تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭ دۇنيا قار - مۇز تەنھەرىكىتى ۋە قار - مۇز ساياھىتىدىكى گۈزەل جاي بەرپا قىلىدۇ

كەسىپ سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، كۆلەملىك توپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش​

شىنجاڭ دۇنيا قار - مۇز تەنھەرىكىتى ۋە قار - مۇز ساياھىتىدىكى گۈزەل جاي بەرپا قىلىدۇ

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، ئاپتونوم رايون «يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بوغما ھالەت چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئاپتونوم رايوننىڭ قار - مۇز تەنھەرىكىتى ۋە قار - مۇز ساياھىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى ھەرىكەت لايىھەسى (2022 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە)» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «لايىھە» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقىتىپ، قار - مۇز بايلىقى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تىرەك قىلىپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىش، تەنھەرىكەت ئارقىلىق كۈچ قوشۇش، جابدۇقلارنى ماسلاشتۇرۇش، مۇلازىمەت ئارقىلىق تىرەك بولۇشتىن ئىبارەت يۇقىرى ئۆلچەملىك قار - مۇز كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، شىنجاڭ قار - مۇز كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئۇنى كۆلەملىك توپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ شىنجاڭنى دۇنيا قار - مۇز تەنھەرىكىتى ۋە قار - مۇز ساياھىتىدىكى گۈزەل جاي قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  «لايىھە»دە كەلگۈسى ئۈچ يىللىق تەرەققىيات نىشانى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: قار - مۇز تەنھەرىكىتى مەيدان - ساراي ئەسلىھەلىرىنىڭ سۈپىتى ئۆستۈرۈلۈپ، مىقدارى ئاشۇرۇلىدۇ، قار - مۇز تەنھەرىكىتىنى ئومۇملاشتۇرۇش دەرىجىسى زور كۆلەمدە ئۆستۈرۈلىدۇ، قار - مۇز ساياھىتى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ، قار - مۇز كەسىپ سىستېمىسى تەدرىجىي تاكامۇللاشتۇرۇلىدۇ.

  2025 - يىلىغا بارغاندا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 5S دەرىجىلىك قار تېيىلىش مەيدانى بەشتىن سەككىزگە، 4S دەرىجىلىك قار تېيىلىش مەيدانى بەشتىن ئونغا كۆپىيىدۇ، ئۈچتىن تۆتكىچە يۇقىرى ئۆلچەملىك مۇز تېيىلىش سارىيى قۇرۇلىدۇ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى قار تېيىلىش مەيدانى ئومۇمىي سانى 100دىن، مۇز تېيىلىش سارىيى ئومۇمىي سانى 30دىن ئاشىدۇ. ئاپتونوم رايوندىكى شارائىتى بار مەكتەپلەردە قار - مۇز تەنتەربىيە دەرسى ئۆتۈلۈش نىسبىتى %100كە يېتىدۇ.

  بىر تۈركۈم قىشلىق تۈر زاپاس ئىختىساسلىقلىرى بازىسى، كۇلۇبى ۋە قار - مۇز تەنھەرىكىتى بويىچە خاسلىققا ئىگە مەكتەپلەرنى يۆلەپ قۇرۇپ، ساھە، تۈر ھالقىپ ياشلار، ئۆسمۈرلەر قار - مۇز تەنھەرىكەت ماھارىتى ئىختىساسلىقلىرىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈشكە ئىلھام بېرىلىدۇ، ھەر دەرىجىلىك كەسپىي قار - مۇز تەنھەرىكەتچىلىرى 2000دىن ئاشۇرۇلىدۇ.

  دۆلەت دەرىجىلىك قار تېيىلىش ساياھەت ئىستىراھەت ئورنىدىن بىر - ئىككىسى، دۆلەت تەنتەربىيە ساياھىتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدىن بىر - ئىككىسى يېڭىدىن كۆپەيتىلىدۇ. تىيانشان بوغدا كۆلى، كۆكتوقاي، سايرام كۆلى، نارات قاتارلىق دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى تايانچ قىلىنىپ، «5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى + قار تېيىلىش مەيدانى» ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىلىدۇ.

  قار - مۇز جابدۇق ياسىمىچىلىقىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، ئىلى، ئالتاي، بورتالا، سانجى، ئۈرۈمچىدىن ئىبارەت قار - مۇز جابدۇقلىرى كەسپى توپلاشقان رايون بەرپا قىلىنىدۇ. تۈرلۈك ئوتتۇرا - يۇقىرى دەرىجىلىك ئىختىساسلىقلاردىن 1500دىن كۆپرەكى يېتىشتۈرۈلۈپ، شىنجاڭ قار - مۇز كەسپىنىڭ خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى رىقابەت كۈچى ئاشۇرۇلىدۇ. «قار - مۇز تەنھەرىكىتى، قار - مۇز ساياھىتى»نى يادرو قىلغان پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى دەسلەپكى قەدەمدە قۇرۇلۇپ، قار - مۇز كەسپى شىنجاڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئېشىش قۇتۇپىغا ئايلاندۇرۇلىدۇ.

  «لايىھە»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: قار - مۇز ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى ۋە مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق قار - مۇز ماركىلىرىنى يارىتىپ، قار - مۇز مەيدان - سارايلىرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، قار - مۇز مەھسۇلاتلىرى ۋە كەسىپ ھالىتىنى موللاشتۇرۇپ، كۈتۈۋېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ قاتناشنىڭ راۋان يەتكۈزۈش ئىقتىدارى ۋە قولايلىق بولۇش دەرىجىسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، تۆمۈريول قاتنىشى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تاشيول قاتناش تورىنى زىچلاشتۇرۇش، ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت تەرەققىياتىنى تېزلىتىش كېرەك؛ قار - مۇز مەدەنىيىتى جەھەتتىكى يېتەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قار - مۇز تەنھەرىكىتى مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، قار - مۇز مەدەنىيەت ئىجادىيىتى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، قار - مۇز غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، خاس قار - مۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك؛ قار - مۇزغا ئالاقىدار سودا مۇلازىمىتىنى كېڭەيتىپ، قار - مۇز كەسپىگە سودىگەر چاقىرىشنى كۈچەيتىپ، قار - مۇز جابدۇق ياسىمىچىلىقىنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك؛ قار - مۇز ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سۇپىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، قار - مۇز ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىنى كۈچلۈك قۇرۇپ، قار - مۇز ئۆلچەم سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  «لايىھە»دە مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار قار - مۇز كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مۇھىم قارالمىلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، مالىيە، پۇل مۇئامىلە، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.