تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بۇ يىلدىن بۇيان يېڭىدىن كۆپەيگەن زاپاس سۇ 739 مىليون كۇب مېتىرغا يەتتى

تارىم دەرياسى ۋادىسىنىڭ سۇ بايلىقىنى تەقسىملەش ئەلالاشتۇرۇلدى

بۇ يىلدىن بۇيان يېڭىدىن كۆپەيگەن زاپاس سۇ 739 مىليون كۇب مېتىرغا يەتتى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ خەۋەر قىلىدۇ: بۇ يىل، تارىم دەرياسى ۋادىسى «تۆت ئېقىن مەنبەسى»نىڭ سۈيى بىرقەدەر كۆپ بولغان ئالدىنقى شەرتتە، يېڭىدىن كۆپەيگەن 1 مىليارد 560 مىليون كۇب مېتىر زاپاس سۇنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەيدۇ. 8 - ئاينىڭ 10 - كۈنىگىچە، جەمئىي تەمىنلىگەن يېڭىدىن كۆپەيگەن زاپاس سۇ 739 مىليون كۇب مېتىرغا يەتتى.

  8 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، شىنجاڭ تارىم دەرياسى ۋادىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى سۇ مىقدارىنى ئورۇنلاشتۇرۇش باشقارمىسىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى تەن جىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: «ھەرقايسى ئېقىن مەنبەسىدە يېڭىدىن كۆپەيگەن زاپاس سۇ ئىچىدە، ئاقسۇ دەرياسى تەمىنلىگەن سۇ 298 مىليون كۇب مېتىر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، سۇغىرىشنى تەمىنلىگەن سۇ 204 مىليون كۇب مېتىر، ئېكولوگىيەگە ئىشلىتىلگەن سۇ 94 مىليون كۇب مېتىر؛ يەكەن دەرياسى سۇغىرىشنى تەمىنلىگەن سۇ 144 مىليون كۇب مېتىر؛ خوتەن دەرياسى سۇغىرىشنى تەمىنلىگەن سۇ 165 مىليون كۇب مېتىر؛ تارىم دەرياسى غول ئېقىنى سۇغىرىشنى تەمىنلىگەن سۇ 132 مىليون كۇب مېتىر بولدى».

  بۇ يىلنىڭ يىل بېشىدا، سۇ رايى تارماقلىرى بۇ يىل تارىم دەرياسىنىڭ سۈيى بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، تارىم دەريا ۋادىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى خەلق ئىگىلىكىگە سۇ ئىشلىتىش، ئېكولوگىيەگە سۇ ئىشلىتىش قاتارلىقلارغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەپ، مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، 1 مىليارد 560 مىليون كۇب مېتىر زاپاس سۇنى يېڭىدىن كۆپەيتىش پىلانى ۋە سۇ مىقدارىنى ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھەسىنى تۇنجى قېتىم تۈزۈپ، سۇ بىلەن تەمىنلەش دائىرىسى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

  نۆۋەتتە، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن زاپاس سۇ ئاساسلىقى سۇغىرىش رايونلىرىدىكى دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى ھەمدە سۇغىرىش رايونلىرى ئىچىدىكى ئىھاتە ئورمانلىرىنى سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدۇ. يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن زاپاس سۇ ھەرقايسى سۇغىرىش رايونلىرىنىڭ سۇغىرىشقا كاپالەتلىك قىلىش نىسبىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى، مەسىلەن: ئاقسۇ دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئىشلىتىدىغان سۇغىرىش رايونلىرىدىكى دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى ئومۇميۈزلۈك ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق كۆپ سۇغىرىلىپ، ئىلگىرىكى سۇغىرىش يېتەرلىك بولماسلىقتىن قاندۇرۇپ سۇغىرىلىش دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى. تارىم دەريا ۋادىسى ئاقسۇ باشقۇرۇش ئىدارىسى سۇ مىقدارىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇچۇر بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ياۋ گوگاڭ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى، سۇ ئىشلىتىش جەريانىدا يېزا ئىگىلىكىگە سۇ ئىشلىتىشتە سۇغىرىش رايونلىرىدىكى ئېكولوگىيەلىك ئىھاتە ئورمىنىغا ئىشلىتىلىدىغان سۇنى ئىگىلىۋېلىش ئەھۋاللىرى مەۋجۇت بولۇپ، سۇغىرىش رايونلىرىنىڭ ئىچكى قىسىم ئېكولوگىيەسىدە چېكىنىش ئەھۋاللىرى يۈزبېرەتتى، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن زاپاس سۇ بۇ خىل ئەھۋالنى ئۆزگەرتتى».

  يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن زاپاس سۇ كۆپ ھاللاردا 8 - ئايدىن 12 - ئايغىچە بولغان ۋاقىتقا مەركەزلەشكەن بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە بۇ يىل تارىم دەرياسىنىڭ سۇ مىقدارى كۆرۈنەرلىك كۆپىيىدىكەن، ھالبۇكى، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن زاپاس سۇ مىقدارىنىڭمۇ 1 مىليارد 560 مىليون كۇب مېتىردىن ئېشىشىدىن ئۈمىد بار. تەن جىڭ مۇنداق بىلدۈردى: نۆۋەتتە، تارىم دەرياسىنىڭ ھەرقايسى مەنبە ئېقىنلىرىدا مۇناسىپ زاپاس سۇ ئىشلىتىش پىلانى تۈزۈلدى، بۇ سۇ ھەرقايسى سۇغىرىش رايونلىرىدىكى سۈنئىي ئېكولوگىيە ئورمىنى، سۇ ئامبىرىغا سۇ ساقلاش، تېرىلغۇدىن ئوتلاققا قايتۇرۇش، تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش، مېۋە - چېۋە، ئوت - چۆپ بازىسى، توڭ ياتقۇزۇش ھەمدە شورلۇق يەرلەرنى تۈزەش، سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقى، ھويلا - ئاران ئىگىلىكى، ساياھەتچىلىك قاتارلىق جەھەتلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.