تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

«گۈل نېمىشقا بۇنچە قىزىل» 17- نۆۋەتلىك جۇڭگو چاڭچۈن كىنو بايرىمىغا تاللاندى

8- ئاينىڭ 21- كۈنى

17- نۆۋەتلىك جۇڭگو چاڭچۈن كىنو بايرىمىنىڭ

«ئالتۇن بۇغا مۇكاپاتى»غا تاللانغان فىلىملەر ئېلان قىلىندى

«گۈل نېمىشقا بۇنچە قىزىل»

مۇۋەپپەقىيەتلىك تاللاندى

بۇ كىنونى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى تەشكىللەپ پىلانلىغان

تىيانشان كىنو ئىستۇدىيەسى ئىجاد قىلىپ سۈرەتكە ئالغان

«دەۋر نەمۇنىچىسى» لاچىن بايەكەنىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن

لاچىن بايەكە بالىسىغا ئىلگىرى چېگرا چارلىغان ئىشلىرىنى سۆزلەپ بەرمەكتە(كىنو كۆرۈنۈشى).

لاچىن بايەكە چېگرانى ئون نەچچە يىل بىللە چارلىغان ئاق قوتىزى بىلەن خوشلاشتى (كىنو كۆرۈنۈشى).

لاچىن بايەكە سۇغا چۈشۈپ كەتكەن بالىنى قۇتقۇزغاندىن كېيىن كاچكۇلدا قۇربان بولدى (كىنو كۆرۈنۈشى).

فىلىم تونۇشتۇرۇلۇشى

«گۈل نېمىشقا بۇنچە قىزىل»

رېژىسسور: ئابدۇكېرىم ئابلىز

    «گۈل نېمىشقا بۇنچە قىزىل» ناملىق كىنو تىيانشان كىنو ئىستۇدىيەسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى تولۇقلاپ نام بەرگەن «دەۋر نەمۇنىچىسى» لاچىن بايەكەنىڭ ھەقىقىي ئىش ئىزىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن. 2021- يىلى 1- ئاينىڭ 4- كۈنى، شىنجاڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ تىزناپ يېزىسى تىزناپ كەنتى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، چېگرا قوغدىغۇچى لاچىن بايەكە كاچكۇلغا چۈشۈپ كەتكەن بالىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بەختكە قارشى قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى، شۇ چاغدا ئۇ ئاران 41 ياشتا ئىدى. كىنودا مۇشۇ ئەسلىي قىياپەت ئارقىلىق، لاچىننىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ئىش ئىزلىرى بايان قىلىنغان. لاچىن ئازادلىق ئارمىيەنىڭ ياردىمىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن، ھەربىيلىككە قاتناشقاندىن كېيىن چېنىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن، چېگرانى قوغداۋاتقاندا ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش نەمۇنىچىسىغا ئايلانغان، ئاخىرىدا كاچكۇلغا چۈشۈپ كەتكەن بالىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان، پۈتكۈل جەريان ھەقىقىي ۋەقەلىكتىن كەلگەن بولۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىدىكى قان بىلەن گۆشتەك يۇغۇرۇلغان ئىناق مۇناسىۋىتى قايىل قىلارلىق دەرىجىدە نامايان قىلىنىپ، لاچىن بايەكەنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، ئۆزىنى بېغىشلاشتەك ئاساسىي ئېقىم قىممەت قارىشىنى ئىپادىلەپ بەرگەن.

پايدىلانغان مەنبە: جۇڭگو چاڭچۈن كىنو بايرىمى ۋېيشىن نومۇرى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.