ئائىلىسىدە تۇرۇپ ساغلاملىقى كۆزىتىلىۋاتقان كىشىلەر كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كۆزىتىشنى ياخشى ئىشلىشى شەرت، ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە بىر قېتىمدىن بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ، مەھەللە(كەنت)گە ئەينەن دوكلات قىلىشى، ئىمكانقەدەر ئائىلىسىدىكى باشقا كىشىلەر بىلەن تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىكى، ئائىلىسىدە تۇرۇپ ساغلاملىقى كۆزىتىلىۋاتقان مەزگىلدە سىرتقا چىقماسلىقى، ئەگەر سىرتقا چىقىش زۆرۈر بولۇپ قالسا، جەزمەن ئالدى بىلەن شەخسىي مۇداپىئەنى ياخشى ئىشلىشى، مەھەللە تەمىنلىگەن قاتناش قورالى ئارقىلىق سىرتقا چىقىشى كېرەك.
ئىشلىگۈچى: ئابدۇقاھار ئەمەت