تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ئومۇمىي ۋەزىيىتى تەكشى، مۇقىم، ياخشى بولدى 61 ناھىيە، شەھەر، رايوندا يۇقۇم كۆرۈلمىدى يۇقۇمغا چېتىشلىق رايونلاردىكى ئالتە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، 20 ناھىيە، شەھەر، رايوندا ئۇدا يەتتە كۈن يېڭىدىن كۆپەيگەن مۇسبەت يۇقۇملانغۇچىلار كۆرۈلمىدى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى نۆۋەتتە، شىنجاڭ بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەننىڭ ئورتاق تىرىشىشى نەتىجىسىدە، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشتە باسقۇچلۇق ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ۋەزىيىتىدە ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى، مۇقىم، ياخشى ھالەت بارلىققا كەلدى. ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقۇم كۆرۈلمىگەن 61 ناھىيە، شەھەر، رايون يۇقۇمنىڭ دائىملىق، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى سىجىل ياخشى ئىشلىدى، يۇقۇمغا چېتىشلىق رايونلاردىكى ئالتە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، 20 ناھىيە، شەھەر، رايوندا ئۇدا يەتتە كۈن يېڭىدىن كۆپەيگەن مۇسبەت يۇقۇملانغۇچى كۆرۈلمىدى، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپى تەدرىجىي نورماللىشىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈلدى.

8- ئاينىڭ 23- كۈنى سائەت 14كىچە، قاراماي شەھىرىدە داۋاملىق يۇقۇم كۆرۈلمىدى، خوتەن، ئالتاي، ئاقسۇ، قىزىلسۇ، قەشقەر، بورتالا قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاستلاردا ئۇدا يەتتە كۈندىن ئارتۇق يېڭىدىن كۆپەيگەن مۇسبەت يۇقۇملانغۇچى كۆرۈلمىدى، بۇنىڭ ئىچىدە خوتەن، ئالتاي، ئاقسۇ ۋىلايەتلىرىدە ئومۇميۈزلۈك نۆللەشتى، تارباغاتاي ۋىلايىتىدە ئۇدا بەش كۈن يېڭىدىن كۆپەيگەن مۇسبەت يۇقۇملانغۇچى كۆرۈلمىدى؛ غۇلجا ناھىيەسى، نىلقا ناھىيەسى، ساۋەن شەھىرى، دۆربىلجىن ناھىيەسى، ئالتاي شەھىرى، بۇرچىن ناھىيەسى، بورتالا شەھىرى، يەنجى ناھىيەسى، كۇچا شەھىرى، باي ناھىيەسى، ئاقسۇ شەھىرى، توقسۇ ناھىيەسى، قەشقەر شەھىرى، پوسكام ناھىيەسى، قاغىلىق ناھىيەسى، يەكەن ناھىيەسى، يېڭىسار ناھىيەسى، خوتەن شەھىرى، ئاقتۇ ناھىيەسى ۋە داۋانچىڭ رايونى قاتارلىق 20 ناھىيە (شەھەر، رايون)دە ئۇدا يەتتە كۈندىن ئارتۇق يېڭىدىن كۆپەيگەن مۇسبەت يۇقۇملانغۇچى كۆرۈلمىدى. تۇرغۇن ھالەتتە باشقۇرۇشنى يولغا قويغان 18 ناھىيە (شەھەر، رايون) ئىچىدە، شىخو شەھىرى، ساۋەن شەھىرى، بورتالا شەھىرى، كۇچا شەھىرى، دۆربىلجىن ناھىيەسى، يېڭىسار ناھىيەسى ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونى، شىمىگو رايونى، سايباغ رايونى، يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)، ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)، مىدۇڭ رايونى قاتارلىق 12 ناھىيە (شەھەر، رايون) تۇرغۇن ھالەتتە باشقۇرۇشنى بىكار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

نۆۋەتتە، ئايرىم تۇرغۇن ھالەتتە باشقۇرۇلىدىغان ناھىيە، شەھەر، رايونلاردىن باشقا، ئاپتونوم رايون بويىچە ھەرقايسى جايلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىش» مۇھىم تەلىپى بويىچە، «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش»تىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، زەنجىرنى مۇقىملاشتۇرۇپ تەمىنلەش، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى، قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش، قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش قاتارلىقلارغا ئالاقىدار تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارغا ياردەم بېرىپ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە ئەشيا ئوبوروتىنى راۋانلاشتۇرۇشنى مەخسۇس تۈر بويىچە قوللاش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغداپ، يۇقۇمنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.