تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشنى ھەرىكىتىدە كۆرسىتىش

− ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەپ، تەرەققىياتنى كۆزلىدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

بۇ يىل 7 ـ ئايدا، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشىنى خۇشال ـ خۇرام كۈتۈۋېلىۋاتقان پەيتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭغا كېلىپ كۆزدىن كەچۈردى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى.

باش شۇجىنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە قۇدرەتلىك سىياسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە خىزمەت ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بېغىشلىدى. ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما سەمىمىي تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ھەربىر قەدەمنى پۇختا بېسىپ، باش شۇجى شىنجاڭ ۋە بىڭتۇەن ئۈچۈن تۈزۈپ بەرگەن ئۇلۇغۋار پىلاننى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرماقتا.

مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونى گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسى پارتىيە ئەزالىرى ـ ئامما مۇلازىمەت مەركىزى زالىدا «مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك كوللېكتىپ» دېگەن لەۋھە تاختىسى كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇراتتى.

«بىز باش شۇجىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتىكى ئەمەلىي خىزمەت ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرىمىز.» گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئارزۇگۈل كېرەم مۇنداق دېدى: ئىككى ئايغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، مەھەللىمىز خەلق تۇرمۇشىنى ئىگىلەش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، خەلققە قولايلىق يارىتىش مۇلازىمەت يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقات تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى، «قەلبىنۇر ئىشلارنى ئىنكاس قىلىش نۇقتىسى»دىن پايدىلىنىپ ئاھالىلەر ئارىسىدىكى زىددىيەت ـ ماجىرالارنى ھەل قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىتتىپاق، ئېجىل ـ ئىناق بولغان مەھەللە كەيپىياتى ياراتتى.

«باش شۇجى بىزنىڭ تۇەنگە كەلگەندە، مەن يۇرتۇم ئۈچۈن تولىمۇ ئىپتىخارلىق ھېس قىلدىم.» شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 8 ـ شى 143 ـ تۇەنى 1 ـ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ليۇ يۈ مۇنداق دېدى: 10 يىلدىن بۇيان، تۇەن ـ مەيدانىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر غايەت زور بولدى، خەلق تۇرمۇشى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، باش شۇجى بىزنىڭ بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى كۆردى.

ليۇ يۈ مۇنداق دېدى: تۇەن ـ مەيداندىكى ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر بىنا ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى، ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئېتىزغا بېرىپ ئىشلەش نورمال ھالەتكە ئايلاندى؛ تۇەن ـ مەيدانىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش، زامانىۋىلاشتۇرۇش دەرىجىسى ئۆستى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بارغانسېرى ياخشىلاندى. ئۇ مائارىپ ئادىللىقىنىڭ ئىشقا ئاشقانلىقىدىن تولىمۇ ھاياجانلاندى، بۈگۈنكى كۈندە تۇەن ـ مەيداننىڭ ئوقۇتقۇچىلار بايلىقى ۋە ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى شىخەنزە شەھىرىدىن قېلىشمايدىغان بولۇپ، مەكتەپ تاللاش قىزغىنلىقى تارىخقا ئايلاندى.

«مەكتەپتە ئوقۇش باشلاندى، مەن باش شۇجىغا بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىمنى ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىكى ئەمەلىي ھەرىكىتىمگە ئايلاندۇرىمەن» دېدى ليۇ يۈ.

يېقىندا، شىنجاڭ مۇزېيى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئەلمىرە «جۇڭخۇا يىلنامىسى − دۆلەتنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشىغا دائىر ئەمەلىي ئىسپات، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى»نى كۆرگەزمە قىلىش تەييارلىق خىزمىتىگە قاتنىشىۋاتاتتى. يېقىنقى ئىككى ئايدىن بۇيان، ئەلمىرە باش شۇجىنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قايتا ـ قايتا چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەتقىق قىلىپ ئوقۇپ، مۇزېينىڭ تەتقىقات خىزمىتىگە قارىتا نۇرغۇن يېڭى ئويغا كەلدى.

«مەن بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە تەتقىق قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىغا دائىر تارىخىي پاكىتلار، ئارخېئولوگىيەلىك ئەمەلىي بۇيۇملار، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تولۇق قېزىپ ۋە ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى شىنجاڭ مۇزېيىدا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلغان، گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىدىغان مەدەنىيەت سەپىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرىمەن» دېدى ئەلمىرە.

باش شۇجى كۆرسەتكەن يۆنىلىشنى بويلاپ جەسۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەش

بايراق يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، يادرو كەلگۈسىگە يول باشلايدۇ. باش شۇجىنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ھەرقايسى جايلارنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 8 ـ شى شىخەنزە شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، 8 ـ شىنىڭ جېڭۋېيى ئې خۇڭدا مۇنداق بىلدۈردى: 8 ـ شى شىخەنزە شەھىرىدىكى كادىرلار، ئامما باش شۇجىنىڭ بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى توغرىسىدىكى تەلەپلىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەمەلىي، جانلىق، ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىدۇ.

8 ـ شى 143 ـ تۇەن ساۋەن شەھىرى بىلەن قوشنا. «ليەندۈيدە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا مۇلازىمەت ئەترىتىدىن تۆتى بار، ھەر يىلى ساۋەن شەھىرىگە قەرەللىك بېرىپ تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش بىلەن بىللە، يەنە كۆپچىلىكنى كېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا، ئۆگىنىشكە تەكلىپ قىلىدۇ.» 143 ـ تۇەن 9 ـ ليەن پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ليەن باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ جىداۋيۈەنى گو خۇڭجۇڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ليەندۈي ئۈرۈمچى ناھىيەسى، ماناس ناھىيەسى قاتارلىق جايلار بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك ئۆزئارا ياردەم بېرىش مېخانىزمى ئورناتتى.

«باش شۇجىنىڭ تەلىپى بىزنىڭ تىرىشىش يۆنىلىشىمىز. بىز ئەتراپتىكى ناھىيە، شەھەرلەر بىلەن ھەمتۈرتكىلىك ھەمكارلىشىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ تەرەققىي قىلىپ، ئورتاق پايدا ئېلىشىغا تېخىمۇ پايدىلىق بولغان تۈزۈلمە ـ مېخانىزم ئورنىتىشقا تۈرتكە بولىمىز» دېدى گو خۇڭجۇڭ.

تۇرپان شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شۆلياڭ مۇنداق بىلدۈردى: تۇرپان شەھىرى «شىنجاڭ بويىچە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى» «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئالدىن يولغا قويۇش رايونى» قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى روھىنىڭ تۇرپاندا جايىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

«باش شۇجى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلدى، بۇمۇ تۇرپاننىڭ مۇشۇ يىللاردىكى خىزمەت مۇھىم نۇقتىلىرىنىڭ بىرى» تۇرپان شەھەرلىك سۇچىلىق ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى خۇاڭ چىڭۋېن مۇنداق دېدى: تۇرپان شەھىرى سۇ سۈپىتى جەھەتتە قاتلاممۇقاتلام ئۆتكەلنى ئىگىلەش ئارقىلىق، سۇ مۇھىتى سۈپىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلدى، بۇ بىرنەچچە يىلدا يەر ئۈستى سۈيى مۇھىتىنىڭ سۈپىتى پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى.

بۇ شەھەر سۇچىلىق قۇرۇلۇشى ئەسلىھەلىرىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق دەريا، كۆل، ۋادىلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىپ، يۇندى بىر تەرەپ قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سۇ مۇھىتىنىڭ سۈپىتىنى مۇستەھكەملەپ ئۆستۈرمەكتە.

«باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنى قايتا ئەسلىگىنىمدە، قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلاپ، ھەسسىلەپ ھاياجانلىنىمەن» ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ـ مۇزېي يۇرتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى شۈ رۇيجۈن مۇنداق بىلدۈردى: ئاپتونوم رايوندىكى مەدەنىيەت ـ ساياھەت تارماقلىرى شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىغا دائىر تارىخىي پاكىتلار، ئارخېئولوگىيەلىك ئەمەلىي بۇيۇملار، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تولۇق قېزىپ، ئۇلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى كۆپ قاتلاملىق، ھەر تەرەپلىمە، ئىستېرېئولۇق ياخشى سۆزلەپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» ساياھەت ماركىسىنى يەنىمۇ تونۇتماقتا.

جان تىكىپ ئېلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ گۈزەل ئەتىگە بىرلىكتە ئاتلىنىش

ئۈرۈمچى تاموژنىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، تاموژنا باشلىقى شېن ياڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئۈرۈمچى تاموژنىسى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىغا پائال مۇلازىمەت قىلىشنى مۇھىم ۋەزىپە ـ مەسئۇلىيەت قىلىپ، تىرىشىپ دۆلەت دەرۋازىسىنى ساقلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، راۋان بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، مۇھىتنى ئەلالاشتۇرۇپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردى.

«كۆپچىلىكنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش قىزغىنلىقى ئاشتى» ئۈرۈمچى تاموژنىسىغا قاراشلىق ئۈرۈمچى ـ سانجى تاموژنىسى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش 1 ـ بۆلۈمىنىڭ 1 ـ دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى شيې پىڭ نەق مەيداندا باش شۇجىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان ھالەتنى ئەسلىگىنىدە ھېلىھەم ناھايىتى ھاياجانلىنىدۇ.

شيې پىڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: يېقىنقى ئىككى ئايدىن بۇيان، ئۈرۈمچى ـ سانجى تاموژنىسى خىزمەت تەرتىپىدە يېڭىلىق يارىتىپ، نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىنىڭ جۇڭگو ـ قىرغىزىستان ـ ئۆزبېكىستان تاشيول ـ تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورتى خەلقئارا يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزى، شىنجاڭنىڭ قۇرۇقلۇق، دېڭىز يېڭى يولى دېڭىز ـ تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورتى بويىچە تۇنجى نۆۋەتلىك ئوتتۇرا ئاسىيا نۆۋەتچى پويىزىنى توشۇشقا تاپشۇرۇشىغا كۈچ قوشۇپ، «كۆپ نۇقتىدا مال قاچىلاش، مەركەزلىك تەكشۈرۈش»تىن ئىبارەت تاشيول ئېكسپورت يېڭى ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، قۇرۇقلۇق پورتى رايونىنىڭ مال يىغىش ـ تارقىتىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇردى.

ئۈرۈمچى ـ سانجى تاموژنىسى «تاموژنا ـ تۆمۈريول تىرانسپورتىنى راۋانلاشتۇرۇش» «تۆمۈريولدا تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش كەسپى» «دېڭىز، قۇرۇقلۇق، ھاۋا، پوچتا» يىغىپ توپلاش ۋە يۈك تەشكىللەش كەسپىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇمىي ئەشيا ئوبوروتى زەنجىرىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇرۇقلۇق پورتى رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

9 ـ ئايدىكى تۇرپاندا مېۋە ـ چېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى تارالدى، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونى يار بازىرى يېڭىشەھەر تەۋەلىك رايونى يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتى يەنە بىر مول ھوسۇل پەسلىنى كۈتۈۋالدى.

«بىز ياخشى بولغان ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە ئىگىلىك تىكلەش تەجرىبىسىنى ئېلىپ كەلدۇق!» باش شۇجىنىڭ يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى تاپشۇرۇقىنى ئېلىپ، 8 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى، يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتىدىكى ياش بېيىش باشلامچىسى ئوسمان ئابلىمىت قاتارلىق تۆت كەنت ئاھالىسى ۋەكىلى قوشماقلاشقان كەنت − خۇنەن شىبادۇڭ كەنتىگە بېرىپ، يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىگەن مياۋزۇ ياش شى كاڭدىن ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە ئىگىلىك تىكلەش تەجرىبىسىنى ئۆگىنىپ، يەرلىكنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ـ سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلىدى.

«باش شۇجىنىڭ شىنجاڭ داشۆدىكى كەڭ ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلار، خىزمەتچىلەرگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، كۆيۈنگەنلىكى ۋە چوڭقۇر ئۈمىدى بىزنى ئىنتايىن ئىلھاملاندۇردى ۋە رىغبەتلەندۈردى» شىنجاڭ داشۆ پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شۈ شيەنيى مۇنداق دېدى: شىنجاڭ داشۆ «قوش بىرىنچى قاتار» قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى روشەن خاسلىققا ئىگە بىرىنچى قاتاردىكى داشۆ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىدىغان مەنىۋى ماكان، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈپ چېگرانى مۇستەھكەملەيدىغان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرىدىغان بۆشۈك، رايوننى يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلەيدىغان ئېگىزلىكنى تىرىشىپ بەرپا قىلماقتا.

(مۇخبىرلار سۈي يۈنيەن، جاڭ يۈنمېي، قاتناشقان مۇخبىرلار جېڭ جو، لياڭ لىخۇا، مېھرىگۈل غوپۇر، يىن لۇ، چېن چياڭۋېي، جاڭ رۇيلىن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.