تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

بىر پارچە قارا كۆمۈر «72 خىل ئۆزگىرىش»نى باشتىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، يەنە ئەسلىدىكى «قارا كاللەك» بولامدۇ؟

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن

كۆمۈر تىلغا ئېلىنسا، سىزنىڭ كۆز ئالدىڭىزغا يەنىلا «قارا كاللەك»، پەقەت قالاپ ئىسسىنىشقىلا ئىشلىتىلىدىغان قارا چالما كېلەمدۇ؟

ياق، ياق، ياق، شىنجاڭدا بىر پارچە قارا كۆمۈر «72 خىل ئۆزگىرىش»نى بېشىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن پۈتۈنلەي باشقىچە تۈسكە كىرىدۇ. ئۇ تەبىئىي گاز، مېتانول، ئولېفىن، BDO (1، 4-بۇتاندىئول) ، پولى ئېتىلېنغا ئايلىنىشى، «بىر پارچە سۇلياۋ» ، «بىر قۇر كىيىم»گە ئايلىنىشى مۇمكىن ... بۇلارنىڭ ھەممىسى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلغانلىقىدىن بولغان.

كۆمۈردىن ئېلىنغان گاز ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ ئۆيىگە كىردى

تۆۋەن سۈپەتلىك كۆمۈرنى خام ئەشيا قىلىپ، ئۇنى گازلاشتۇرغاندىن كېيىن، كۆمۈر تەبىئىي گازغا ئايلىنىدۇ.

قارا رەڭلىك كۆمۈر بىر قاتار كۆمۈر خىمىيە سانائىتى يولى بىلەن پىششىقلاش ھۈنەر- سەنئىتى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن، گونېڭ شىنجاڭ خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىدە ئاپئاق گۈرۈچ دېنىغا ئوخشايدىغان پولى پروپىلېن ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن فوتوسى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا، ئىلى شىنتيەن كۆمۈر خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شىنجاڭ چىڭخۇا ئېنېرگىيە گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ۋەكىللىكىدىكى كۆمۈردىن گاز ئېلىش كارخانىلىرى ھەر كۈنى تەخمىنەن 10 مىليون 500 مىڭ كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىدۇ، ھەمدە غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش تۇرۇبا يولى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ تۇرۇبا لىنىيەسى بويىدىكى شەھەرلەرنى ھەم جېجياڭ، خېنەن، شەندۇڭ قاتارلىق جايلارنى تەمىنلەيدۇ.

كۆمۈردىن ئېلىنغان بۇ گازلار ئائىلىۋى تۇرمۇشتا تاماق ئېتىشكە ئىشلىتىلگەندىن باشقا، يەنە ئىسسىنىش ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىلىدۇ. بىر كۇب مېتىر تەبىئىي گازنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئۈچ جانلىق ئائىلە بىر كۈن ئىشلىتەلەيدۇ، ئەگەر كۆمۈردىن ئېلىنغان بۇ گازلارنىڭ ھەممىسى ئائىلىۋى تۇرمۇشقا ئىشلىتىلسە، ھەر كۈنى 10 مىليون 500 مىڭ ئائىلىنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىيالايدۇ.

شىنجاڭ شىنيې ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى LNG ئاپتوموبىلغا قاچىلاش پونكىتىدا قاچىلاش مەشغۇلاتى قىلماقتا.

ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ كاڭ فوتوسى

ئارا تۈرۈك ناھىيەسى، ۋۇجياچۈ شەھىرى قاتارلىق جايلاردا بىر پارچە كۆمۈر گازلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، مېتانول، LNG (سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز)غا ئايلىنىدۇ. 2021- يىلى، گۇاڭخۇي ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مېتانول مەھسۇلات مىقدارى 1 مىليون 200 مىڭ توننا، LNG مەھسۇلات مىقدارى 700 مىليون كۇب مېتىر بولدى؛ شىنجاڭ شىنيې ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مېتانول مەھسۇلات مىقدارى 500 مىڭ توننا، LNG مەھسۇلات مىقدارى 270 مىليون كۇب مېتىر بولدى.

بۇ LNGلار سوغۇق زەنجىر ئارقىلىق LNG گاز قاچىلاش پونكىتىغا توشۇلىدۇ، گاز قاچىلاش پونكىتىدا گازلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، بىر قىسمى تۇرۇبا يولى ئارقىلىق ئاھالىلەرنىڭ ئائىلىۋى تۇرمۇشتا ئىشلىتىشىگە يەتكۈزۈلىدۇ، بىر قىسمى گاز قاچىلاش پونكىتىدا چوڭ يۈك ئاپتوموبىلى، تاكسىلارغا قاچىلىنىدۇ. بېنزىن، دېزىلغا سېلىشتۇرغاندا، LNG نى قاچىلىسا تېخىمۇ ئەرزان توختايدۇ، تېخىمۇ مۇھىت قوغدايدۇ.

نۆۋەتتە، شىنيې ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ LNG بىلەن تەمىنلەش دائىرىسى ئاساسلىقى ۋۇجياچۈ شەھىرىدە؛ گۇاڭخۇي ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ LNG بىلەن تەمىنلەش دائىرىسى شىنجاڭ ھەم گەنسۇ، نىڭشيانىڭ قىسمەن ناھىيە، شەھەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، 2021- يىلى تەخمىنەن 600 مىڭ ئائىلىنى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلدى.

شىنجاڭنىڭ خىمىيە سانائىتى يېڭى ماتېرىياللىرى مۇتەخەسسىسى، ئالىي ئىنژېنېر فەن چېڭۋېي مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: شىنجاڭدىكى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كارخانىلىرى ئاساسلىقى ئۈرۈمچى- سانجى رايونى، قومۇل شەھىرى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ھەمدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاقسۇ ۋىلايىتىگە تارقالغان بولۇپ، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپى دەسلەپكى كۆلەمگە ئىگە بولدى. نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ كۆمۈر خىمىيە سانائىتىنىڭ ئاساسلىق يولى كۆمۈردىن گاز ئېلىش، كۆمۈردىن مېتانول ئېلىش، كۆمۈردىن ئولېفىن ئېلىش، كۆمۈردىن يېڭى ماتېرىيال ياساشتىن ئىبارەت.

كۆمۈردىن ياسالغان يېڭى ماتېرىيالنىڭ ئاشۇرما قىممىتى نەچچە ھەسسە ئاشتى

مۇخبىرنىڭ شىنيې ئېنېرگىيەسىدىن ئىگىلىشىچە، تەخمىنەن 2.8 توننا كۆمۈرنى پىششىقلاپ بىر توننا مېتانول، قوشۇمچە 0.45 توننا LNG ئىشلەپچىقارغىلى بولىدىكەن.

ھازىر بىر توننا مېتانولنىڭ بازار باھاسى 1800 يۈەن، بىر توننا LNGنىڭ سېتىلىش باھاسى تەخمىنەن 6000 يۈەن. زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى تېخنىكىسى ئارقىلىق، ئەسلىدە بىر توننىسى ئىككى- ئۈچ يۈز يۈەن بولغان كۆمۈرنىڭ ئاشۇرما قىممىتى تەخمىنەن 18 ھەسسە ئاشتى.

مېتانول ۋە LNG ئىشلەپچىقارغاندىن باشقا، شىنيې ئېنېرگىيەسى يەنە BDO نى ئىشلەپچىقىرىدۇ، 2024- يىلى 2- قارارلىق قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كېيىن، BDO نىڭ يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 200 مىڭ توننىغا يېتىدۇ. BDO تېببىي دورىگەرلىك، خىمىيە سانائىتى، توقۇمىچىلىق، قەغەز ياساش، ئاپتوموبىل ۋە كۈندىلىك خىمىيە سانائىتى ساھەلىرىدە كەڭ ئىشلىتىلىدۇ، ئۇ مېتانولنىڭ ئىككىلەمچى داۋاملاشما كەسپى. «مېتانول بىلەن ئوكسىگېننى رېئاكسىيەلەشتۈرۈپ فورمالدېھىد ئېلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە كالتسىي كاربىدنى خام ئەشيا قىلىپ ئاتسېتىلېن ياسىلىدۇ، ئاندىن فورمالدېھىد بىلەن ئاتسېتىلېننى سىنتېزلاش ئارقىلىق BDO ياسىلىدۇ.» دېدى شىنيې ئېنېرگىيەسى باش ئىنژېنېر ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ فېڭ.

سۈرەتتە: شىنجاڭ گويې يېڭى ماتېرىيال پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى پولى فورمالدېھىد تۈرىنىڭ قۇرۇلۇش قىلىش مەزگىلىدىكى بوشلۇقتىن تارتىلغان سۈرىتى.

ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ كاڭ فوتوسى

شىنيې ئېنېرگىيەسىنىڭ مېتانولىنى خام ئەشيا قىلىپ، شىنجاڭ گويې يېڭى ماتېرىيال پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، پولى فورمالدېھىد ئىشلەپچىقىرىدۇ، 9- ئاينىڭ ئاخىرىدا قۇرۇلمىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى مۆلچەرلەندى. «پولى فورمالدېھىد بەش چوڭ قۇرۇلۇش ماتېرىيالىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنى ئاپتوموبىلنىڭ فۇنكسىيەلىك قۇرۇلما دېتالى قىلىشقا بولىدۇ. نۆۋەتتە، پولى فورمالدېھىدنىڭ ھەر توننىسىنىڭ بازار باھاسى تەخمىنەن 16 مىڭ يۈەن بولۇپ، كەسىپ زەنجىرى ئۇزارتىلغاندىن كېيىنكى ئاشۇرما قىممىتى يەتتە ھەسسە ئاشتى.» دېدى شىركەتنىڭ باش ئىنژېنېرى پېڭ لياڭلياڭ.

گونېڭ شىنجاڭ خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى باشقۇرۇش، تىجارەت قىلىشقا مەسئۇل بولغان «شېنخۇا شىنجاڭ» يىلىغا 680 مىڭ توننا كۆمۈرنى ئاساس قىلغان يېڭى ماتېرىيال ئىشلەپچىقىرىش تۈرى شىنجاڭدىكى تۇنجى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن كۆمۈرنى ئاساس قىلغان يېڭى ماتېرىيال تۈرى، بۇ تۈردە يىلىغا 1 مىليون 800 مىڭ توننا مېتانول ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، ھەم مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە بولغان مېتانولدىن ئولېفىن ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى ئارقىلىق يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پىششىقلىنىپ ئولېفىن ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.

گونېڭ شىنجاڭ خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە پولىپىروپىلېن ئىشلەپچىقىرىلماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن فوتوسى

بۇ شىركەت ئولېفىننى خام ئەشيا قىلىپ پولى ئېتىلېن، پولى پروپىلېن ئىشلەپچىقىرىدۇ. ئاق گۈرۈچ دېنىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بۇ خىل دانچە ئىككىلەمچى كارخانىلارغا سېتىپ بېرىلىدۇ، بۇ كارخانىلار ئىچىملىك بوتۇلكىسى، سۈتچاي ئىستاكانى، توقۇلما خالتا، باغلاش تاسمىسى قاتارلىق ھەر خىل سۇلياۋ بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىدۇ.

«ئاق رەڭلىك بۇلغىنىش كۈنسېرى ئېغىرلاشماقتا، بىيولوگىيەلىك پارچىلىنىدىغان سۇلياۋ بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىش كەسپىگە مەبلەغ سېلىش نەق پۇرسىتى كەلدى. <14-بەش يىل>دا يىلىغا 300 مىڭ توننا پولى ئېتانول كىسلاتا (بىر خىل كۆمۈرنى ئاساس قىلغان بىيولوگىيەلىك پارچىلىنىدىغان سۇلياۋ، پارچىلانغاندىن كېيىنكى ئەڭ ئاخىرقى ھاسىلاتى سۇ ۋە كاربون تۆت ئوكسىد) ئىشلەپچىقىرىش تۈرىنى پىلانلىدۇق»، دېدى گونېڭ شىنجاڭ خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خۇ چېڭخۇي.

شىنجاڭ جۇڭيوۋ پۇخۇي پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى كەسىپ زەنجىرىنى ئۇلاپ مېتانولنى خام ئەشيا قىلىپ، MMA (مېتىل مېتاكرىلات)نى ئىشلەپچىقاردى، نۆۋەتتە بۇ تۈرنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگىنىگە ئۇزاق بولمىدى. «MMA مۇھىم ئورگانىك خىمىيە سانائىتى خام ئەشياسى بولۇپ، ھەر بىر توننىسىنىڭ بازار باھاسى تەخمىنەن 12 مىڭ يۈەندىن 13 مىڭ يۈەنگىچە. ئۇنى خام ئەشيا قىلىپ، ئورگانىك ئەينەكلەرنى سېنتىزلىغىلى بولىدۇ، LED چىراغ، يان تېلېفون ئېكرانى، ئاپتوموبىل لىنزىسى قاتارلىقلارنى ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ. يۇقىرى سۈپەتلىك MMA يەنە ئاۋىياتسىيە- ئالەم بوشلۇقى ئەينىكى، ئوپتىك تالا، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر زاپچاسلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشتىكى مۇھىم ماتېرىيال.» دېدى شىنجاڭ جۇڭيوۋ پۇخۇي پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتور ياردەمچىسى چېڭ شىنيۈەن.

كۆمۈر − خىمىيە سانائىتىنىڭ ئانىسى. كۆمۈرنى قۇرۇق ھەيدەپ كوكس، كوكس پېچ گازى، كۆمۈر مېيى ھاسىل قىلىش جەريانىدا قوشۇمچە ئىشلەپچىقىرىلغان كۆمۈر مېيى ئاسفالتى شىنجاڭدا ئاليۇمىن ئېلېكتىرولىزلاشتىكى كاربون ئاساسلىق خام ئەشيا قىلىپ ئىشلىتىلدى. «كۆمۈر مېيى ئاسفالتىدىن يەنە يىڭنىسىمان كوكس ياسىغىلى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا لىتىي باتارېيەسىنىڭ مەنپىي قۇتۇپ ماتېرىياللىرى قىلىپ ئىشلىتىپ، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى بىلەن يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ باغلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئايلانما كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ.» دېدى فەن چېڭۋېي.

نۆۋەتتە، بىر توننا كۆمۈر مېيى ئاسفالتىنىڭ بازار باھاسى تەخمىنەن 5 - 6 مىڭ يۈەن، بىر توننا لىتىي باتارېيەسىنىڭ مەنپىي قۇتۇپ ماتېرىيالىنىڭ بازار باھاسى 50 - 60 مىڭ يۈەن، قانچە تۆۋەنگە قاراپ ئۇزارغانسېرى كەسىپ زەنجىرىدىكى كۆمۈرنىڭ ئاشۇرما قىممىتى شۇنچە يۇقىرىلايدۇ.

قارا رەڭلىك كۆمۈرنىڭ «ھېچنېمىسى قويماي سىقىپ چىقىرىۋېلىندى»

بىر پارچە كۆمۈر گۇاڭخۇي ئېنىرگىيەسىنىڭ كۆمۈر خىمىيە سانائىتى قۇرۇلمىسىغا كىرگۈزۈلۈپ، مېتانول، ئېتىلېن گىلىكول قاتارلىق 10 نەچچە خىل مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. كۆمۈرنىڭ «ھېچنېمىسىنى قويماي سىقىپ چىقىرىۋېلىش» ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ شىركەت كېرەكسىز كۆمۈر گازىدىن ئېتىلېن گىلىكول ۋە CCUS (كاربون يىغىش، پايدىلىنىش ۋە پېچەتلەش) تۈرىنى پىلانلاپ قۇردى.

سۈرەتتە: گۇاڭخۇي ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ كۆمۈر گازىدىن ئېتىلېن گىلىكول ياساش تۈرى. سۈرەتنى گۇاڭخۇي ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى تەمىنلىگەن

بۇ يىل 6- ئايدا، كېرەكسىز كۆمۈر گازىدىن ئېتىلىن گىلىكول ئىشلەپچىقىرىش تۈرى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ مۇستەھكەملىنىپ، كۆمۈر خىمىيە سانائىتىدە قويۇپ بېرىلگەن كېرەكسىز گاز گۆھەرگە ئايلاندۇرۇلدى؛ جىددىي قۇرۇلۇۋاتقان CCUS تۈرىمۇ بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ، شۇ چاغدا كېرەكسىز گاز تەركىبىدىكى كاربون تۆت ئوكسىد ۋاقتىدا يىغىۋېلىنىپ، نېفىتلىككە ئاپىرىلىپ خام نېفىت ئېلىش قوزغىتىلىپ، نېفىتنى كۆپەيتىش بىلەن بىرگە كاربون تۆت ئوكسىدىنى گېئولوگىيەلىك كۆمۈپ ساقلاش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

چىڭخۇا ئېنېرگىيەسىنىڭ كۆمۈردىن گاز ئېلىش تۈرىدە يىغىلغان كاربون تۆت ئوكسىدىنىڭ بىر قىسمى گازلاشتۇرۇش ئوچىقىغا قايتۇرۇلۇپ، گازلاشتۇرۇش رېئاكسىيەسىگە قاتنىشىپ بىرىكمە گاز ھاسىل قىلىنىدۇ، يەنە بىر قىسمى سۇيۇقلاندۇرۇلغاندىن كېيىن سىرتقا سېتىلىدۇ. ھازىر چىڭخۇا ئېنىرگىيەسى پارنىك گازى قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش تەجرىبىخانىسى قۇرۇپ، كاربون تۆت ئوكسىدنى گاز ئوغۇتى قىلىپ، كۆكتات قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈردى.

شىنجاڭ چىڭخۇا ئېنېرگىيە گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى پارنىك گازى قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش تەجرىبىخانىسىدا ئوخشاش بولمىغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كاربون تۆت ئوكسىدىنى سۈمۈرۈش ئىقتىدارىنى سىناق قىلدى. سۈرەتنى شىنجاڭ چىڭخۇا ئېنېرگىيە گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى تەمىنلىگەن

شۇنىڭ بىلەن بىللە، چىڭخۇا ئېنېرگىيەسى يەنە شىنجاڭ سىفەن داشۆسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، بىيولوگىيەلىك كاربوننى تۇراقلاشتۇرۇپ، كاربون تۆت ئوكسىد ئارقىلىق مىكرو يۈسۈننى يېتىشتۈرۈپ، ئۇنى قۇملۇققا پۈركۈپ، سۇ تەركىبىنى تۇراقلاشتۇرۇپ، قۇملۇقتا مىكرو يۈسۈن تېرىش، ياكى ئۇنى يۈسۈن ئوغۇتى قىلىپ، ئېتىز تۇپرىقىنى ياخشىلاشقا ئىشلىتىشنى تەجرىبە قىلدى.

بۇنىڭدىن باشقا، چىڭخۇا ئېنېرگىيەسى يەنە يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق ھىدروگېن ئىشلەپچىقىرىش تۈرىنى يولغا قويۇپ، ئەتراپتىكى ئوتلاق ۋە كۆمۈر كانلارغا يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى تاختىسى ئورنىتىپ، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق چىقىرىلغان توكنى ئاقتۆپە سانائەت رايونىغا يەتكۈزۈپ، سۇنى ئېلېكترولىزلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق يېشىل ھىدروگېن ئىشلەپچىقىرىشنى پىلانلىدى. «يېشىل ھىدروگېن بىلەن كاربون تۆت ئوكسىدىنى بىرلەشتۈرگەندە يېشىل مېتانول ئىشلەپچىقارغىلى بولىدۇ، ئىككىلەمچى ئۇزارتىلما كەسىپ زەنجىرىدە يەنە BDO، ئاممىياك تالاسى ئىشلەپچىقارغىلى بولىدۇ.» دېدى چىڭخۇا ئېنېرگىيەسىنىڭ باش ئىنژېنېرى جاۋ خۇڭگۇاڭ.

گونېڭ شىنجاڭ خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى «قوش كاربون» نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 1- قاراردا يىلىغا 300 مىڭ توننا، 2- قاراردا يىلىغا 1 مىليون توننا CCUSدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىنى پىلانلاپ، زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتىنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق، كۆپ مەنبەلىك، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. «بىز يەنە كاربون تۆت ئوكسىدىنى خام ئەشيا قىلىپ سۇيۇق ھالەتتىكى قۇياش نۇرى مېتانول ئىشلەپچىقىرىش، يېشىل رەڭلىك مېتانولنى ئاپتوموبىلنىڭ يېڭى يېقىلغۇسى قىلىشنى تەتقىق قىلىۋاتىمىز؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە كاربون تۆت ئوكسىدى، نافتالىن، مېتانولدىن پايدىلىنىپ PX (پاراكسىلېن) تاۋلاشنى تەتقىق قىلىۋاتىمىز، بۇنداق بولغاندا ھەم كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى، ھەم ئىىككىلەمچى توقۇمىچىلىق كەسپىنى خام ئەشيا بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ.» دېدى خۇ چېڭخۇي.

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى جاڭ تاۋ مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭنىڭ كۆمۈر خىمىيە سانائىتى نېفىت، تەبىئىي گاز كەسپى بىلەن باغلىنىشلىق، شىنجاڭدا CCUSنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور، تېخىمۇ كۆپ ئايلاندۇرۇش، ئىشلىتىش ھەم پېچەتلەپ ساقلاشقا ئىلھام بېرىپ، كۆمۈرنىڭ «ھېچنېمىسىنى قويماي سىقىپ چىقىرىپ»، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، پاكىز ئىشلىتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.