ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرلار گولىڭ، ليۇشياڭ) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ «جۇڭگونىڭ بۇ ئون يىلى . شىنجاڭ» باش تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: شىنجاڭدىكى 25 مىليون 850 مىڭ ھەر مىللەت كادىر، ئامما داھىينىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى سادىقلىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن توغرا يۆنىلىشنى قەتئىي بويلاپ، جاسارەتلىك ۋە غايىلىك بولۇپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقتى.
ھازىر شىنجاڭدا، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتى مۇقىم، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇبى - شىمالىدا تىنچلىق - ئىناقلىق بولغان، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان يېڭى كەيپىيات نامايان بولدى.