تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

قەتئىي تەۋرەنمەي باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەيلى

 باش ماقالە

 ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيى ۋە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، يىراق كەلگۈسى خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى، بۇ مۇقەررەركى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ قەتئىي، كەسكىن ھالدا باش شۇجى شىنجاڭ ئۈچۈن تۈزۈپ بەرگەن ئۇلۇغۋار پىلاننى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈپ چىقىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولىدۇ.

  پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ، شىنجاڭنىڭ پۈتۈن ۋەزىيىتى ۋە يىراق كەلگۈسى تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم خىزمەتلەر توغرىسىدا كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بەردى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانى ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتتى، شىنجاڭ خىزمىتىدە مۇھىم، زور نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى ۋە تۈرتكە بولدى. بۈگۈنكى شىنجاڭدا، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتى مۇقىم، خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال ـ خۇرام ئىشلىمەكتە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىنىڭ ھەممە يېرىدە تىنچ، ئىناق بولغان، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان يېڭى كەيپىيات بارلىققا كەلدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تامامەن توغرا، جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى خۇشال ـ خۇرام كۈتۈۋېلىۋاتقان مۇھىم پەيتتە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەۋاتقان پەيتتە، 7 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنىدىن 15 ـ كۈنىگىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، مۇھىم سۆز قىلدى، مۇھىم يوليورۇق بەردى، بۇ، ھەم بىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشىمىزغا بولغان ئەڭ ئالىي كۆزدىن كەچۈرۈش، تېخىمۇ مۇھىمى يېڭى ۋەزىيەتتىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزگە بولغان دانا يېتەكچىلىك بولۇپ، ئىنتايىن مۇھىم، زور ھەم چوڭقۇر سىياسىي ئەھمىيەتكە، تارىخىي ئەھمىيەتكە، ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز باش شۇجىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە ئالاھىدە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى، غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى چىن قەلبىمىزدىن ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى سادىقلىق بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.

  بىلىش قىلىشنىڭ باشلىنىشى. قەتئىي تەۋرەنمەي باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەشتە، جەزمەن ئىدىيەۋى تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. باش شۇجىنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىدا ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىنغان، پۈتۈن ۋەزىيەت بىرتۇتاش ئىگىلەنگەن، ئىدىيەسى چوڭقۇر، ئىچكى خاس مەزمۇنى مول بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش تەجرىبىسىنىڭ جەۋھىرى ۋە يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلۈشى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يەنىمۇ بېيىتىلىشى ۋە راۋاجلاندۇرۇلۇشى، يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى تۈپ قوللانما ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى، شىنجاڭ خىزمىتىنى توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشقا، غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەيدىغان قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال. بىز سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىمىز، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارىمىز، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىي ماھىيىتى، مول ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، بۇنىڭدىن باش شۇجىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقى ۋە كۆيۈنۈدىغانلىقىنى، شىنجاڭ خىزمىتىگە بولغان رىغبەتلەندۈرۈش ۋە تۈرتكە ئىكەنلىكىنى، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ مۇھىم ئورنىنى ئىستراتېگىيەلىك ئويلاشقانلىقىنى، يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى يېڭى تەلىپىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشىمىز كېرەك.

  قىلىش بىلىشنىڭ نەتىجىسى. قەتئىي تەۋرەنمەي باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەشتە، جەزمەن خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنى باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى ھازىرغا ۋە يىراق كەلگۈسىگە قويۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، يىراق كەلگۈسى خىزمەتلەرنى سىستېمىلىق پىلانلىدى. بىز «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن ـ ئاخىر «ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەت»نى قەلبكە پۈكۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى كۆپ قاتلاملىق، ھەر تەرەپلىمە، ئىستېرېئولۇق ياخشى سۆزلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئەمەلىي، جانلىق، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىش ئارقىلىق شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، زامانىۋىلاشقان ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، سۇ تېجەش، سۇ ساقلاش، سۇ يۆتكەش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت ـ سائادىتىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆھپە يېزىشتا مەن بولمىساممۇ بولىدۇ» دېگەن مەنىۋى مەنزىل ۋە «تۆھپە قوشۇشتا چوقۇم مەن بولۇشۇم كېرەك» دېگەن سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن يىراق كەلگۈسى پىلان ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىك ۋەزىيىتىنى يارىتىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىك ئىشلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىمىز كېرەك.

  يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىش كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما ـ تەلەپلىرىنى بىر ـ بىرلەپ دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، يىراق كەلگۈسى خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەكشى، مۇقىم، ساغلام بولغان ئىقتىسادىي مۇھىت، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي مۇھىت، دۆلەت تىنچ ـ ئامان، خەلق خاتىرجەم بولغان جەمئىيەت مۇھىتىنى تىرىشىپ ساقلاپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ۋە ئەلا نەتىجىلىرىمىز ئارقىلىق پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالايلى!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.