تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش _ تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتى سىنلىق يىغىنى ئېچىلدى

مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش _ تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش كېرەك

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، گوۋۇيۈەننىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى تېلېۋىزىيە ـ تېلېفون يىغىنىدىن كېيىن، ئاپتونوم رايون دەرھال يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتى سىنلىق يىغىنى ئاچتى، يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىش» تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قاتتىق، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆلەملىك يۇقۇم يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشنىڭ ئالدى ـ كەينىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، «تۆت تەرەپ مەسئۇلىيىتى»نى چىڭىتىپ، بىخۇدلۇق ئىدىيەسى، بوشىشىپ كېتىش روھىي ھالىتىنى قەتئىي يېڭىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى كەم ـ كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى قاتتىق، چىڭ، ياخشى تۇتۇپ، چېگرادىن كىرىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارغا قارىتا يىراق ئۇچتىن ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پورتلاردا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇپ، شىنجاڭغا كەلگەن، شىنجاڭغا قايتقان خادىملارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭغا كىرىش ئۆتكىلىنى ياخشى ساقلاش كېرەك. ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ياخشى تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش سىستېمىسىنى سىجىل تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «تۆت بالدۇر» تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەكتەپ، كۈتۈنۈش ئاپپاراتى، قۇرۇلۇش ئورنى، چوڭ تىپتىكى كارخانا، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازىرى قاتارلىق نۇقتىلىق مەيدان ـ سورۇنلارنى كۆزىتىش ۋە باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەشنى پۇختا، ئىنچىكە تۇتۇپ، توپلىشىش خاراكتېرلىك پائالىيەتلەرنى ئازايتىپ، مەركەزلىك ئايرىش نۇقتىسى، بېكىتىلگەن دوختۇرخانا قاتارلىق خەۋپ ـ خەتىرى يۇقىرى نۇقتا ـ ئورۇنلارنى باشقۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە سىجىل كۈچ سەرپ قىلىپ، قاتتىق كۈچ سەرپ قىلىپ، خېسۇەن تەكشۈرۈشنىڭ «ئالتۇن ئۆلچىمى» بويىچە ئۆلچەپ تەكشۈرۈش، ئالدىن سىگنال بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە مەنبەدىن تەكشۈرۈشنى دەل جايىدا قانات يايدۇرۇپ، مەركەزلىك ئايرىشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، دەرىجە، تۈرگە ئايرىپ قۇتقۇزۇش ـ داۋالاشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىش زەنجىرىنى ئۈنۈملۈك ئۈزۈۋېتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئاجىز ھالقىلار ۋە خەۋپ ـ خەتەر ساقلانغان نۇقتىلارنى سىستېمىلىق رەتلەپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشنى تېزلىتىپ، سىستېمىلىق ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. ئىلىم ـ پەنگە ھۆرمەت قىلىپ، قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىپ، 9 ـ نۇسخىدىكى ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش لايىھەسىنى تولۇق ئىگىلەپ، ياخشى پايدىلىنىپ، سىياسەت تەلىپىنى دەل جايىدا چۈشىنىپ، ئىگىلەپ، قانۇن بويىچە ئىلمىي، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. خېسۇەن تەكشۈرۈش ئىقتىدارى ۋە ئايرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى يۇقۇمنى تېز تىزگىنلەش، تېز بىر تەرەپ قىلىشتىكى ئەڭ نېگىزلىك، ئەڭ ئۈنۈملۈك تەدبىر قىلىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، خىزمەت لايىھەسىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، خېسۇەن تەكشۈرۈش ئىقتىدارىدىكى كەمتۈكلۈكنى تېز سۈرئەتتە تولۇقلاپ، مەركەزلىك ئايرىش نۇقتىسىنى كېڭەيتىش ـ كۆپەيتىش نىشان ـ ۋەزىپىسىنى ۋاقتىدا تاماملاش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، قوماندانلىق سىستېمىسىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۈرۈشۈشىنى ساقلاپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئامما خىزمىتىنى ئىللىقلىق، ئىنچىكىلىك بىلەن ياخشى ئىشلەپ، جۇڭچيۇ بايرىمى، دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئىلتىماس ـ تەلەپلىرىنى ئاڭلاپ ۋە ھەل قىلىپ، كىشىلەر قەلبىنى ئەڭ زور دەرىجىدە مۇجەسسەملەش كېرەك. نازارەت قىلىش ـ تەكشۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشى، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  چېن ۋېيجۈن، ليۇ سۇشې قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.