ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خۇاڭ شىڭ) 8- ئاينىڭ 29- كۈنى، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى 41- نۆۋەتلىك U20 ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىۋاتقان جۇڭگو U19 ياشلار كوماندىسىدىن 24 كىشىنىڭ مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلىش تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭدىن كەلگەن توپچى سەككىزگە يەتتى.
ئەفىردىن دۆلەت ياشلار كوماندىسى ھۇجۇم سېپىدىكى ئەڭ ئۆتكۈر ھۇجۇم نۇقتىسىغا ئايلاندى. سۈرەت توردىن ئېلىنغان
بۇ سەككىز توپچى ئايرىم- ئايرىم ھالدا: شەندۇڭ تەيشەن پۇتبول كۇلۇبىدىكى مۇستاپا تاش ۋە مەۋلان مىجىت، گۇاڭجوۋ پۇتبول كۇلۇبىدىكى ئەفىردىن ئەسقەر، چاڭچۇن ياتەي پۇتبول كۇلۇبىدىكى ئابدۇللا ئادىل، جېجياڭ كەسپىي پۇتبول كۇلۇبىدىكى رەھمىتۇللا شۆھرەت، داليەنلىكلەر كەسپىي پۇتبول كۇلۇبىدىكى ئەلقۇت ئەيساجان، جىنەن شىڭجوۋ پۇتبول كۇلۇبىدىكى بەھرام ئابدۇۋەلى، خۇبېي ئۆلكىلىك پۇتبول جەمئىيىتىدىن شىرزات نۇر.
U20 ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسى 9- ئاينىڭ 10- كۈنىدىن 18- كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ، 10 گۇرۇپپىدىكى بىرىنچى بولغان ۋە نەتىجىسى ئەڭ ياخشى بولغان بەش گۇرۇپپىدىكى ئىككىنچى بولغان كوماندا دەرىجە ئۆرلەپ رەسمىي مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ.
جۇڭگو U19 دۆلەت ياشلار كوماندىسى سەئۇدى ئەرەبىستان، بىرما، مالدىۋې، ئۆزبېكىستان بىلەن بىللە A گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن، A گۇرۇپپا مۇسابىقىسى سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئېلىپ بېرىلىدۇ. U19 دۆلەت ياشلار كوماندىسى 9- ئاينىڭ 11- كۈنى بىرما كوماندىسى بىلەن، 9- ئاينىڭ 15- كۈنى مالدىۋې كوماندىسى بىلەن، 9- ئاينىڭ 17- كۈنى ئۆزبېكىستان كوماندىسى بىلەن، 9- ئاينىڭ 19- كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستان كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.