تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

تارىم دەرياسى تۆۋەن ئېقىنىنىڭ يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر بىلەن قاپلىنىش دەرىجىسى يەتتە ھەسسە ئاشتى

23 قېتىم ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈلدى​

تارىم دەرياسى تۆۋەن ئېقىنىنىڭ يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر بىلەن قاپلىنىش دەرىجىسى يەتتە ھەسسە ئاشتى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېڭ جو خەۋەر قىلىدۇ: 23 قېتىم ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈش ئارقىلىق تارىم دەرياسى تۆۋەن ئېقىنىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆلچەش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، تارىم دەرياسى تۆۋەن ئېقىنىدىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ جايلىشىش دائىرىسى ئىچىدىكى قاپلىنىش دەرىجىسىنىڭ تەكشى قىممىتى 2000 - يىلىدىكى %1.9تىن ھازىرقى %15.4كە كۆپىيىپ، يەتتە ھەسسە ئاشقان؛ پايدىلانمىغان يەر 692 كىۋادرات كىلومېتىر ئازايغان ھەم سىجىل سۇ رايونى ۋە ئوتلاققا ئايلانغان.

  تارىم دەرياسى تۆۋەن ئېقىنىدىكى پايدىلانمىغان يەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى قۇملۇق يەر بولۇپ، «سۇ يەتكۈزۈش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، تۆۋەن ئېقىندىكى پايدىلانمىغان يەرنىڭ كۆلىمى ئۈنۈملۈك ئازايتىلدى، يېپىنچا ئۆسۈملۈك ۋە سۇ رايونىدىكى ئۆزگىرىش تۆۋەن ئېقىندىكى مەنزىرە بوشلۇقىنىڭ پەرقلىق خاراكتېرلىك كۈچىيىشىگە، مەنزىرە قۇرۇلمىسىنىڭ تېخىمۇ مۇقىم بولۇشىغا، مەنزىرە ئىقتىدارىنىڭ تېخىمۇ كۆپ خىللىشىشىغا تۈرتكە بولدى.» 8 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى لىڭ خۇڭبو مۇنداق دېدى: ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن تارىم دەرياسى تۆۋەن ئېقىنىدىكى ئورمان، ئوتلاق كۆلىمى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %53.9 ۋە %289.9 ئاشتى، بۇ، بۇ رايوننىڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ ئۈنۈملۈك ياخشىلانغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

  لوپنۇر ناھىيەسى تەۋەسىگە جايلاشقان داشىخەيزى سۇ ئامبىرى مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر ساپ ئېكولوگىيە فۇنكسىيەسىدىكى سۇ ئامبىرى ھېسابلىنىدۇ. ھازىر، تارىم دەرياسىدىن كېلىدىغان سۇ ئۈزلۈكسىز ھالدا سۇ ئامبىرىغا ئېقىپ كىرىپ، ئاندىن يەنە سۇ ئامبىرىدىن تۆۋەن ئېقىنغا قاراپ ئېقىپ، تارىم دەرياسى تۆۋەن ئېقىنىدىكى تىتىما كۆلىگىچە يېتىپ بارىدۇ. بۇ، تارىم دەرياسى تۆۋەن ئېقىنىغا 23 - قېتىم ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈش بولۇپ، پۈتۈن جەريان 9 - ئايغىچە داۋاملىشىدۇ.

  تارىم دەرياسى پۈتكۈل ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، 2000 - يىلى، تارىم دەرياسى تۆۋەن ئېقىنىغا ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈش باشلاندى. ھازىرغىچە، ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈش ئومۇمىي مىقدارى 9 مىليارد 120 مىليون كۇب مېتىرغا يەتتى.

  سۇ بارغانلىكى يەردە بارلىق شەيئىلەر ئويغىنىدۇ. پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەت كۆزىتىشىگە قارىغاندا، ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈش قىرغاقتىكى يەر ئاستى سۈيى ۋە تۇپراق سۈيىنى ئۈنۈملۈك تولۇقلاپ، تارىم دەرياسى تۆۋەن ئېقىنىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يەككە ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىغان. «تۈرلەرنىڭ كۆپ خىللىقى سۇ شارائىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئاۋۋال كۆپىيىپ، ئاندىن تەدرىجىي مۇقىملىشىشقا قاراپ يۈزلەندى.» لىڭ خۇڭبو مۇنداق دېدى: ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈش تۇپراقنىڭ نەملىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، تارىم دەرياسى تۆۋەن ئېقىنىدىكى ھاۋارايى قۇرغاق بولۇش پەيدا قىلغان پايدىسىز تەسىرىنى ئۆزگەرتىپ، تارىم دەرياسى تۆۋەن ئېقىنىدىكى تۈرلەرنىڭ سانى سۇ يەتكۈزۈشتىن ئىلگىرىكى 17 خىلدىن 46 خىلغا كۆپەيدى.

  «23 - قېتىملىق سۇ يەتكۈزۈش مەزگىلى دەل تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى توغراقلىقنىڭ ئۇرۇق چۈشۈش ۋاقتى بىلەن ماس كەلدى، بۇ توغراقنىڭ كۆپىيىشىگە ئىنتايىن پايدىلىق.» تارىم دەرياسى غول ئېقىنىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى شياۋ يۈلېي مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئىلمىي، دەل جايىدا تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق يۇقىرى، ئوتتۇرا ئېقىندىكى يېزا ئىگىلىك سۇغىرىش رايونى ۋە ئېكولوگىيەلىك سۇ ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى تولۇق قاندۇرۇش ئالدىنقى شەرتىدە، ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈش ۋاقتى بىر ئاي ئالدىغا سۈرۈلدى. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ نۆۋەتلىك سۇ يەتكۈزۈش تېخىمۇ كۆپ سۇنى يېشىل كارىدور قىرغىقىدىكى چەت رايونلارغا ھەمدە يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قۇرۇپ كېتىش ئالامىتى كۆرۈلگەن رايونلارغا يەتكۈزۈپ، چەكلىك ئېكولوگىيەلىك سۇنىڭ ئۈنۈمىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرىدۇ.

  گەرچە ئېكولوگىيەلىك سۇ تولۇقلانغان بولسىمۇ، لېكىن تارىم دەرياسى تۆۋەن ئېقىنىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى تۈزەشنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش ۋە يۈكسەلدۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. شۇڭا، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنى توغراقنىڭ ئۆسۈش قانۇنىيىتىنى يېشىش، تارىم دەرياسى تۆۋەن ئېقىنىغا ئايلانما سۇغىرىش سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق چەكلىك سۇ مىقدارىدىن پايدىلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، چۆللەشكەن دەريا قىرغىقى ئورمىنىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئېكولوگىيەلىك سۇدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يېڭى يولى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدەنمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.