تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، يىراق كەلگۈسى خىزمەتلەرگە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك

− ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا

□ شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىدا ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىنغان، پۈتۈن ۋەزىيەت بىرتۇتاش ئىگىلەنگەن، ئىدىيەسى چوڭقۇر، ئىچكى خاس مەزمۇنى مول بولۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ قوللانما ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجى ئالاھىدە تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، يىراق كەلگۈسى خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش كېرەك».

ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھازىر بىلەن يىراق كەلگۈسىنى، دۆلەت ئىچى بىلەن خەلقئارانى، ھادىسىدىن تۈزەش بىلەن ماھىيەتتىن تۈزەشنى، پىرىنسىپ بىلەن ئۇسۇلنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 13 جەھەتتىكى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، يىراق كەلگۈسى خىزمەتلەرنى زىچ چۆرىدەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا 15 جەھەتتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىز سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، يىراق كەلگۈسى خىزمەتلەرگە كۈچ سەرپ قىلىپ، باش شۇجى شىنجاڭ ئۈچۈن تۈزۈپ بەرگەن گۈزەل ئۇلۇغۋار پىلاننى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، يىراق كەلگۈسى خىزمەتلەرگە كۈچ سەرپ قىلىشتا، جەزمەن سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىن شىنجاڭغا ئالاقىدار تاشقى تەشۋىقاتنى كۆپ قاتلاملىق، ھەر تەرەپلىمە، ئىستېرېئولۇق قانات يايدۇرۇشقىچە؛ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىش ئارقىلىق شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇشقىچە؛ خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشتىن زامانىۋىلاشقان ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىش، سۇ تېجەش، سۇ ساقلاش، سۇ يۆتكەش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى سىجىل ياخشى قىلىشقىچە؛ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت - سائادىتىنى سىجىل ئاشۇرۇش، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشتىن يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشقىچە، 15 جەھەتتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىدە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى زىچ چۆرىدىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇلغان بولۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنى قاپلىغان، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، سىياسىي - دېموكراتىيە، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، جەمئىيەت ئىناقلىقى، ئېكولوگىيە ياخشى بولۇشقا چېتىلىدۇ، ئۇ، ئۆزئارا تۇتاشقان، بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئىچكى جەھەتتە باغلىنىشلىق بولغان بىر پۈتۈن گەۋدە بولۇپ، ئۇنى دەپ بۇنىڭدىن قۇرۇق قېلىشقا بولمايدۇ، بىر - بىرىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكىمۇ بولمايدۇ، بىر گەۋدە بويىچە ئۆزلەشتۈرۈپ، بىر گەۋدە بويىچە چىڭ تۇرۇپ، بىر گەۋدە بويىچە ئىزچىللاشتۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك.

ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، يىراق كەلگۈسى خىزمەتلەرگە كۈچ سەرپ قىلىشتا، جەزمەن ئىككى نۇقتا نەزەرىيەسى بىلەن مۇھىم نۇقتا نەزەرىيەسىنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئاساس پۇختا بولمىسا، يەر تەۋرەپ تاغلار سىلكىنىدۇ، ئەگەر ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشى بولمىسا، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يىلتىز تارتقۇزۇش مۇمكىن بولمايدۇ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنىمۇ ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. بۇ بىزدىن ئاساسلىق زىددىيەت ۋە زىددىيەتنىڭ ئاساسىي تەرىپىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىشنى ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش تۈزۈلمە - مېخانىزم مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىن باشلاپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ۋە مۇلازىمەتنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنى ئاساسىي قاتلامغا يۆتكەشكە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ بايلىقنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈپ، پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى ئۆز - ئۆزىنى ئىدارە قىلىش، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىش بىرلەشتۈرۈلگەن شەھەر - يېزا ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ھەر دەرىجىلىك تەشكىلىي ئاپپاراتلارنى تەسىس قىلىش ۋە فۇنكسىيەسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشنىڭ قانۇنچىللىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە يۈرۈشۈش مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، يىراق كەلگۈسى خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ تارىخىي مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچنى زىممىگە ئېلىشىدۇر. «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەت»نى قەلبكە پۈكۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يىراق كەلگۈسى پىلان ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىك ۋەزىيىتى يارىتىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىك ئىشلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.