تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ما شىڭرۇي خىزمەت دوكلاتى بەردى ھەم سۆز قىلدى

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش توغرىسىدىكى قارارى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى

9 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنى 9 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يىغىن باش تېمىسى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيى ۋە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، يىراق كەلگۈسى خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىتتىپاق ـ ئىناق، ئاۋات ـ باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال ـ خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالايلى.

  يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش توغرىسىدىكى قارارى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن خىزمەت دوكلاتى بەردى ھەم ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدا مەخسۇس تېمىلىق سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پۈتۈن پارتىيەدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە، مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى خۇشال ـ خۇرام كۈتۈۋېلىۋاتقان مۇھىم پەيتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، مۇھىم سۆز قىلدى، مۇھىم يوليورۇق بەردى، يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە قۇدرەتلىك سىياسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە خىزمەت ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بېغىشلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىدا ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىنغان، پۈتۈن ۋەزىيەت بىرتۇتاش ئىگىلەنگەن، ئىدىيەسى چوڭقۇر، ئىچكى خاس مەزمۇنى مول بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش تەجرىبىسىنىڭ جەۋھىرى ۋە يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلۈشى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يەنىمۇ بېيىتىلىشى ۋە راۋاجلاندۇرۇلۇشى، يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى تۈپ قوللانما ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى، شىنجاڭ خىزمىتىنى توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشقا، غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەيدىغان قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال. بىز «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىي ماھىيىتى، مول ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا باش شۇجى شىنجاڭ ئۈچۈن تۈزۈپ بەرگەن گۈزەل ئۇلۇغۋار پىلاننى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىشىمىز كېرەك.

  يىغىندا دىققەت شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، يىراق كەلگۈسى خىزمەتلەر زىچ چۆرىدىلىپ، 15 جەھەتتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپە ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىرىنچى، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش كېرەك. شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، سىياسەت، قانۇن ـ نىزام سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاشتا تەۋرەنمەي، ھەرقايسى ساھەلەردىكى خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى تۈرگە ئايرىپ تەرتىپلىك ئەلالاشتۇرۇپ، كەسىپلەشكەن بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىككىنچى، شىنجاڭغا ئالاقىدار تاشقى تەشۋىقاتنى كۆپ قاتلاملىق، ھەر تەرەپلىمە، ئىستېرېئولۇق قانات يايدۇرۇپ، خەلقئارا تارقىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە يېڭىلىق يارىتىپ، ئوچۇق، ئۆزىگە ئىشىنىش ھالىتىنى ساقلاپ، «تەكلىپ قىلىپ كىرگۈزۈش» «سىرتقا چىقىرىش» سالمىقىنى زورايتىپ، جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش كېرەك. ئۈچىنچى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بوشلۇق، مەدەنىيەت، ئىقتىساد، جەمئىيەت، پىسخىكا قاتارلىق جەھەتلەردىن ھەر تەرەپلىمە گىرەلىشىشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى تەتقىق قىلىش، بايان قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈش ھەم تەشۋىق ـ تەربىيەنى كۈچەيتىپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە بولغان «ئاساسنى پۇختىلاش» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقى مائارىپى ۋە ئۇنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئىشلىتىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ ئالاقىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئارىلىشىپ ياشايدىغان جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەھەللە مۇھىتىنى بەرپا قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئاممىۋى ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. تۆتىنچى، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. «ئۈچ قوشۇن»نى ياخشى قۇرۇپ، جۇڭگوچىلاشقان دىنىي ئىلىم ئىدىيەسى سىستېما قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجى ۋە قانۇنلۇق دىنىي پائالىيەتلىرىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، دىننىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بەشىنچى، پارتىيەنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىش ئارقىلىق شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساسنى مۇستەھكەملەش كېرەك. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاشتا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت ئىشلىرىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش كېرەك. ئالتىنچى، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، نېفىت ـ تەبىئىي گاز، كۆمۈر، قېزىلما بايلىق، ئاشلىق، پاختا، مېۋە ـ كۆكتات قاتارلىق بايلىق ۋە كەسىپلەرنىڭ پۈتۈن مەملىكەت ئىقتىسادىي ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نېفىت ـ تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش كەسىپلەر توپىنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسىپلەر توپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېشىل كانچىلىق كەسىپلەر توپىنى پائال قۇرۇپ، ئاشلىق ـ ياغ كەسىپلەر توپى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك كەسىپلەر توپىنى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېشىل، ئورگانىك مېۋە ـ كۆكتات كەسىپلەر توپىنى بەرپا قىلىپ، ئەلا سۈپەتلىك چارۋا مەھسۇلاتلىرى كەسىپلەر توپىنى قۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر توپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە زامانىۋى كەسىپلەر سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. يەتتىنچى، ئوچۇق ئىقتىساد تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ نىسپىي بېكىنمە ھالەتتىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونىدىن سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئايلىنىشىغا چوڭقۇر تۈرتكە بولۇش كېرەك. بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت ـ سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، ھەر تەرەپلىمە خەلقئارا ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازارغا پائال سىڭىشىپ، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپى بىلەن پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ بەس ـ بەستە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. سەككىزىنچى، ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر تۈركۈم مۇھىم، زور ئۇل ئەسلىھە ۋە يېڭى تىپتىكى ئۇل ئەسلىھەلەرنى قۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئېھتىياجىغا تىرەك بولىدىغان زامانىۋىلاشقان ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. كۆپ قاتلاملىق، كۆپ مەنبەلىك مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئۇنىۋېرسال ئىستېرېئولۇق قاتناش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئېنېرگىيە يولى، ئېلېكتىر تورى، سۇچىلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى ۋە فۇنكسىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى تىپتىكى ئۇل ئەسلىھەلەرنى پائال قۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى مۇھىم تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك. توققۇزىنچى، سۇ تېجەش، سۇ ساقلاش، سۇ يۆتكەش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان گەۋدىلىك بوغما ھالەتنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئاساسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈجۈپىلىك، تېجەشلىك پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، سۇ بايلىقىنى تەقسىملەش ۋە يۆتكەش ـ ساقلاش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سۇچىلىقتىكى نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئونىنچى، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى سىجىل ياخشى قىلىپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراق بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئون بىرىنچى، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشتە گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنىڭ سۈپىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش، بەخت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىش، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، كېڭەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، داۋالىنىش، ئەمىن ئۆي قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنى ياخشىلاپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي كاپالەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاممىۋى بىخەتەرلىك كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. ئون ئىككىنچى، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەن خىزمىتىنىڭ يېڭى بۇرچى، يېڭى تەلىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كۈچەپ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا يېڭى بۆسۈش، يېڭى ئىلگىرىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىڭتۇەننىڭ شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئون ئۈچىنچى، ھەر دەرىجىلىك تەشكىلىي ئاپپاراتلارنى تەسىس قىلىش ۋە فۇنكسىيەسىنى سەپلەشنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەتلەرنى يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى ئىلمىيلەشتۈرۈپ، ئەلالاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئون تۆتىنچى، دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئون بەشىنچى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي قۇرۇلۇشنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۇلىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىنى چىڭىتىپ، يۇقىرى ساپالىق ھەر مىللەت كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى كۈچلۈك قۇرۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش ئېسىل ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: مەركەزنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشقا دائىر تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە كۈچنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، سىياسەت ئارقىلىق يۆلەش، مالىيە كۈچىنى تەقسىملەش، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار كاپالىتى قاتارلىقلارغا مايىللاشقان قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە تېخىمۇ پايدىلىق بولغان تۈپ خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئۇزاق مۇددەتلىك مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە تۇتۇپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق چۈشىنىپ، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈپ، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ئۇلۇغ كۈچىنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما ـ تەلەپلىرىنى ئەمەلىي ھەرىكەتتە ۋە خىزمەت ئۈنۈمىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: بۇ يىلدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، مۇقىم ياخشىلىنىپ، پۇختا قەدەمدە ئېشىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتى ساقلاندى. «ئىككىنى بىرتۇتاش پىلانلاش»تا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى پائال يېڭىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تۈر قۇرۇلۇشى، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەر تەرەققىياتى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، ئىستېمالنىڭ تولۇقلىنىشى، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، پۈتۈن يىللىق نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ ئورۇنداش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىش مۇھىم تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، «دائىم غېمىدە بولۇش» مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئىلمىي، دەل جايىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ـ تىزگىنلەپ، كۆلەملىك سىرتتىن كىرىش ۋە قايتا كۆرۈلۈش يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئېغىر، زور خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تۈگىتىپ، «قارا قۇ» «كۈل رەڭ كەركىدان» ۋەقەلىرى يۈزبېرىشنى قەتئىي توسۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، ئىناق، مۇقىم تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق چاقىرىق قىلىندى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، يىراق كەلگۈسى خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تەكشى، مۇقىم، ساغلام بولغان ئىقتىسادىي مۇھىت، دۆلەت تىنچ ـ ئامان، خەلق خاتىرجەم بولغان جەمئىيەت مۇھىتى، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي مۇھىتنى تىرىشىپ ساقلاپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 78 ئەزاسى، 11 كاندىدات ئەزاسى قاتناشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولمىغان، كاندىدات ئەزاسى بولمىغان ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبىرىي يولداشلار؛ ھازىرقى ۋەزىپىدىن چېكىنگەن قىسمەن ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبەرلەر ۋە پېنسىيەگە، دەم ئېلىشقا چىققان قىسمەن باش ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبەرلەر؛ ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى؛ ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار، بىڭتۇەن ئورگىنىدىكى ھەرقايسى تارماقلار ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى، شەھەرلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.