9- ئاينىڭ 9- كۈنى سائەت 0دىن 24كىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 2سى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەردى، ھەممىسى بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ كورلا شەھىرىدە؛ كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 27سى يېڭىدىن كۆپەيدى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونىدا 7سى، شىمىگو رايونىدا 2سى، مىدۇڭ رايونىدا 1ى، ئىلى ئوبلاستىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە 13ى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ كورلا شەھىرىدە 4ى بار.
9- ئاينىڭ 9- كۈنى سائەت 0دىن 24كىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يەرلىك ئاغرىق مىسالىدىن 5ى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى؛ كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 49ىنى ئايرىپ تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىندى.
9- ئاينىڭ 9- كۈنى سائەت 24كىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھازىر بار بولغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يەرلىك ئاغرىق مىسالى 12؛ كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچى 506.
پايدىلانغان مەنبە: ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى تور بېكىتى