تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

[يېڭى ياشلار]​ئاممىنىڭ سىردىشى بولىمەن

باگېن:

​ئاممىنىڭ سىردىشى بولىمەن

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گۇەن مېڭيىڭ

«كەنتىمىزدە بۇ يىللاردا ھەقىقەتەن ئۆزگىرىش بولدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى ئازادە، يورۇق ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى، ئامانەت پۇلى بارغانسېرى كۆپەيدى، بەزىلىرى يەنە پىكاپ سېتىۋالدى» دېدى 7 - ئاينىڭ 22 - كۈنى بورتالا شەھىرىنىڭ شويىڭپەن بازىرى بارتوخا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى جاۋ كەيشېڭ بەختكە چۆمگەن ھالدا.

تومۇز يازدا، بارتوخا كەنتىدىكى ياپيېشىل ئوت - چۆپلەر بولۇق ئۆسكەن بولۇپ، بۈك - باراقسان دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇراتتى. كەڭ، تۈپتۈز كەنت يولىنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە دېھقان ئۆيلىرى رەتلىك سېلىنغان بولۇپ، مول مەزمۇنلۇق، چىرايلىق سىزىلغان تام رەسىملىرى كىشىنى ئۆزىگە جەلپ قىلاتتى.

«ئىلگىرى، ھەر يىلى ياز كەلگەندە، كەنتتە پات - پات سېسىق پۇراق چىقىپ قالاتتى. بۇ يىل بىز مەبلەغنى قولغا كەلتۈرۈپ، گەندە كۆلچىكى ياسىدۇق، يېڭىدىن ئەخلەت توشۇش ئاپتوموبىلى كۆپەيتتۇق، ئەخلەت يىغىش، توشۇش، بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسى ۋە غول يولنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك تازىلىق سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈردۇق» دېدى بورتالا شەھىرى شويىڭپەن بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بازار باشلىقى باگېن.

كەنت قىياپىتى ۋە يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، 2021 - يىلىدىن بۇيان، شويىڭپەن بازىرى قىزىل يوپۇرماقلىق تاشئالما، قىزىل ئېرەن، گىنكو دەرىخى قاتارلىق 21 مىڭ تۈپتىن ئارتۇق دەرەخ تىكتى، بازار رايونىنىڭ كۆكەرتىش كۆلىمى 510 موغا يېتىپ، بازار رايونى كۆلىمىنىڭ %30.35ىنى ئىگىلىدى. «تۇرمۇش مۇھىتىنىڭ ياخشى بولۇش - بولماسلىقى كۆپچىلىكنىڭ بەخت تۇيغۇسىغا مۇناسىۋەتلىك، پۇقرالار راھەت، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرسە، ئاندىن مېنىڭ بازار باشلىقى بولغىنىمنىڭ قىممىتى بولىدۇ» دېدى باگېن.

«80 - يىللاردا تۇغۇلغان» بازار باشلىقى باگېن كىچىكىدىن تارتىپلا بورتالا شەھىرىدە چوڭ بولغان، 2006 - يىلى ۋۇخەن دۇڭخۇ شۆيۈەنىگە ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن. «داشۆگە بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇشتىن بۇرۇنلا، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن قايتىپ كېلىپ، يۇرتۇمنى تېخىمۇ ياخشى قىلىپ قۇرۇپ چىقىمەن دېگەن قەتئىي نىيەتكە كەلگەنىدىم» دېدى باگېن. 2010 - يىلى داشۆنى پۈتكۈزۈپ، باگېن ئارزۇسى بويىچە يۇرتىغا قايتىپ مەمۇر بولدى.

«نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرغاندا، يېڭى تەرەققىياتتا يېڭى تېما بولىدۇ، بىز پارتىيەلىك كادىرلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىدىغان ئىرادە ۋە جاسارەت بولۇشى كېرەك.» شويىڭپەن بازىرىدا خىزمەت قىلغان ئىككى يىلدا، باگېن شۇنداق دېدى ھەم شۇنداق قىلدى.

شويىڭپەن بازىرىنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇش ئۈچۈن، باگېن بازاردىكى كادىرلارنى يېتەكلەپ، شويىڭپەن بازىرىنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلىرىنى چۆرىدەپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چىڭ كۆزلەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، پۈتۈن جەريانغا قاتنىشىپ، كارخانىلار بىلەن پائال ئالاقىلەشتى.

يېقىندىكىلەرنى خۇشال قىلىپ، يىراقتىكىلەرنى جەلپ قىلدى. «غوجىدار شەكلى»دىكى ئەتراپلىق مۇلازىمەت كارخانىلارنىڭ شويىڭپەن بازىرىغا مەبلەغ سېلىپ تەرەققىي قىلىش ئىرادىسىنى كۈچەيتتى. «يېڭى كەلگەندە، بازار باشلىقى باگېن بىزگە تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش كىنىشكىلىرىنى بېجىرىشىمىزنى، تۈر خىراجىتى مەدىتى ئىلتىماس قىلىشىمىزنى ماسلاشتۇرۇپ بەردى، تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنلىرىدا، ئۇ يەنە بىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىمىزنى پائال تونۇشتۇردى» دېدى شىنجاڭ موشاڭشىڭ يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى گېڭ ۋېنچى.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، باگېننىڭ تۈرتكىسىدە، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تۆت تۈر شويىڭپەن بازىرىغا ماكانلاشتى، بۇ، پىششىقلاش، باقمىچىلىق، ساياھەتچىلىك قاتارلىق كەسىپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئىمزالانغان كېلىشىم سوممىسى 305 مىليون يۈەن بولدى. «كارخانىلارنىڭ كىرگۈزۈلگەنلىكى، تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلەشكەنلىكى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، بىز تۈرلۈك ئاماللار بىلەن مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، كارخانىلارنى خاتىرجەم، ئازادە تىجارەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئۆز جايىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك» دېدى باگېن.

گۇگۇم چۈشكەندە، كۈندۈزدىكى دىمىق ئىسسىق ئاستا - ئاستا تارقاپ كەتتى، شويىڭپەن بازىرىنىڭ شاربۇخ كوچىسى ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتتى، كەچلىك بازارغا كىرمەي تۇرۇپلا، سودىگەرلەرنىڭ خېرىدار چاقىرغان ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى بولاتتى، ئەتراپنى كاۋاپنىڭ مەززىلىك پۇرىقى قاپلىغانىدى.

«بىر قېتىم بازار باشلىقى باگېن بىزنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ زىيارەت قىلغاندا، بىز بىرنەچچە تىجارەتچى سىرتتا يايما يايساق بولامدۇ، دەپ سورىدۇق. بىرنەچچە كۈن ئۆتمەيلا، بازار باشلىقى باگېن نۇرغۇن كادىرنى تەشكىللەپ نەق مەيدانغا كېلىپ يىغىن ئېچىپ، بىزگە كەچلىك بازاردىكى يايما ئورنىنى پىلانلاپ بەردى» دېدى شاربۇخ كوچىسىدىكى تىجارەتچى ما مىڭلياڭ.

باگېننىڭ تەشكىللەپ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، شويىڭپەن بازىرىنىڭ بازار رايونىدا، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا ھەقسىز ۋاقىتلىق يايما ئورنىدىن 185ى تەسىس قىلىنىپ، ئاممىنى ئىگىلىك تىكلەش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى.

«ئاممىنىڭ سىردىشى بولۇشىمىز كېرەك، ئۇلارنىڭ قانداق قىيىنچىلىقى بولسا، مېنى ئىزدەپ كەلسۇن، قولۇمدىن كەلسىلا ھەل قىلىپ بېرىمەن» دېدى باگېن.

2021 - يىلى، باگېن ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى بولۇپ باھالاندى.

«ھەر قېتىم ئاممىنىڭ كۈلۈپ تۇرغان چىرايىنى كۆرگىنىمدە، ياشلىق باھارىمنى ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتقۇزغانلىقىمنىڭ ئەھمىيىتىنى ھېس قىلىمەن» دېدى باگېن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.