تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چوڭ دەريا ئۆركەشلەپ ئاقماقتا. سۈرەت مەنزىرىسى⑳|يېڭى، كونا يىڭسۇ كەنتى بىلەن تارىم دەرياسىنىڭ ھېكايىسى

8- ئاينىڭ 22- كۈنىدىن 23- كۈنىگىچە، ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتىنىڭ «چوڭ دەريا ئۆركەشلەپ ئاقماقتا» − تارىم دەرياسى ۋادىسىدا چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇ يۈرۈش قىلىش شەكلىدىكى خەۋەر قىلىش ئەترىتى چاقىلىق ناھىيەسى تەۋەلىكىدىكى تارىم دەرياسى غول ئېقىنىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى ئاساسلىق تارماق ئېقىن − چىۋىنكۆل دەرياسى بويىغا، دۆلەت يولى 218- لىنىيەسىنىڭ يېنىغا بېرىپ، كونا يىڭسۇ كەنتىدە زىيارەتتە بولدى؛ چاقىلىق ناھىيە بازىرى ئەتراپىدا تۇرۇپ تىكەنلىك بازىرى يىڭسۇ چارۋىچىلىق كەنتىنىڭ يېڭى قىياپىتىگە ئېگىزدىن نەزەر سالدى. سۇ مەنبەسىنىڭ بىر كەنتنىڭ تەقدىرىدىكى ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى تونۇپ يەتتى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ 70 نەچچە يىلدىن بۇيان يىڭسۇ كەنتىدىكى چارۋىچىلارغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە غەمخورلۇق قىلغانلىقىنى چۈشەندى، يىڭسۇ چارۋىچىلىق كەنتىدىكى ئاددىي كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىدا يۈز بەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھچى بولدى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى ۋە خەۋىرى

8- ئاينىڭ 23- كۈنى چاقىلىق ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي شىمالى چېتىگە جايلاشقان تىكەنلىك بازىرى يىڭسۇ چارۋىچىلىق كەنتىنىڭ يېڭى قىياپىتىنىڭ ئېگىزدىن كۆرۈنۈشى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت).

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى.

8- ئاينىڭ 22- كۈنى چاقىلىق ناھىيەسى تىكەنلىك بازىرى يىڭسۇ چارۋىچىلىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى تۇردى ئەمەت (سولدا) ئەر- خوتۇن تارىم دەرياسى غول ئېقىنىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى ئاساسلىق تارماق ئېقىن − چىۋىنكۆل دەرياسى بويىدىكى مال بېقىش نۇقتىسىغا كونا دوستلىرىنى يوقلاشقا باردى.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

8- ئاينىڭ 22- كۈنى چاقىلىق ناھىيەسى تىكەنلىك بازىرى يىڭسۇ چارۋىچىلىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى تۇردى ئەمەت ئەر- خوتۇن تارىم دەرياسى غول ئېقىنىنىڭ يېنىدىكى كونا يىڭسۇ كەنتىنىڭ بۇرۇنقى ئورنىنى قايتا ساياھەت قىلدى، ھازىر بۇ يەر دۆلەتنىڭ يەر ئۈستى سۇ مۇھىتىنى تەكشۈرۈش نۇقتىسى بولۇپ قالدى.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

8- ئاينىڭ 22- كۈنى چاقىلىق ناھىيەسى تىكەنلىك بازىرى يىڭسۇ چارۋىچىلىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى تۇردى ئەمەت ئەر- خوتۇن تارىم دەرياسى غول ئېقىنىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى ئاساسلىق تارماق ئېقىن − چىۋىنكۆل دەرياسى ئەتراپىدىكى مال بېقىش نۇقتىسىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت).

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

8- ئاينىڭ 22- كۈنى تارىم دەرياسى بويىدىكى كونا يىڭسۇ كەنتىنىڭ بۇرۇنقى ئورنىنىڭ ئېگىزدىن كۆرۈنۈشى.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

8-ئاينىڭ 23-كۈنى، چاقىلىق ناھىيەسى تىكەنلىك بازىرى يىڭسۇ چارۋىچىلىق كەنتىنىڭ يېڭى قىياپىتى. (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت).

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

8- ئاينىڭ 22- كۈنى تارىم دەرياسى غول ئېقىنىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى ئاساسلىق تارماق ئېقىن − چىۋىنكۆل دەرياسى بويىدىكى مال بېقىش نۇقتىسىنىڭ ئېگىزدىن كۆرۈنۈشى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت).

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

8- ئاينىڭ 22- كۈنى چاقىلىق ناھىيەسى تىكەنلىك بازىرى يىڭسۇ چارۋىچىلىق كەنتىدىكى ئابلىمىت توختى ئەر-خوتۇن تارىم دەرياسى غول ئېقىنىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى ئاساسلىق تارماق − ئېقىن چىۋىنكۆل دەرياسى بويىدىكى مال بېقىش نۇقتىسىدا بېغىنى پەرۋىش قىلماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

8- ئاينىڭ 23- كۈنى بالىلار چاقىلىق ناھىيەسى تىكەنلىك بازىرى يىڭسۇ چارۋىچىلىق كەنتىدە ئوينىماقتا، ئۇلارنىڭ ئاتا- بوۋىلىرى تارىم دەرياسىنى بويلاپ چارۋا باقىدىغان چارۋىچىلار ئىدى، ھازىر بالىلار چاقىلىق ناھىيە بازىرىدا ئوقۇيدۇ، ئاتا-بوۋىلىرى «كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىنىش، بالىلارنى ئوقۇتۇش» قاتارلىق «چوڭ ئىش»لاردىن ئەنسىرىمەيدىغان بولدى.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

8- ئاينىڭ 23- كۈنى چاقىلىق ناھىيەسى تىكەنلىك بازىرى يىڭسۇ چارۋىچىلىق كەنتىدىكى جېلىل ئابدۇئېلى (سولدا) ئەر- خوتۇن ئۆيىدە ئۈزۈم شۇڭلىرىنى رەتلىمەكتە.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

8- ئاينىڭ 23- كۈنى چاقىلىق ناھىيەسى تىكەنلىك بازىرى يىڭسۇ چارۋىچىلىق كەنتىنىڭ كادىرى بۇئايشەم ئەبەي (ئوڭدا) كەنت ئاھالىسى جېلىل ئابدۇئېلى (سولدىن 3- كىشى)نىڭ ئۆيىدە زىيارەتتە.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

پىلانلىغۇچى: جاۋ جىڭ

مۇھەررىر: لى خەنجى

ئىشلىگۈچى: ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى سۈرەت خەۋەرلىرى بۆلۈمى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.