تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«10 يىللىق يۆگىمە رەسىم» شۇنچە گۈزەل

− «جۇڭگونىڭ بۇ 10 يىلى . شىنجاڭ» باش تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن خاتىرە

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ

10 يىل، ئۇزاق تارىخىي مۇساپىدە پەقەت بىر دەقىقە، لېكىن شىنجاڭنىڭ بۇ 10 يىلىغا كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ ئىزلىرى ئويۇلدى، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش مېلودىيەسىدىكى ئەڭ تەسىرلىك نوتىلار يېزىلدى؛ 10 يىل، 3600 نەچچە كېچە ـ كۈندۈز، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەر چوڭقۇر تارىخىي ئەكس سادا ياڭرىتىپ، قۇدرەتلىك دەۋر كۈچىنى نامايان قىلماقتا.

8 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى، «جۇڭگونىڭ بۇ 10 يىلى . شىنجاڭ» باش تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي باش تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلدى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ چۇنلىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى چېن ۋېيجۈن قاتارلىقلار ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتنىشىپ، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، 10 يىلدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، تىيانشان ئوغۇل ـ قىزلىرى بوران ـ چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، باتۇرلۇق ۋە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەن ئىزنالارنى ئەسلەپ ئۆتتى، 10 يىلدىن بۇيانقى ئۈچ تاغ، ئىككى ئويمانلىق ئارىسىدىكى كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى بايان قىلدى.

چېگرا ئىچى ـ سىرتىدىكى 24 تاراتقۇنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدىكى بىرىنچى سەپتە مۇخبىرلىق قىلىپ نۇرغۇن نەرسىلەرنى كۆرگەن ـ ئاڭلىغان، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقى، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشاپ خۇشال ـ خۇرام ئىشلەۋاتقانلىقى، ھەممە جاينىڭ تىنچ ـ ئىناقلىققا تولغان، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقانلىقىدەك تۈرلۈك ـ تۈمەن يېڭى كەيپىياتنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن 100گە يېقىن مۇخبىرى تور ۋە تور سىرتىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى رەسمىي باشلاندى.

«پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى 10 يىل پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن، تارىخىي ئۆزگىرىشلەر ھاسىل قىلىنغان 10 يىل، شۇنداقلا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى شىنجاڭدا ئۇلۇغ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈلگەن، جاسارەت بىلەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك يېڭى ۋەزىيىتى يارىتىلغان 10 يىل بولدى.» ما شىڭرۇي بۇ قالتىس 10 يىلنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتىنى مۇشۇنداق يىغىنچاقلىدى.

«10 يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى باشتىن ـ ئاخىر شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات مۇقىملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە رىشتە باغلىدى... سەمىمىي سۆزلەر كىشىلەرنىڭ پىكىر ـ خىياللىرىنى ئاشۇ ئۇنتۇلغۇسىز كۆرۈنۈشلەرگە باشلاپ باردى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭغا كېلىپ كۆزدىن كەچۈردى، 2 ـ قېتىملىق، 3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى ئاچتى، كۆپ قېتىم رىياسەتچىلىك قىلىپ يىغىن ئېچىپ شىنجاڭ خىزمىتىنى مەخسۇس تېمىدا مۇھاكىمە قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ئۆزى شىنجاڭ ئۈچۈن پىلان تۈزۈپ، ئورۇنلاشتۇرۇپ، تومۇر تۇتۇپ يۆنىلىش بەلگىلەپ، رول تۇتۇپ يول باشلىدى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانى ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتتى، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ يىل 7 ـ ئايدا، باش شۇجى يەنە بىر قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، مۇھىم سۆز قىلىپ، مۇھىم يوليورۇق بەردى. سەمىمىي تاپىلىشى ۋە سەمىمىي تاپشۇرۇقى قۇلاق تۈۋىمىزدە ياڭراپ، تىيانشان ئوغۇل ـ قىزلىرىنىڭ باش شۇجى كۆرسەتكەن يۆنىلىشنى بويلاپ، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىمىزگە، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىمىزگە ئىلھام بەردى.

10 يىلدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، يول بويى گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلدى. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، بىر پارچە نادىر «10 يىللىق يۆگىمە رەسىم» كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولدى.

بۇ «10 يىللىق يۆگىمە رەسىم» قانۇنچىللىق ئاساسىي رېڭىنى نامايان قىلدى.

نۇقتىلىق ساھەلەردە نىزام چىقىرىش تېزلىتىلىپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى، قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ئومۇمىي خەلققە قانۇن ئومۇملاشتۇرۇش سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇلۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش، كەسپىيلەشتۈرۈش پۇختا ئالغا سىلجىتىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تىنچ ـ ئامانلىققا، مۇقىملىققا بولغان ئارزۇسى ۋە ئۈمىدى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

بۇ «10 يىللىق يۆگىمە رەسىم» ئىتتىپاقلىق ۋە ئىناقلىققا تولدى.

دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقى مائارىپى ۋە ئۇنى ئۆگىنىش، ئىشلىتىش ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا پورەكلەپ ئېچىلدى.

بۇ «10 يىللىق يۆگىمە رەسىم»دىن خەلق تۇرمۇشى ھارارىتى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ.

2021 ـ يىلى، شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1 تىرىليون 600 مىليارد يۈەنگە يېقىنلىشىپ، 2012 ـ يىلىدىكى 740 مىليارد يۈەندىن بىر قاتلاندى. شەھەر ـ بازارلاردا يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار جەمئىي 4 مىليون 988 مىڭ 700 كىشى بولدى، يېزىلاردىكى ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئۈچ يىللىق ھەقسىز مائارىپى ۋە توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى بىلەن تولۇق قاپلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، داۋالىنىش، ئىجتىمائىي كاپالەت، ئەمىن ئۆي قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «مۇقىم بەخت»ىگە تىرەك بولدى.

بۇ «10 يىللىق يۆگىمە رەسىم» چوڭقۇر غەمخورلۇقنى يەتكۈزدى.

10 يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مالىيە يۆتكىمە چىقىمى، مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشى، ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش سىياسىتى قاتارلىق جەھەتلەردە شىنجاڭغا غايەت زور مەدەت بەردى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، مەركەز كارخانىلىرى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەر پۈتۈن كۈچ بىلەن ياردەم قىلدى. ۋەتەن قوينىدا، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئىشەنچى تېخىمۇ تولۇپ تاشتى.

باش تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىشتىن كېيىن، خەلق گېزىتى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مەركىزىي رادىيو ـ تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى، جۇڭگو گېزىتى، جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى، شىنجاڭ گېزىتى، شىنجاڭ رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، خەلق تورى، بىڭتۇەن گېزىتى قاتارلىق ئاخبارات ئورۇنلىرىدىن كەلگەن توققۇز مۇخبىر ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ سوئال سورىدى، نەق مەيداندىكى ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى كونكرېت مىساللار ۋە تەپسىلىي، ئېنىق سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق بىر ـ بىرلەپ جاۋاب بەردى.

سوئال ـ جاۋابلار ئارىسىدا، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدىكى بارلىق ئۆزگىرىشلەر ھەممەيلەننىڭ كۆز ئالدىدا جانلىق گەۋدىلەندى.

مەركىزىي رادىيو ـ تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى ليۇ فېي كۆپ يىل بىرىنچى سەپتە مۇخبىرلىق قىلغان، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشقاندىن كېيىن، ئۇ چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى، «قالتىس 10 يىلدا، شىنجاڭ تۇپرىقىدا بارلىققا كەلگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەر دەل بىزنىڭ ئاخبارات خەۋەرلىرىمىزنىڭ جانلىق خام ماتېرىيالى.» ئۇ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن خىزمەتداشلىرىم بىلەن داۋاملىق تىرىشىپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇرىمەن.

شىنجاڭ رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى گېرىلتۇنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تىلغا ئېلىنغان شىنجاڭنىڭ بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت ـ سودا مۇھىتى كۈچەپ بەرپا قىلىۋاتقانلىقىغا بولغان تەسىراتى چوڭقۇر بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرى مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرىدىغان مېھىرلىك تۇپراققا، يېڭىلىق يارىتىپ ئىگىلىك تىكلەيدىغان مۇنبەت تۇپراققا ئايلاندى، بۇ يەرنىڭ ئىستىقبالى چەكسىز، كەلگۈسىدىن ئۈمىد بار!

بېسىپ ئۆتكەن يىللاردا شان ـ شەرەپ قۇچتۇق، تارىخ بېتىگە ئاجايىپ كاتتا سەھىپىلەر پۈتتۇق. يادروغا زىچ ئەگىشىپ، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيلى، بىر پارچە يېپيېڭى يۆگىمە رەسىم بىزنىڭ كۆڭۈل قويۇپ سىزىپ چىقىشىمىزنى كۈتمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.