تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىجتىمائىي خەۋەرلەر

جۇڭگونىڭ بۇ ئون يىلى . شىنجاڭ | گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئاسمىنى تېخىمۇ كۆك، يېرى تېخىمۇ يېشىل، سۈيى تېخىمۇ سۈزۈك بولدى

   ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرلار گو لىڭ، ليۇ شياڭ) مۇخبىرلارنىڭ «جۇڭگونىڭ بۇ ئون يىلى . شىنجاڭ» باش تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئەڭ ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان خەلق تۇرمۇشى بەخت- سائادىتى قىلىپ، نۇقتىلىق رايونلارنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنىڭ بۇلغىنىشىنى تۈزەشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتقان. 2021- يىلى، 14 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لىك ھۆكۈمەت (مەمۇرىي مەھكىمە) تۇرۇشلۇق شەھەرلەر ھاۋا رايى سۈپىتىنىڭ ئوتتۇرىچە ئەلا، ياخشى بولغان كۈن سانى نىسبىتى %74.6 بولغان، PM2.5نىڭ قويۇقلۇقى 31 مىكروگىرام \كۇب مېتىر بولۇپ، 2013- يىلىدىن باشلاپ تەكشۈرۈپ ئۆلچىگەندىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن قىممەت بولغان؛ تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇمنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سىجىل ياخشىلانغان، گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئاسمىنى تېخىمۇ كۆك، يېرى تېخىمۇ يېشىل، سۈيى تېخىمۇ سۈزۈك بولغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.