تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جاسارەت بىلەن ئىتتىپاق ـ ئىناق، ئاۋات ـ باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال ـ خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىمىز

− جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ «جۇڭگونىڭ بۇ 10 يىلى . شىنجاڭ» باش تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئەمەلىي خاتىرە

«جۇڭگونىڭ بۇ 10 يىلى . شىنجاڭ» باش تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قىلىنغان باش تېمىلىق سۆز

ما شىڭرۇي

خانىملار، ئەپەندىلەر، دوستلار:

كۆپچىلىك ياخشىمۇ سىلەر! ئالدى بىلەن، تاراتقۇلاردىكى دوستلارنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، قوللىغانلىقى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. تۆۋەندە، مەن كۆپچىلىككە پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر ئەھۋاللىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.

پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئون يىل پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن، تارىخىي ئۆزگىرىشلەر ھاسىل قىلىنغان ئون يىل، شۇنداقلا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى شىنجاڭدا ئۇلۇغ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈلگەن، جاسارەت بىلەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك يېڭى ۋەزىيىتى يارىتىلغان ئون يىل بولدى. ئون يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى باشتىن ـ ئاخىر شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە رىشتە باغلىدى. ھەر قېتىم ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە كىرگەندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى شىنجاڭ ئۈچۈن پىلان تۈزۈپ، ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، تومۇر تۇتۇپ يۆنىلىش بەلگىلەپ، رول تۇتۇپ يول باشلىدى. باش شۇجى 2014 ـ يىلى شىنجاڭغا كېلىپ كۆزدىن كەچۈردى، ئارقىدىن يەنە كەينى ـ كەينىدىن 2 ـ قېتىملىق، 3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى ھەم كۆپ قېتىم مەخسۇس تېمىلىق يىغىننى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانى ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتتى، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بولۇپمۇ بۇ يىل 7 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنىدىن 15 ـ كۈنىگىچە، باش شۇجى يەنە بىر قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، بىزنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزگە قۇدرەتلىك سىياسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە خىزمەت ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بېغىشلىدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 25 مىليون 850 مىڭ ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بۇنىڭدىن چوڭقۇر ئىلھام ئالغان، ھەسسىلەپ روھلانغان بولۇپ، داھىينىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى سادىقلىق بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىپ، قەتئىي تۈردە باش شۇجى كۆرسەتكەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقماقتا. ھازىرقى شىنجاڭدا جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتى مۇقىم، خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال ـ خۇرام ئىشلىمەكتە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىنىڭ ھەممە يېرىدە تىنچ، ئىناق بولغان، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان يېڭى كەيپىيات بارلىققا كەلدى.

بىرىنچى، بىز شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىدا يېڭى قەدەم تاشلاشقا تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردۇق

شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنچىل شىنجاڭ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىدا چىڭ تۇردۇق. نۇقتىلىق ساھەلەردە نىزام چىقىرىشنى تېزلىتىپ، 104 يەرلىك نىزامنى تۈزۈپ ۋە ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ياخشى نىزام ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياخشى ئىدارە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلدۇق. مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى، قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق ـ مەنپەئىتى ۋە جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى قوغدىدۇق. ئومۇمىي خەلققە قانۇن ئومۇملاشتۇرۇشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە كومىتېتلىرى، ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى قانۇنچىللىق خىزمىتىدىن مەلۇمات بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»نىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ قانۇنغا ھۆرمەت قىلىشى، قانۇننى ئۆگىنىشى، قانۇنغا رىئايە قىلىشى، قانۇندىن پايدىلىنىشىغا تۈرتكە بولدۇق. تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇپ، قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىدە تەۋرەنمەسلىكتە باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش، كەسپىيلەشتۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى كۆپ يۈزبېرىش، ئۈزۈلمەي يۈزبېرىش ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تىنچ ـ ئامانلىققا، مۇقىملىققا بولغان ئارزۇسى ۋە ئۈمىدىنى ئىشقا ئاشۇردۇق. تىنچ ـ ئامان شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى زىددىيەت ـ ماجىرالارنىڭ كۆپ مەنبەلىك ئالدىنى ئېلىش، تۈگىتىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، خەۋپ ـ خەتەرگە ھۆكۈم قىلىش، بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، جەمئىيەت ئامانلىقى بويىچە ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى 2012 ـ يىلىدىكى %87.58تىن 2021 ـ يىلىدىكى %99.14كە ئۆستۈردۇق.

ئىككىنچى، بىز شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىغا، دىنلارنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تىنچ، ئىتتىپاق بولغان ياخشى ۋەزىيەتنى ياراتتۇق

پارتىيەنىڭ مىللەت سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئېجىل ـ ئىناق ئۆتۈشى، بىر ياقىدىن باش چىقىرىشى، ئىناق تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدۇق. دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقى مائارىپى ۋە ئۇنى ئۆگىنىش، ئىشلىتىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تىل ـ يېزىقنى ئۆزئارا ئۆگىنىشىنى تەشەببۇس قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىپ، تىلى تۇتاش، قەلبى تۇتاش بولۇشنى ئىلگىرى سۈردۇق. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردۇق، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك كادىرلار، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر ئاساسىي قاتلامدىكى ھەر مىللەت ئامما بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىپ، خەلقنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان، خەلقنىڭ رايىغا ئۇيغۇنلىشىدىغان نۇرغۇن ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىشلارنى قىلدى. مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك رايون، ئۈلگىلىك ئورۇندىن جەمئىي 81نى بەرپا قىلىپ، ئۆزئارا ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كەنت(مەھەللە)تىن 4783نى، ئولتۇراق رايوندىن 9223نى قۇردۇق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا پورەكلەپ ئېچىلدى، ھەنىپە ئالىماخۇن، قۇربان نىياز، يوۋ لياڭيىڭ، لى يۈەنمىن قاتارلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئەمەلدە كۆرسەتكەن بىر تۈركۈم ئىلغار تىپلار ۋە تەسىرلىك ئىش ئىزلار بارلىققا كەلدى. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى نەزەرىيەسى ۋە فاڭجېن ـ سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى توسۇش، ئەسەبىيلىكنى چەكلەش، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردۇق. دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تارقىلىشى، يامرىشىنى ئۈنۈملۈك توستۇق. دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى ۋە دىنىي پائالىيەت شارائىتىنى سىجىل ياخشىلاپ، ھاۋا تەڭشىگۈچ، ئىچىدىغان سۇ، ئوت ئۆچۈرۈش قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى سەپلەپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي پائالىيىتى ۋە دىنىي ئېھتىياجىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈردۇق. ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتتۇق، شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنىنىڭ يېڭى مەكتەپ رايونىنى قۇردۇق، يېڭىدىن ئىلى، خوتەن، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا سەككىز شۆبە شۆيۈەن قۇردۇق، دىن ساھەسىدىكى كەڭ زاتلار ۋەتەننى سۆيىدۇ، دىننى سۆيىدۇ، دىنىي بىلىمى ۋە دۆلەت ئورتاق تىلىنى قوللىنىش سەۋىيەسى ئۆستى.

ئۈچىنچى، بىز شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىدۇق

پارتىيەنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەش، روھنى تاۋلاشتا قەتئىي بوشاشماي، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى پائال بەرپا قىلدۇق. شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، شىنجاڭ مۇزېيىنىڭ 2 ـ قارارلىق يېڭى سارىيى، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت سارىيى قاتارلىق تارىخىي مەدەنىيەت مەيدان ـ سارايلىرىنى قۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشىدىكى تارىخىي پاكىتلار، ئارخېئولوگىيەلىك ئەمەلىي بۇيۇملار، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تولۇق قېزىپ ۋە ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا تەربىيەلىدۇق، يېتەكلىدۇق. مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپىنى گۈللەندۈرۈپ، راۋاجلاندۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قوغداپ ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا، كەنتلەرنى قاپلىغان بەش دەرىجىلىك ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى تورىنى بەرپا قىلدۇق، مەخسۇس تېمىلىق فىلىم «جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تارىخىي ئىزنالىرى»، كىنو «گۈل نېمىشقا بۇنچە قىزىل»، ئۇسسۇل «قۇياش نۇرىغا چۆمگەن مەكىت» قاتارلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ چوڭقۇر ئالقىشىغا ئېرىشكەن بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ ئوتتۇرىغا چىقاردۇق. تەشۋىقات ـ ئىدىيە، مەدەنىيەت بازىسى قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «مەسىلە بار دەرسلىك ماتېرىيالى» ۋە «ئىككى پان» ئىدىيەسى زەھىرىنىڭ تەسىرىنى سىجىل تازىلاپ، تور بوشلۇقىنى ئىدارە قىلىشنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىدېئولوگىيە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك ھوقۇقى، تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقى، سۆز ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلىدۇق.

تۆتىنچى، بىز خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچ، خەلق تۇرمۇشى بەخت ـ سائادىتىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇردۇق

خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشكە تۈرتكە بولدۇق. 2021 ـ يىلى، شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1 تىرىليون 600 مىليارد يۈەنگە يېقىنلىشىپ، 2012 ـ يىلىدىكى 740 مىليارد يۈەندىن بىر قاتلاندى. شەھەر ـ بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىم 2012 ـ يىلىدىكى 17 مىڭ 921 يۈەندىن كۆپىيىپ 2021 ـ يىلىدىكى 37 مىڭ 642 يۈەنگە يەتتى، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىم 2012 ـ يىلىدىكى 6394 يۈەندىن كۆپىيىپ 2021 ـ يىلىدىكى 15 مىڭ 575 يۈەنگە يەتتى. تەرەققىيات ئاساسىنى كۈچەپ پۇختىلىدۇق، تۆمۈريول تىجارەت مۇساپىسى 8768 كىلومېتىرغا يەتتى، خوتەن ـ چاقىلىق تۆمۈريولىدا قاتناش باشلىنىپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلۈپ، دۇنيادىكى تۇنجى قۇملۇق تۆمۈريول ئايلانما لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلدى. قاتناش باشلانغان تاشيول ئومۇمىي مۇساپىسى 217 مىڭ 300 كىلومېتىرغا يەتتى، بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر يۇقىرى سۈرئەتلىك يول دەۋرىگە قەدەم قويدى. پۇقراۋى ئايرودۇرۇملار ئومۇمىي سانى 24كە يېتىپ، سانى مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى. خاس، ئەۋزەل كەسىپلەر تېز تەرەققىي قىلدى، نېفىت ـ تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى، ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى، شامال ئېنېرگىيەسى، قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن توك چىقىرىش مىقدارى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتۇق، نۇقتىلىق ئېچىش ـ ئېچىۋېتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىدا پائال ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردۇق، سىرتقا ئېچىۋېتىش داغدام يولى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى، يولغا چىققان جۇڭگو ـ ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى جەمئىي 6242 قېتىمغا يەتكەن بولۇپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %55.1 كۆپەيدى، شىنجاڭ نىسپىي بېكىنمە ھالەتتىكى ئىچكى قۇرۇقلۇقتىن سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئايلاندى. «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» قاتارلىق نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھات سىجىل چوڭقۇرلاشتى، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت ـ سودا مۇھىتى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتى، ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ 176 دۆلەت ۋە رايون بىلەن ئىقتىساد ـ سودا مۇناسىۋىتى ئورناتتۇق، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى بازار سۇبيېكتى 2 مىليون 218 مىڭغا يېتىپ، 2012 ـ يىلىدىكىدىن ئىككى ھەسسە كۆپەيدى. خەلقنىڭ بەخت ـ سائادىتى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، شەھەر ـ بازارلاردا يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار جەمئىي 4 مىليون 988 مىڭ 700 كىشى، يېزا ئەمگەك كۈچلىرىدىن سىرتقا چىقىپ ئىشلىگەنلەر 30 مىليون 908 مىڭ 800 كىشى قېتىم بولۇپ، شەھەر ـ يېزىلاردىكى ئەمگەك ئىقتىدارىغا ئىگە كىشىلەرنىڭ ھەممىسى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشالايدىغان بولۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى. يېزىلاردىكى ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئۈچ يىللىق ھەقسىز مائارىپى ۋە توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى بىلەن تولۇق قاپلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا يەسلىدىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە بولغان 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپ يولغا قويۇلدى. داۋالىنىش، ئىجتىمائىي كاپالەت، ئەمىن ئۆي قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنىڭ سۈپىتى تېخىمۇ ئاشۇرۇلدى، بەخت تۇيغۇسى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولدى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلدۇق، يېزىلاردىكى 3 مىليون 64 مىڭ 900 نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 3666 نامرات كەنتنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن چېكىنىپ چىقتى، 35 نامرات ناھىيەنىڭ ھەممىسى نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋەتتى، مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىنى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقتۇق. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، سۇ تېجەش، سۇ ساقلاش، سۇ يۆتكەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئاراتاش قاتارلىق بىر تۈركۈم چوڭ تىپتىكى سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشلىرىنى پۈتكۈزۈپ، سۇ بايلىقىدىن تۈجۈپىلىك، تېجەشلىك پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردۇق.

بەشىنچى، بىز شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى پۇختىلىدۇق

يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت دەۋر مۇھىم ۋەزىپىسىنى تېخىمۇ ياخشى زىممىمىزگە ئالدۇق. پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، بىر تۈركۈم چىرىكلىشىش دېلولىرى ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى ئىنتىزام ۋە قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، سىياسىي ئېكولوگىيەنى پاكلاشتۇردۇق. كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى كۈچلۈك قۇرۇپ، توغرا بولغان ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئۆلچەمنى باش ئۆلچەم قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرىگە ئەلالارنى تاللاپ، كۈچلۈكلەرنى سەپلەپ، ھەر مىللەت مۇنەۋۋەر كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، تاللاپ ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بەردۇق، يۇقىرى قاتلاملىق جىددىي ئېھتىياجلىق، قىس ئىختىساسلىقلاردىن جەمئىي 38 مىڭنى كىرگۈزدۇق، يېقىنقى مەزگىلدە بىز 10 مىليارد يۈەنلىك ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات فوندىنى تەسىس قىلدۇق. ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشنى مۇستەھكەملەپ ۋە كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساس سېلىشنى شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى تىنچ ـ ئامان قىلىشتىكى ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، يېزا ـ بازار (كوچا باشقارمىسى) ۋە شەھەر ـ يېزا، مەھەللىلەر ئىدارە قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردۇق، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئومۇمىي سانى 2012 ـ يىلىدىكىدىن 27 مىڭ 258ى كۆپىيىپ، پارتىيە ئەزالىرى ئومۇمىي سانى 2012 ـ يىلىدىكىدىن 480 مىڭ 300 كىشى كۆپىيىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى.

ئون يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مالىيە يۆتكىمە چىقىمى، مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشى، ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش سىياسىتى قاتارلىق جەھەتلەردە شىنجاڭغا غايەت زور مەدەت بەردى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىدى، خالىس ياردەم قىلدى، مەركەزدىكى ئالاقىدار كارخانىلار ۋە جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەر زور كۈچ بىلەن ياردەم بەردى ۋە قوللىدى، بۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بۇنى قەلبىگە چىڭ پۈكتى، چىن قەلبىدىن مىننەتدار بولدى.

ئون يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئەسلىگىنىمىزدە، بىز شۇنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇقكى، شىنجاڭ خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ھەربىر تۈرلۈك نەتىجە، ئىشقا ئاشۇرۇلغان ھەربىر قەدەم ھالقىش، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا بارلىققا كەلگەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر نېگىزىدىن ئېيتقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى. شۇنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇقكى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ئىنتايىن دانا، تامامەن توغرا بولۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى چىگىش، مۇرەككەپ ئەھۋالدىمۇ توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشقا، زىددىيەت، خەۋپ ـ خەتەر ئىچىدە غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەيدىغان قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۇتقىسى ۋە جېنى، بىز پەقەت تولۇق، دەل جايىدا ئۆزلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ئىجرا قىلساقلا، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرالايمىز، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى چوقۇم يارىتالايمىز. يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىپ، يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشتە، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جاسارەت بىلەن ئىتتىپاق ـ ئىناق، ئاۋات ـ باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال ـ خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.