تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خەلق رايى، خەلق ئارزۇسىغا زىچ يېقىنلىشىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە بېكىتىلگەن نىشاننى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك

ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلدى ھەم سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى

خەلق رايى، خەلق ئارزۇسىغا زىچ يېقىنلىشىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە بېكىتىلگەن نىشاننى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلدى ھەم سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئىشەنچنى، ئىرادىنى چىڭىتىپ، خەلق رايى، خەلق ئارزۇسىغا زىچ يېقىنلىشىپ، جەمئىيەت قاتلىمىدىن نۆللەشتۈرۈش نىشانىنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاپ، جاسارەت بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

  ئەركىن تۇنىياز ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) گاۋتيې تەۋەلىك رايونى كۇنتەييۈەن ئولتۇراق رايونى، شىمىگۇ رايونى شىمالىي نەنخۇ يولى كوچا باشقارمىسى كەييۈەن دىيىچېڭ ئولتۇراق رايونى، شىمىگۇ رايونى يۈشۇگوۋ كوچا باشقارمىسى شۈەنخېيۈەن ئولتۇراق رايونى قاتارلىق خەۋپ - خەتەر دەرىجىسى تۆۋەن ئولتۇراق رايونلارغا كېلىپ، تىنچ ھالەتتە باشقۇرۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردى، ئاھالىلەر بىلەن سەمىمىي پىكىرلەشتى، كۆپچىلىككە مەھەللىنىڭ باشقۇرۇشىغا پائال ماسلىشىپ، ھەرگىز بىپەرۋالىق قىلماي، بوشىشىپ قالماي، مۇداپىئەنى داۋاملىق ياخشى قىلىپ، تاكى غەلىبە قىلغۇچە ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشنى تاپىلىدى. ئەركىن تۇنىياز يەنە ئولتۇراق رايوننىڭ ئەتراپىدىكى تاللا بازىرى، مېۋە - چېۋە دۇكىنى، ئاشلىق - ياغ دۇكىنى قاتارلىقلارغا كىرىپ، تۇرمۇش ماددىي بۇيۇملىرى ھەمدە كۆكتات، ئاشلىق، ياغ بىلەن تەمىنلەش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى، تەمىناتقا كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

  شۇ كۈنى كەچتە، ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئۈرۈمچى شەھىرى ھەم تىيانشان رايونى، سايباغ رايونى، مىدۇڭ رايونى قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر بىلەن يۇقۇم ۋەزىيىتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى ۋە ھۆكۈم قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قوماندانلىق سىستېمىسىنى ئىخچاملاپ يۈرۈشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خېسۇەن تەكشۈرۈش دەل بولۇش، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە مەنبەدىن تەكشۈرۈش ئىنچىكە بولۇش، ئايرىپ يۆتكەش تېز بولۇش، يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قاتتىق بولۇش، رايونلارنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش پۇختا بولۇشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەۋپ - خەتەر ساقلانغان كىشىلەر توپىنى تېز سۈرئەتتە تولۇق تاسقاپ تەكشۈرۈپ، نۆللەشتۈرۈش نىشانىنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. مۇلازىمەت كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى ۋە ئاشلىق، ياغ، كۆكتات قاتارلىق نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ نورمال، تەمىنلەشنىڭ يېتەرلىك، باھاسىنىڭ مۇقىم، سۈپىتىنىڭ ئۆتكەلدىن ئۆتكەن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىنىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئوقۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى توسۇق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، «ياشانغانلار، ئاجىزلار، ئاغرىقلار، مېيىپلەر، ھامىلىدارلار، بالىلار» ۋە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىغا بولغان كۆيۈنۈش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاممىغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى، ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. بىرىنچى سەپتىكى خىزمەتچى خادىملارغا بولغان كۆڭۈل بۆلۈش ۋە كۆيۈنۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەڭ يېڭى سىياسەت - تەدبىرلەرنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، ئاممىنىڭ يۈرەك ساداسىغا ئەستايىدىل قۇلاق سېلىپ، ئىلغار تىپلارنى تەشۋىق قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك. يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان كارخانىلارغا ياردەم بېرىپ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا دائىر 15 ماددىلىق سىياسەت - تەدبىرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنى كۆرگىلى بولىدىغان، تۇتقىلى بولىدىغان، ھېس قىلغىلى بولىدىغان ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك. ئىستىلنى ياخشىلاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ ۋە پۇختىلاپ، تېخىمۇ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى بىلەن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت چوڭ جەڭ، چوڭ سىناقتا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇش كېرەك.

  چېن ۋېيجۈن، ياڭ فاسېن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.