تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنى شەكىللەندۈرۈش

− ئاپتونوم رايونىمىز باش شۇجىنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، تەشۋىق قىلدى، ئىزچىللاشتۇردى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى 9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلىدۇ.» بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى يىغىن ئېچىپ چىقارغان قارارى.

ھەربىر سەمىمىي تاپشۇرۇق قۇلاق تۈۋىمىزدە جاراڭلاپ تۇرماقتا، ھەربىر مەسئۇلىيەت قەلبىمىزگە چوڭقۇر ئويۇلدى. يېقىنقى ئىككى ئايدىن بۇيان، شىنجاڭ بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە باش شۇجىنىڭ سۆزىنى ئۆگىنىش، باش شۇجىنىڭ يوليورۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قىزغىن دولقۇنى قوزغاپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەيدىغان كۈچلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى سادىقلىق بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقماقتا.

يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇپ، چوڭقۇر ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش

باش شۇجى شى جىنپىڭ 7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى شىنجاڭدىن ئايرىلىپ بېيجىڭغا قايتتى. 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، 7 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، شىنجاڭدا ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىنى، ئاپتونوم رايوننىڭ كادىرلار يىغىنى ئېچىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە كومىتېتى قاتارلىقلارمۇ دەرھال ئوخشاش بولمىغان شەكىلدە ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، چوڭقۇر ئۆگىنىش، كۆڭۈل قويۇپ تەتقىق قىلىشقا چىن دىل بىلەن ھەقىقىي كۈچ سەرپ قىلىش، روھىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشتە ھەقىقىي ھەرىكەتكە كېلىش، چىن مەنىسىنى ئۆزلەشتۈرۈشكە كۈچىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالى، شەھەر، يېزا - كەنتلەر، تۇەن - مەيدان، چارۋىچىلىق رايونلىرى، كوچا باشقارمىسى، مەھەللىلەردە... ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، ئەمەلدە كۆرسىتىش، ئۆزلەشتۈرۈش داۋامىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىدىكى ئىدىيە، ئەقىل - پاراسەت ۋە مەنىۋى كۈچنى ئۈزلۈكسىز قوبۇل قىلدى.

«باش شۇجىنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرى ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش»، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مۇشۇنداق تەلەپ قىلىپ، مۇشۇنداق ئۈلگە بولۇپ، مەخسۇس ئۈچ قېتىمغا بۆلۈپ مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چوڭقۇر ئۆگەندى، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈردى، ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار بىر قەدەم ئالدىدا ئۆگىنىش، بىر قاتلام چوڭقۇر ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىش، ئۆگىنىشكە يېتەكچىلىك قىلىش، ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە باش شۇجىنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنىڭ مول ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە روھىي ماھىيىتىنى توغرا ئىگىلەشكە يېتەكچىلىك قىلدى.

ئالدىنقى مەزگىلدىكى كەڭ دائىرىدە ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش ئاساسىدا، 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنىدىن 3 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايون ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبەرلەر ۋە ۋىلايەت، نازارەت دەرىجىلىك ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسى ئاچتى. بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە كۇرسى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قاتار ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنىڭ مۇھىم ھالقىسى.

تونۇش مۇھاكىمە داۋامىدا چوڭقۇرلاشتى، ئورتاق تونۇش پىكىر ئالماشتۇرۇش داۋامىدا مۇجەسسەملەندى. ھەرقايسى ئورۇنلار، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنى ئېچىش، باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق شەكىللەرگە بىرلەشتۈرۈپ كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. كۆپچىلىك ھەر قېتىم تەسىراتىنى سۆزلەش، چۈشەنچىسىنى سۆزلەش، پىكىر ئالماشتۇرۇش داۋامىدا، باش شۇجىنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا بولغان سەمىمىي ئۈمىدىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى.

«ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئومۇميۈزلۈك سىستېمىلىق ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىش، ۋاسىتىلەرنى بېيىتىپ ئۆگىنىش ئارقىلىق، بىزنىڭ باش شۇجىنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنىنى قانداق ئىگىلەش ۋە چۈشىنىشكە نىسبەتەن پىكىر يولىمىز تېخىمۇ ئېنىقلاشتى».

«ئۆگەنگەنسېرى مەزمۇنىنىڭ مول ھەم چوڭقۇرلۇقىنى شۇنچە ھېس قىلدۇق، ئۆگەنگەنسېرى پەرقىمىز بارلىقىنى شۇنچە ھېس قىلدۇق».

كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار مۇنداق بىلدۈردى: قايتا - قايتا ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈش، قايتا - قايتا تەتقىق قىلىپ ئوقۇپ پىكىر يۈرگۈزۈشتە چوقۇم ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن ھەقىقىي تۈردە باش شۇجىنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى كاللىمىزغا ئورنىتىپ، قان - قېنىمىزغا سىڭدۈرۈپ، قەلبىمىزگە چىڭ پۈكەلەيمىز.

شەكىلدە يېڭىلىق يارىتىپ كەڭ تەشۋىق قىلىش

ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، قەلبلەرگە سىڭدۈرۈش، پۇختا قىلىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىشتا، جەزمەن ئاممىۋى لۇشيەندە ياخشى مېڭىش كېرەك.

بۇ كۈنلەردە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار ئامما ياقتۇرىدىغان شەكىللەردىن پايدىلىنىپ، بىر قاتار تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈش پائالىيەتلىرىنى كۆپ شەكىلدە، كۆپ قاتلاملىق قانات يايدۇرۇپ، باش شۇجىنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى مىليونلىغان ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈپ، ئېتىز باشلىرىدا تارقىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتقۇزدى.

قاراماي شەھىرىنىڭ جەرەنبۇلاق رايونى (قاراماي يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى) تۈرلۈك ئاممىنى تەربىيەلەش ئاممىۋى بايلىقلىرىنى ئەلالاشتۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ، «شىڭخو تەكرار قىلىش ئۆيى» «تىڭتىڭ تۇتاش قەلبلەر» «خەلق تۇرمۇشى چايخانىسى» قاتارلىق يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكى ئەمەلىيەت مەركىزىنى بەرپا قىلىپ، باش تېمىلىق لېكسىيە پائالىيىتىنى دائىملىق قانات يايدۇردى.

«لېكسىيەنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، باش شۇجىنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىغا نىسبەتەن تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچە ۋە تەسىراتقا ئىگە بولدۇم.» جىنلۇڭ بازىرى كوچا باشقارمىسى تيەنيۈەن مەھەللىسىدىكى پېنسىيەگە چىققان كادىر سۇڭ پېيجۈن مۇنداق دېدى: «پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن مەھەللىدە رولۇمنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئاڭلىغان لېكسىيەنىڭ مەزمۇنىنى ئەتراپىمدىكى ھەربىر كىشىگە سۆزلەپ بېرىمەن».

ئالتاي شەھىرىنىڭ بالباغاي يېزىسىنىڭ دومبىرا لېكسىيە سۆزلەش شۆبە ئەترىتى باش شۇجىنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى دومبىرا چېلىپ ناخشىغا قوشۇپ تەشۋىق قىلدى، چارۋىچى ئاۋقان توقسان ئىشتىياق بىلەن ئاڭلىدى.

«لېكسىيەنى بۇنداق سۆزلىسە، بىز ئاڭلاپ چۈشىنەلەيمىز، شۇنداقلا ياقتۇرۇپ ئاڭلايمىز.» ئاۋقان مۇنداق دېدى: «دەل باش شۇجىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە كۆيۈنۈشى بولغاچقا، يۇرتىمىزدا بۇ بىرنەچچە يىلدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى، چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى. باش شۇجىنىڭ بۇ قېتىم شىنجاڭغا كېلىشى مېنى ئىچ - ئىچىمدىن خۇشال قىلدى».

ياڭراق ناخشا ساداسى، لەرزان ئۇسسۇل. شايار ناھىيەسىنىڭ يېڭىمەھەللە بازىرى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللەپ، باش شۇجىنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى ناخشا - ئۇسسۇل نومۇرلىرىغا بىرلەشتۈرۈپ ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتى سۈپىتىدە سەھنىگە ئېلىپ چىقىپ تەشۋىق قىلىشنى قانات يايدۇردى.

«ھەربىر نومۇرنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنى مول ئىكەن، ھەم ۋەتەنگە مەدھىيە ئوقۇلۇپ، پارتىيەنىڭ شەپقىتى كۈيلىنىپتۇ، ھەم پۇقرالارنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى نامايان قىلىنىپتۇ، مىللەت خاسلىقىغا ئىگە مەدەنىيەت گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ.» يېڭىمەھەللە بازىرىنىڭ ئاھالىسى پاتىگۈل بىلال ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ مۇنداق دېدى: «جانلىق، تەسىرلىك، مەنىلىك بولغان بۇنداق <لېكسىيە>نى كۆرگەنسېرى كۆرگىمىز كېلىدۇ».

ھەرقايسى ساھە، سىستېمىلارنىڭ تەشۋىقات تارماقلىرىدىكى لېكسىيە سۆزلەشنى ياخشى كۆرىدىغان، لېكسىيە سۆزلەشنى بىلىدىغان، لېكسىيە سۆزلىيەلەيدىغان زور بىر تۈركۈم «لېكسىيە تايانچ»لىرى ئۆزىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، لېكسىيە سۆزلەش قوشۇنىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، ئوخشاش بولمىغان كەسىپ، ئوخشاش بولمىغان ساھە، ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر توپىغا قارىتا لېكسىيە سۆزلەش ئۇسۇلىنى بېيىتىپ، كېڭەيتىپ، باش شۇجىنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنىڭ شىنجاڭ تۇپرىقىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىش

بىلىش قانچە ئېنىق بولسا، ھەرىكەت شۇنچە پۇختا بولىدۇ. ئۆگىنىش چوڭقۇرلاشقانسېرى، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، قوللىنىشنى بىرلەشتۈرۈش، بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى شۇنچە كۈچەيتىش كېرەك.

پىكىر يۈرگۈزۈپ ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈردى، ئۆزىگە تەتبىقلىدى، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتكە تەتبىقلىدى، تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرى باش شۇجىغا بولغان ھۆرمەت ھېسسىياتى، مىننەتدارلىق قەلبىنى گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشقا ئاتلىنىشتىكى غايەت زور قىزغىنلىق ۋە قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇردى.

مەھەللە ھەرقايسى مىللەتلەر ئالاقىلىشىدىغان، ئالماشتۇرىدىغان، يۇغۇرۇلغان چوڭ ئائىلە. ئۈرۈمچى شەھىرى گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسى ئىزچىل مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئەڭ مۇھىم ئامما خىزمىتى دەپ بىلدى، ھەر مىللەت ئامما بۇ يەردە بىللە تۇرىدۇ، بىللە ئۆگىنىدۇ، بىللە ئىشلەيدۇ، بىللە كۆڭۈل ئاچىدۇ.

«يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەھەللە ھەر خىل شەكىلدىكى <مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش> پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاھالىلەرنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قوشنىلار ئارىسىدىكى ھېسسىياتنى كۈچەيتتى.» مەھەللە پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئارزۇگۈل كېرەم مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجىنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىن ئىبارەت بۇ جان تومۇرنى ياخشى قوغداپ، ئاھالىلەرنى تېخىمۇ ئىناق، تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىمىز.

مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىق قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم، زور.

بىڭتۇەن 11 - شى 4 - ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ما سىخۇي مۇنداق بىلدۈردى: خەلق ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باش شۇجىنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى مائارىپ ئوقۇتۇشى ۋە سىنىپ باشقۇرۇشقا سىڭدۈرۈپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى مەكتەپ مائارىپى داۋامىدا تېخىمۇ موللاشتۇرۇپ، ۋەتەننى سۆيۈش، شىنجاڭنى سۆيۈش ئىدىيەسىنى ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرىمەن.

بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، بۇيلۇقتا باش شۇجىنى كۆرگەن چاغدىكى كۆرۈنۈشنى ئەسلىگىنىدە، تۇرپان شەھەرلىك ئۈزۈمچىلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ لىيۈەن يەنىلا ئىنتايىن ھاياجانلاندى.

«باش شۇجىغا تۇرپان ئۈزۈمىنىڭ سورتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ بېرەلىگەنلىكىمدىن چەكسىز شەرەپ ھېس قىلدىم.» ليۇ لىيۈەن مۇنداق دېدى: «ئۈزۈم بۇ يەردىكى نۇرغۇن يېزا ئائىلىلىرىنىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي كىرىم مەنبەسى. بىز باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، ئۈزۈم پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، <شېرىن كەسىپ>نى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ <بېيىش كۈيى>نى ياڭرىتىمىز».

دۆلىتىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش قاتارلىقلارنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ نىسپىي بېكىنمە ھالەتتىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق رايوندىن سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئايلاندى، تەرەققىياتى تارىخىي يېڭى پۇرسەتنى كۈتۈۋالدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، تاشقى سودىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تۈرلۈك تەدبىرلەر ئارقا - ئارقىدىن ئېلان قىلىنىپ جايىدا ئەمەلىيلەشتى. ئۈرۈمچى تاموژنىسى ئېكسپورت قىلىنىدىغان ماللارنى «بىر قېتىم مەلۇم قىلىش، بىر قېتىم تەكشۈرۈش، بىر قېتىم ئۆتكۈزۈش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان «تاشيول - تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورتى»دا دائىملاشتۇرۇپ توشۇشنى ئالغا سىلجىتىش، كارخانىلار جىددىي ئېھتىياجلىق ماللارنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى تېزلىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 16 تۈرلۈك تەدبىرنى ۋاقتىدا تەتقىق قىلىپ تۈزدى، شىنجاڭنىڭ ئېكسپورتى ئۇدا ئالتە ئاي بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20تىن ئارتۇق ئېشىشنى ساقلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.