تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، پەيتنى قولدىن بەرمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش

− ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار باش شۇجىنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈردى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ

7 - ئايدا، پۈتۈن پارتىيەدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە، مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى خۇشال - خۇرام كۈتۈۋېلىۋاتقان مۇھىم پەيتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ كۆزدىن كەچۈردى، ئىستراتېگىيە ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، شىنجاڭ ئۈچۈن تومۇر تۇتۇپ يۆنىلىش بەلگىلەپ بەردى، رول تۇتۇپ يول باشلىدى، تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرى چوڭقۇر ئىلھاملاندى، ھەسسىلەپ روھلاندى.

سەمىمىي تەلىم ئەستە چىڭ ساقلاندى. يېقىنقى ئىككى ئايدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى سادىقلىق بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەيدىغان، پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان ھەرىكەت ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقماقتا.

شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش

«قاراڭ، بۇ، تېلېۋىزىيە تىياتىرى <مېڭخۇالۇ>دىكى چابەيشى ماھارىتى. قەدىمكىلەرنىڭ چاي ئىچىشى نېمىدېگەن ھۇزۇرلۇق - ھە!» «ئاڭلاڭ، خېلو داگۇ بىلەن <ماناس> ئېيتىش يۇغۇرۇلۇپ كېتىپتۇ، بۇ ئاۋاز ھەقىقەتەن بەك يېقىملىق! »... يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن 2022 «شىنجاڭ ياخشى جاي» شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسىدە تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىش ساداسى ئۈزۈلمەي ئاڭلىنىپ تۇردى.

بۇ قېتىمقى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسىدە «ماناس» ئېيتىش، سۇجوۋ كەشتىسى قاتارلىق ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە 339 غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يېنىغا ئېلىپ كېلىنىپ، كۆپچىلىكنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە بولغان چۈشەنچىسى ۋە قىزغىن مۇھەببىتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى. كۆرگەزمە ئالتە كۈن ئېچىلىپ، 44 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق تاماشىبىن جەلپ قىلىندى.

مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىق قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش. بۇ قېتىمقى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسىنى ئۆتكۈزۈش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى كونكرېت ھەرىكەت، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى كونكرېت تۇتقا.

«قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك.» «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقى ھەرقايسى جايلار، ھەر قايسى تارماقلارنىڭ ھەرىكەت كۆرسەتمىسىگە ئايلاندى.

يېقىندا، شىنجاڭ مۇزېيى «بەھرىلىنەلەيدىغان، ھېس قىلالايدىغان، قاتنىشالايدىغان» بولۇش جەھەتتە پائال ئىزدىنىپ ۋە سىناق قىلىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش شەكلىنى تەتقىق قىلىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تىرىشىپ «جانلاندۇردى».

«باش شۇجىنىڭ شىنجاڭ مۇزېيىغا كېلىشى بىزگە زور ئىلھام بولدى.» شىنجاڭ مۇزېيىنىڭ مۇزېي باشلىقى يۈ جىيۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن ئەندىزىسى توغرىسىدىكى تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشىگە دائىر تارىخىي پاكىتلار، ئارخېئولوگىيەلىك ئەمەلىي بۇيۇملارنى، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تولۇق قېزىپ ۋە ئۈنۈملۈك تەتبىقلاپ، ھەقىقىي تۈردە شىنجاڭنىڭ قىممەتلىك تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ياخشى قوغداپ، ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ياخشى نامايان قىلىپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنى شىنجاڭ تارىخىنى توغرا تونۇشقا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭگو قەلبى، جۇڭخۇا روھىنى مۇستەھكەملەيمىز.

كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمى باشلىنىشى بىلەن، چاغانتوقاي ناھىيەلىك 2 - ئوتتۇرا مەكتەپ «20 - قۇرۇلتاينى خۇشال كۈتۈۋالايلى. ياشلىق قەلبىمىز پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ» باش تېمىسىدىكى «تۇنجى ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس» «تۇنجى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دەرسى» قاتارلىق يۈرۈشلۈك دەرسلەرنى كۆڭۈل قويۇپ تەسىس قىلدى. بۇ مەكتەپنىڭ پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى خەن مىڭجاۋ مۇنداق دېدى: «ئوقۇش باشلانغاندىكى تۇنجى دەرس»نى ياخشى ئۆتۈش، قىزىل كىنو كۆرۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسىتىپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»ىنى كۈچەيتتۇق. «بۇنىڭدىن كېيىن جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى تەربىيەسىنى ئوقۇتۇش پائالىيىتىگە سىڭدۈرۈپ، جانلىق بولۇش، تەسىرلىك بولۇش، ئۈنۈملۈك بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەيمىز» دېدى ئۇ.

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشكە تۈرتكە بولۇش

تەرەققىيات شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ مۇھىم ئاساسى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا سىجىل كۈچەپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشكە تۈرتكە بولدى.

ھازىر، دەل ھۆل ئۈزۈم يىغىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلى، تۇرپان شەھىرىنىڭ ھەرقايسى رايون، ناھىيەلىرىدىكى باغۋەنلەر ئۈزۈم يىغىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. «ئائىلىمىزنىڭ سەككىز مو ئۈزۈملۈكىدىن مول ھوسۇل ئالدۇق، ئالدىنقى مەزگىلدە ياخشى پەرۋىش قىلغاچقا، ئۈزۈمنىڭ قەنت تەركىبى يۇقىرى، رەڭگى ياخشى بولۇپ، بۇلتۇرقىغا قارىغاندا 5000 يۈەن كۆپ ساتتۇق» دېدى پىچان ناھىيەسى پىچان بازىرى قورغان كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى غېنى مەمەت خۇشال ھالدا.

«باش شۇجىنىڭ تۇرپانغا كېلىپ كۆزدىن كەچۈرۈشى بىزنىڭ يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىمىزگە يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.» تۇرپان شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شۆلياڭ مۇنداق دېدى: بىز باش شۇجىنىڭ تەلىپىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى» «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئالدىن يولغا قويۇش رايونى» بەرپا قىلىپ، ئۈزۈمدىن ئىبارەت بۇ خاس، ئەۋزەل كەسىپنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىمىز.

خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇندى. يېقىنقى مەزگىلدە تۈرلۈك تەدبىرلەر ئارقا - ئارقىدىن ئېلان قىلىندى − ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بەش تارماق بىلەن بىرلىكتە ئون تۈرلۈك تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتتى؛ ئاپتونوم رايون «يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بوغما ھالەت چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئاپتونوم رايوننىڭ قار - مۇز تەنھەرىكىتى ۋە قار - مۇز ساياھىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى ھەرىكەت لايىھەسى (2022 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە)»نى بېسىپ تارقىتىپ، شىنجاڭ قار - مۇز كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى...

پۇقرالار ئارزۇ قىلغان مۇھىم، زور تۈرلەر جىددىي قۇرۇلدى − لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ كەپىلىك رايونلارنى ئۆزگەرتىش، كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانلىرى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى، كەلپىن ناھىيەسىنىڭ شەھەردە كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش تۈرى پىلانى 10 - ئايدا تاماملىنىدۇ، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئېكولوگىيە، كەسىپ قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىغان مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرى ئەۋجىگە چىقتى... باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان سەمىمىي ئۈمىدى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا بولغان غەمخورلۇقى، كۆيۈنۈشى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشنىڭ قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى شەكىللەندۈردى.

ئاساسىي قاتلام ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى قۇرۇش

«يۇقىرىدا مىڭ تال يىپ، تۆۋەندە بىر تال يىڭنە»، مەھەللە خىزمىتى مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرگە تۇتىشىدۇ.

ئاتۇش شەھىرىنىڭ نۇرلۇق كوچا ئىش بېجىرىش باشقارمىسى ساغلاملىق مەھەللىسىدە كۆچمە نوپۇس كۆپ ئىدى، ئاھالىلەرنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بۇ يىل مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسى ئىش بېجىرىش بازىسىنى ئۆزگەرتىپ، كىتاب ئوقۇش ئۆيى، بالىلار شادلىق باغچىسى قاتارلىقلارنى كۆپەيتتى، يەنە ئاھالىلەر ئىجارىگە ئالغان ئۆيلەردە ئومۇميۈزلۈك توكلۇق مۇنچا سەپلەنمىگەنلىكتەك ئەمەلىي ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ، مەھەللە مۇنچىسىنى ئېچىۋېتىپ، ئاھالىلەرنىڭ باش قېتىنچىلىقىنى ھەل قىلدى.

ساغلاملىق مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مەمتىمىن مۇنداق بىلدۈردى: چوقۇم باش شۇجىنىڭ تەلەپ قىلغىنى بويىچە، مەھەللە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ ئويلىغىنى، ئۈمىدى، تەقەززاسىغا زىچ يېقىنلىشىپ، كۆپچىلىككە ياردەملىشىپ ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىمىز.

پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇشتا، ئالدى بىلەن كادىرلارنى ياخشى باشقۇرۇش كېرەك؛ پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئاچقۇچى ئەمەلدارلارنى قاتتىق باشقۇرۇشتا. 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ 2022 - يىللىق كەسپىي ئورۇنلارغا يېڭىدىن خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىش بويىچە ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇنقى تەربىيەلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. تەربىيەلەش دەرسلىكىگە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى سىڭدۈرۈلدى، بۇ، يېڭىدىن خىزمەتكە قاتنىشىدىغانلارنىڭ سىياسىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىللە، ئۇلارنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەردە كارامىتىنى كۆرسىتىشكە رىغبەتلەندۈردى.

ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ جۈنئەن مۇنداق دېدى: بىز توغرا بولغان ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئۆلچەمنى باش ئۆلچەم قىلىپ، يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ياخشى تۇتىمىز. مەركىزىي خىزمەت، ئومۇمىي ۋەزىيەت ۋە كەسپىي تەرەققىياتنى زىچ چۆرىدەپ، كادىرلارنى تاللاپ رەھبەرلىك بەنزىسىگە سەپلەپ، ئاساسىي قاتلامنى چىڭ تۇتۇپ ئاساس سېلىپ، قوشۇن قۇرۇپ ئىختىساسلىقلارنى مۇجەسسەملەپ، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز.

باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشنى مۇستەھكەملەپ، كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساس سېلىشنى شىنجاڭنى مۇقىم - ئەمىن قىلىشتىكى ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتتى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسى پىلال يېزىسى پىلال كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى پارتىيە قۇرۇلۇشى يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، جاڭدۇ تېرىقچىلىقىنىڭ كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى زورايتىش، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتىكى يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى قېزىپ، جاڭدۇنى ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى «ئالتۇن پۇرچاق»قا ئايلاندۇردى.

«9 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، 500 مو يەردىكى جاڭدۇنى سېتىپ بولغاندىن كېيىن، بىز ئېڭىزغا بەسەي، چامغۇر قاتارلىقلارنى تېرىيمىز.» كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لى شياۋمىن مۇنداق دېدى: «كۆپچىلىك بىرلىكتە تىرىشىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.