تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز گۇرۇھى ئاپتونوم رايونىمىزغا 50 مىليون يۈەنلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشياسى ئىئانە قىلدى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ شى خەۋەر قىلىدۇ) 8-ئاينىڭ 24-كۈنى، جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئاپتونوم رايونىمىزغا ئىئانە قىلغان تۇنجى تۈركۈمدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى ئۈرۈمچى شەھىرىگە يېتىپ كەلدى، نۆۋەتتە ئارقا-ئارقىدىن تىيانشان رايونى، سايباغ رايونى، شىمىگۇ رايونى، مىدۇڭ رايونى قاتارلىق جايلارغا تەقسىم قىلىنماقتا.

  8-ئاينىڭ 24-كۈنى، جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز شىركىتى ئاپتونوم رايونىمىزغا ئىئانە قىلغان تۇنجى تۈركۈمدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى ئۈرۈمچى شەھىرىگە يېتىپ كەلدى.

  ئىختىيارىي مۇخبىر مېڭ ياۋ فوتوسى

  بۇ تۈركۈم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ قىممىتى 50 مىليون يۈەن بولۇپ، ئاساسلىقى خېسۇەن تەكشۈرۈش تەجرىبە دورىسى، خېسۇەن ئېلىش تەجرىبە دورىسى، ۋىرۇس ئەۋرىشكىسى ئېلىش نەيچىسى، تېببىي مۇداپىئە N95 ماسكىسى، تېببىي مۇداپىئە كىيىمى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ماددىي ئەشيالار يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، قومۇل شەھىرى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، تۇرپان شەھىرى قاتارلىق جايلارغا ئارقا-ئارقىدىن تەڭشەپ تەقسىملىنىپ، شۇ جايلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن ياردەم بېرىلىدۇ.

  8-ئاينىڭ 24-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز شىركىتى ئاپتونوم رايونىمىزغا ئىئانە قىلغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇماقتا.

  ئىختىيارىي مۇخبىر مېڭ ياۋ فوتوسى

  بۇ تۈركۈمدىكى ئىئانە قىلىنغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى ماسلاشتۇرۇش تارمىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: تۈرلۈك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىئانە قىلىش، قوبۇل قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پائال ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك مۇلازىمەت كاپالىتىگە ئىگە قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.