ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى گو لىڭ، ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: مۇخبىرلارنىڭ «جۇڭگونىڭ بۇ ئون يىلى . شىنجاڭ» باش تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ مائارىپ ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا - كەنت يەسلىسى «قۇرۇشقا تېگىشلىك جايلارنىڭ ھەممىسىدە تولۇق قۇرۇش»، ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلارنىڭ «يەسلىگە كىرىشكە تېگىشلىكلىرىنىڭ ھەممىسىنى تولۇق كىرگۈزۈش»نى ئىشقا ئاشۇرغان، يېزىلاردىكى بالىلارنىڭ «ئىشىكى ئالدىدىلا ياخشى ئوقۇش شارائىتىغا ئىگە بولۇش» ئارزۇسى رېئاللىققا ئايلانغان. 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر مائارىپىدا يەسلىگە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مۇستەھكەملىنىش نىسبىتى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %98.19، %95.69، %98.87كە يەتكەن.
«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى