تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىجتىمائىي خەۋەرلەر

جۇڭگونىڭ بۇ ئون يىلى . شىنجاڭ | ياۋروپاغىچە بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك يول پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلدى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرلار گو لىڭ، ليۇ شياڭ) مۇخبىرلارنىڭ «جۇڭگونىڭ بۇ ئون يىلى . شىنجاڭ» باش تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، ئىككى تەرەپلىك خەلقئارا تىرانسپورت يولىدىن 118نى ئاچقان، بۇ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئىگىلىگەن، شىنجاڭدىن ياۋروپاغىچە بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك يول پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلغان، شىنجاڭ بىلەن قازاقىستان ئارىسىدىكى 2- تۆمۈريول پۈتۈپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلگەن، چېگرا ھالقىغان خەلقئارالىق ئوپتىكىلىق كابېلدىن 26سى قۇرۇلغان، تاشيول، تۆمۈريول، خەلق ئاۋىياتسىيەسى، تۇرۇبا تورى، خەۋەرلىشىش «بەش بىر گەۋدىلەشكەن» ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش تور سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىنغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.