە ئۇنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئىشلىتىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جۇڭخۇا ئوغۇل ـ قىزلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم تەدبىر، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى مۇقەررەر تەلەپ. بىز «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇپ، قاتنىشىش دائىرىسى، پائالىيەت قېتىم سانى، زىيارەت قىلىش شەكلى قاتارلىقلارنى ئىلمىي ئەلالاشتۇرۇپ، ۋاسىتىنى بېيىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزۈلمە ـ مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كەڭلىك، چوڭقۇرلۇق دەرىجىسىنى كېڭەيتىشىمىز كېرەك؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار تىپلار ۋە ئىلغار ئىش ئىزلارنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك؛ ئارىلىشىپ ياشايدىغان جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەھەللە مۇھىتىنى پائال بەرپا قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ماكان، مەدەنىيەت، ئىقتىساد، جەمئىيەت، پىسخىكا قاتارلىق جەھەتلەردە ھەر تەرەپلىمە گىرەلىشىشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ ئالاقىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك.

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى دۆلەت بىرلىكىنىڭ ئۇلى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاساسى، مەنىۋى كۈچنىڭ جېنى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئەمەلىي، جانلىق، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئاممىۋى ئاساسىنى پۇختىلاپ، بىر نىيەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ ئۇيۇشۇپ، مۇقەررەر ھالدا جۇڭگو ئارزۇسىنى بىرنىيەتتە ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.