تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​باش نىشاننى مەھكەم ئىگىلەپ، مەۋقەنى رايون ئورنى تەبىئىي ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاش كېرەك

ما شىڭرۇي قەشقەر ۋىلايىتى ۋە بىڭتۇەن 3 - شى تۇمشۇق شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

​باش نىشاننى مەھكەم ئىگىلەپ، مەۋقەنى رايون ئورنى تەبىئىي ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاش كېرەك

9 - ئاينىڭ 3 - كۈنىدىن 4 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مارالبېشى ناھىيەسى، يوپۇغا ناھىيەسى، يېڭىسار ناھىيەسى ۋە بىڭتۇەن 3 - شى تۇمشۇق شەھىرى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ما شىڭرۇي يوپۇغا ناھىيەسى پېڭيۆ يېزا ئىگىلىك ئېكولوگىيە تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە خاس يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىمەكتە.□ چېن چاۋ فوتوسى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ئىختىيارىي مۇخبىر چېن جاۋلىن خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنىدىن 4 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مارالبېشى ناھىيەسى، يوپۇغا ناھىيەسى، يېڭىسار ناھىيەسى ۋە بىڭتۇەن 3 - شى تۇمشۇق شەھىرى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ھەم شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەش، مەۋقەنى رايون ئورنى تەبىئىي ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش»، خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، سۇ بايلىقىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەقسىملەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

ما شىڭرۇي مارالبېشى ناھىيەسىگە كېلىپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدىكى خىزمەت تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى، تيەنيۈ ئۇرۇقچىلىقى، جۇڭشىنجيەن زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى، شىنشىخېڭ توقۇمىچىلىقى قاتارلىق كارخانىلارغا كىرىپ، كېۋەز سورتىنى يېتىشتۈرۈش، سودا، زاپاس ساقلاش، توشۇش، يىپ ئېگىرىپ رەخت توقۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ پاختا بايلىقى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، باشلامچى كارخانىلارنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈشكە مەنبەدىن تۈرتكە بولۇپ، كۈچەپ زەنجىرنى ئۇزارتىپ، زەنجىرنى تولۇقلاپ، زەنجىرنى كېڭەيتىپ، زەنجىرنى كۈچەيتىپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنى ھەقىقىي زورايتىپ، كۈچەيتىپ، پاختا بايلىقى ۋە پاختا كەسپىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت ئىقتىسادىي ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. يېڭى ئېنېرگىيە كەسپى بازىسىدا، ما شىڭرۇي يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى، يېڭى ئېنېرگىيە جابدۇق ياسىمىچىلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئېنېرگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنى كۆلەملەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىشلىتىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، رايون ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

ما شىڭرۇي يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسى ۋە پېڭيۆ يېزا ئىگىلىك ئېكولوگىيەسىنى ئېچىش، تۇمشۇق شەھىرى تيەنرۇن تاڭۋاڭچېڭ سۈت مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق كارخانىلارغا كىرىپ، خاس دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنى كەسپىيلەشتۈرۈش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەكشۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: مەۋقەنى خاسلىققا قويۇپ، ئەۋزەللىكنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يەر بايلىقىدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك، سۈپەتلىك پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېشىل، ئېكولوگىيەلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەپ راۋاجلاندۇرۇپ، كۆلەملەشتۈرۈش، كەسپىيلەشتۈرۈش، بازارلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزىلاردىكى 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ سىستېمىسى، ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى، تىجارەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل، مۇقىم ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يېڭىسار ناھىيەسىدە، ما شىڭرۇي كوئېنلۇن تەنھەرىكەت بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى ۋە ماڭشىن بازىرىنىڭ قاراباش لەڭگەر كەنتىگە كېلىپ، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەر ۋە يېزا - كەنت خاس كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: كەسىپلەرنىڭ قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى سىجىل كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىرىم سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېزا - كەنت كەسىپلىرىنىڭ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ما شىڭرۇي يەنە تۇمشۇق شەھىرىنىڭ شوركۆل سۇ ئامبىرىغا كېلىپ قۇرۇلۇشنىڭ يۈرۈشۈشى، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، سۇغىرىش ۋە سۇ ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى نەق مەيداندا تەكشۈردى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: سۇ بايلىقىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەقسىملەش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، سانائەت، ئېكولوگىيە قاتارلىقلارغا سۇ ئىشلىتىشنى ئىلمىيلەشتۈرۈپ، ئەلالاشتۇرۇپ، سۇچىلىق قۇرۇلۇشى سالمىقىنى زورايتىپ، سۇ بايلىقىنىڭ ئاچقۇچلۇق رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىش مۇھىم تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىيالېكتىكىلىق ئۇسۇلدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئيەت تەرەققىياتىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرگە پۇختا تۈرتكە بولۇپ، تەكشى، مۇقىم، ساغلام بولغان ئىقتىسادىي مۇھىت، دۆلەت تىنچ، خەلق خاتىرجەم بولغان جەمئىيەت مۇھىتى، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي مۇھىتنى ساقلاپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك. يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇپ، «ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش» باش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، 9 - نۇسخىدىكى ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش لايىھەسىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇستەھكەم مۇداپىئە لىنىيەسىنى پۇختىلاش كېرەك. «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش»نى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، مۇقىم ئاشۇرۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ بىر قاتار سىياسەت - تەدبىرلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش پايدىلىق سىياسەتلىرىنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، چۈشەندۈرۈپ، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، كارخانىلارغا ياردەم بېرىپ قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھاياتىي كۈچ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى سىجىل ئۇرغۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ مۇۋاپىق ئارىلىقتا بولۇشىنى ساقلاش كېرەك. خاس كەسىپلەر سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، رايون ئورنى قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىكلەرنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىپ، زامانىۋى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مەۋقەنى ئېنېرگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، سانائەتنىڭ ئاساسىنى كۈچەيتىپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك كارخانىلارنى كىرگۈزۈپ، يېتىلدۈرۈپ، كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، كارخانىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئاممىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قاتارلىقلار بىلەن تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈش كېرەك. ياخشى مۇھىت يارىتىپ، چوڭ ئېھتىماللىق تەپەككۇرى ئارقىلىق كىچىك ئېھتىماللىق ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەتتىكى زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش خىزمىتىنى قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە ياخشى ئىشلەپ، كۆمۈر كانى، يول قاتنىشى، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلار قاتارلىق ساھەلەردىكى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى چوڭقۇر رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى تۇتۇپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەرنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، ئۇنى ئۈنۈملۈك تۈگىتىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن بىخەتەر، مۇقىم مۇھىت يارىتىش كېرەك.

لى يۇڭخۇڭ قاتارلىقلار ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.