تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاش ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مەخسۇس تېمىدا يىغىن ئاچتى

يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاش ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك

ما شىڭرۇي سۆز قىلدى ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي قاتناشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى 8 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن مەخسۇس تېمىدا يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىش مۇھىم تەلىپى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، زەنجىرنى مۇقىملاشتۇرۇپ تەمىنلەش، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى، قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش قاتارلىق ئالاقىدار خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش، بازار سۇبيېكتلىرىنى قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇپ قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش سالمىقىنى زورايتىش، خەلق تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونىمىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم، ئەڭ ئاچقۇچلۇق باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ. «ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش» باش فاڭجېنىدا قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، 9 ـ نۇسخىدىكى ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش لايىھەسىدىكى تەلەپلەر بويىچە، جەمئىيەت قاتلىمىدىن نۆللەشتۈرۈش نىشانىنى بېكىتىپ، دىققەتنى ئۈرۈمچى، ئىلى، سانجى قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك، ئىنچىكە تاسقاپ تەكشۈرۈشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئېنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان خېسۇەن تەكشۈرۈش ۋە مۇسبەت چىققانلارنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش، يۆتكەش، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش، دوختۇرخانىدىن چىقىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، «ئۈچ رايون»نى ئىلمىي ئايرىپ، «توققۇزغا رۇخسەت قىلماسلىق» تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرگە ئايرىپ، دەرىجىگە ئايرىپ ئىلمىي، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىپ ـ تىزگىنلەپ، بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىلاردا يۇقۇملىنىشنى تىزگىنلەش، باشقۇرۇش ۋە مەركەزلىك ئايرىش نۇقتىسى، كۈتۈنۈش، پاراۋانلىق ئاپپاراتلىرى قاتارلىق نۇقتىلىق سورۇنلاردا ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇچۇر ئېلان قىلىش ۋە ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىش كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، دۆلەت، ئاپتونوم رايوننىڭ ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر بىر قاتار سىياسەت ـ تەدبىرلىرىنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، زەنجىرنى مۇقىملاشتۇرۇپ تەمىنلەش، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى، قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش، بولۇپمۇ بازار سۇبيېكتىنى مۇقىملاشتۇرۇش، يەككە سودا ـ سانائەتچىلەر ۋە ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشنى نۆۋەتتىكى نۇقتىلىق خىزمەت سۈپىتىدە ئەمەلىي، ياخشى تۇتۇش كېرەك. سىستېمىلىق تەتقىق قىلىپ پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، ھازىر بار بولغان سىياسەت ـ تەدبىرلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاساسىدا، بازار سۇبيېكتىنىڭ ئېھتىياجىنى دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇپ، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان، كارخانىلارغا ياردەم بېرىدىغان، كارخانىلارنى مۇقىم قىلىدىغان، كارخانىلارنى خاتىرجەم قىلىدىغان تۈرلۈك سىياسەت ـ تەدبىرلەرنى قاراتمىلىق تەتقىق قىلىپ ۋە ئېلان قىلىپ، سىياسەتنى دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇپ، بىۋاسىتە تولۇق بەھرىلەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، گىرەلەشمە ئېففېكتىنى تولۇق قويۇپ بېرىش كېرەك. كارخانىلارنى مۇقىملاشتۇرۇش، قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش سالمىقىنى زورايتىپ، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشكە دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش سىياسىتىنى كېڭەيتىپ يولغا قويۇپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ سۇ، توك، تور ئىشلىتىش ۋە ئۆي ئىجارىسى قاتارلىق تەننەرخلىرىنى تۆۋەنلىتىپ، كۆپ خىل پۇل مۇئامىلە ۋاسىتىلىرىدىن جانلىق پايدىلىنىش ئارقىلىق مەبلەغ مەدىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنى ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش بويىچە قايتۇرۇش ھەم ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم تولۇقلىمىسى، تەربىيەلەش ياردەم تولۇقلىمىسى قاتارلىق يۈكنى يېنىكلىتىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ھېساباتىدىكى نېسى قالغان پۇلنى ئېنىقلاش سالمىقىنى زورايتىپ، سىياسەتنىڭ ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىش كېرەك. تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىغا ئۆتۈپ مۇلازىمەت قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسەتنى تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، نەقلەشتۈرۈش تەرتىپىنى ئىخچاملاپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنى كۆرگىلى بولىدىغان، تۇتقىلى بولىدىغان، ھېس قىلالايدىغان، ئەمەلىي نەپ ئالالايدىغان قىلىش كېرەك؛ ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن رەتكە تۇرغۇزۇپ زىيارەت قىلىپ، ھۆددە ئېلىپ ئالاقىلىشىش، يېتەكچىلىك قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەم ئورتاقلىققا ئىگە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ھەم خاسلىققا ئىگە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ھەم ھازىرقى تەخىرسىز مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، شۇنداقلا ئۇزاق مەزگىللىك ئىمكانىيەتلىك سىجىل مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ھەقىقىي تۈردە بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، دەردىگە دەرمان بولۇپ، ئاممىنىڭ ساداسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇپ، تېخىمۇ زور سالماق، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش كاپالىتى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرى ۋە زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى، ئاشلىق، كۆكتات قاتارلىق نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشىغا كېرەكلىك ماددىي ئەشيالارنى نورمال ئىشلەپچىقىرىش، يېتەرلىك تەمىنلەش، باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشى ۋە زۆرۈر ئېھتىياجىغا قەتئىي ياخشى كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. قىيىنچىلىق، ئىلتىماس ـ تەلەپلەرنى چوڭقۇر، ئىنچىكە ھەل قىلىپ، چىن ھېسسىيات ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىنىش، ئوقۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى توسۇق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىغا كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈش ۋە ياردەم قىلىش ـ يۆلەش، قۇتقۇزۇپ ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىشلارنى ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك قىلىپ، ئۇلارغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى، ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىلتىماس ـ تەلەپلىرىنى، ئىنكاسىنى بېجىرىش ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك تاراتقۇ سۇپىلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىنكاس قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، توپلاش، تارقىتىش، بېجىرىش، قايتما ئىنكاس قىلىش قاتارلىق ھالقىلارنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى قاتارلىقلارغا ئائىت ئەڭ يېڭى سىياسەت ـ تەدبىرلىرىنى ۋاقتىدا، كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە ياخشى جەمئىيەت كەيپىياتى يارىتىش كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: سىستېمىلىق تەپەككۇر، بىر پۈتۈن گەۋدە قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنىڭ ئاچقۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، قۇرۇلۇۋاتقان تۈرلەرنى بالدۇر پۈتكۈزۈش، قۇرۇلۇش ئاياغلاشقان تۈرلەرنى بالدۇر ئىشقا كىرىشتۈرۈش، يېڭىدىن قۇرۇلۇش قىلىنىدىغان تۈرلەردە بالدۇر ئىش باشلاش، يىرىك پىلاندىكى تۈرلەرنى بالدۇر قوزغىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاشلىق، پاختا قاتارلىق مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، نېفىت، نېفىت خىمىيە سانائىتى، كۆمۈر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ساھەلەردە ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇپ مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش، ئىقتىدارنى كېڭەيتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن تاشقى سودا، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇپ، توپ سېتىش، پارچە سېتىش، يېمەك ـ ئىچمەك، ساياھەت قاتارلىق مۇلازىمەت كەسىپلىرىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا قايتا ئېشىشىغا ئىلمىي، تەرتىپلىك تۈرتكە بولۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەردە ئىستېمالنىڭ تېز ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ كۆزلىمە نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنى مۇۋاپىق ئارىلىقتا ساقلاش كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەشتىكى تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى قەلبكە پۈكۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى ھەرىكىتىدە ئادا قىلىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاش ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك. تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىيىتى، ۋەزىپىسىنى توغرا ئىگىلەپ، خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەۋپ ـ خەتەرنى تۈگىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئېغىر، زور خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش» «قاتلاممۇقاتلام يۈكلەش»تىن قەتئىي ساقلىنىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈگىتىپ، قىلىدىغاننى قىلماسلىق، قالايمىقان ئىش قىلىشتىن قەتئىي ساقلىنىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم ـ كوتسىز جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەكشى، مۇقىم، ساغلام بولغان ئىقتىسادىي مۇھىت، دۆلەت تىنچ، خەلق خاتىرجەم بولغان جەمئىيەت مۇھىتى، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي مۇھىتنى ساقلاپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

چېن ۋېيجۈن، ياڭ فاسېن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، جارۇللا ھېسامىدىن، مەڭلىك سىيىت، سۈن خۇڭمېي قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.