تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

چوڭ دەريا ئۆركەشلەپ ئاقماقتا. سۈرەت⑲ سۇ يەتكۈزۈلدى! سۇ يەتكۈزۈلدى! بەخت ئېلىپ كېلىدىغان سۇ

8- ئاينىڭ 20- كۈنى لوپنۇر ناھىيىسى تەۋەسىدىكى داشىخەيزى سۇ ئامبىرى ۋە كەلكۈن چۈشۈرگىسىگە بوشلۇقتىن نەزەر، تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا 23-قېتىم ئېكولوگىيىلىك سۇ يەتكۈزۈش 9- ئايغىچە داۋاملىشىدۇ ( تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

 8- ئاينىڭ 19 - كۈنىدىن 20 - كۈنىگىچە، «چوڭ دەريا ئۆركەشلەپ ئاقماقتا» تارىم دەرياسى ۋادىسىدا چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇ يۈرۈش قىلىش شەكلىدىكى خەۋەر قىلىش ئۆمىكى چاقىلىق ناھىيەسى، لوپنۇر ناھىيەسىگە بېرىپ، تېتىما كۆلىنىڭ ئىككى يۆنىلىشىنى بويلاپ زىيارەت قىلدى: بىر تەرەپتىن، چەرچەن دەرياسىدىن تېتىما كۆلىگە قۇيۇلىدىغان جايغا كېلىپ، ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈش ئېلىپ كەلگەن يېشىل ھاياتىي كۈچنى ھېس قىلدى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، تارىم دەرياسىنى بويلاپ ئېقىنغا قارشى مېڭىپ، تېتىما كۆلى بويىدىكى پادىچىلارنىڭ ئۆيىگە، زۇمرەتتەك دولقۇنلاپ تۇرغان داشىخەيزى سۇ ئامبىرىغا كېلىپ، تارىم دەرياسى غول ئېقىنىغا 23- قېتىم ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈش ئېلىپ كەلگەن بەختلىك تۇرمۇشقا گۇۋاھ بولدى.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى، خەۋىرى

  

  چاقىلىق ناھىيىسىدىكى چارۋىچى تۇردى ئەمەتنىڭ قويلىرى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى تېتىما كۆلى بويىدا ئوتلىماقتا.

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

  8- ئاينىڭ 19-كۈنى، چەرچەن دەرياسىنىڭ سۈيى تېتىما كۆلىگە قۇيۇلغاندىن كېيىن شەكىللەنگەن ئىزلار غايەت زور سىياھ رەسىمگە ئوخشايدۇ.

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

  8- ئاينىڭ 20- كۈنى لوپنۇر ناھىيىسى تەۋەسىدىكى داشىخەيزى سۇ ئامبىرى ۋە كەلكۈن چۈشۈرگىسىگە بوشلۇقتىن نەزەر، تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا 23- قېتىم ئېكولوگىيىلىك سۇ يەتكۈزۈش 9- ئايغىچە داۋاملىشىدۇ ( تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان ).

  ئانار بۇلۇت\ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

  8- ئاينىڭ 19- كۈنى، چاقىلىق ناھىيىسىدىكى چارۋىچى تۇردى ئەمەت ( ئوڭدا ) بىلەن خوتۇنى تۆمۈرخان ئابلا قوي باقماقتا، ئېكولوگىيىلىك سۇ يەتكۈزۈلگەچكە، سۇ ۋە ئوت-چۆپ مول بولۇپ، ئۇلارنىڭ قويلىرى سەمىرىپ، كۈنلىرى بارغانسېرى ياخشىلاندى.

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

  8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ، چاقىلىق ناھىيەسىدىكى چارۋىچى تۇردى ئەمەت ( ئوڭدىن 2 - كىشى ) ئائىلىسىدىكىلەر تېتىما كۆلى بويىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە، ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈلگەچكە، سۇ ۋە ئوت - چۆپ مول بولۇپ، ئۇلارنىڭ قويلىرى سەمىرىپ، كۈنلىرى بارغانسېرى ياخشىلاندى.

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

  8-ئاينىڭ 19-كۈنى چەرچەن دەرياسىنىڭ سۈيى سۇ يەتكۈزۈش توسمىسى ئارقىلىق تېتىما كۆلىگە قۇيۇلماقتا.

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

  8- ئاينىڭ 20- كۈنى، سۇ قۇشلىرى لوپنۇر ناھىيەسى تەۋەسىدىكى داشىخەيزى سۇ ئامبىرىنىڭ كەلكۈن چۈشۈرگىسى ئالدىدا بېلىجانلارنى تۇتۇپ يېمەكتە، تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا 23- قېتىم ئېكولوگىيىلىك سۇ يەتكۈزۈش 9- ئايغىچە داۋاملىشىدۇ (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

  8- ئاينىڭ 20- كۈنى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىدىكى پەن تەتقىقات خادىملىرى تارىم دەرياسى ئېقىن رايونى غول ئېقىنىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى تۆۋەن ئېقىن باشقارمىسى داشىخەيزى سۇ ئامبىرىنى باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ تارىم دەرياسى ئېكولوگىيەلىك سۇ رايىنى كۆزىتىش - ئۆلچەش تەتقىقات پونكىتىنىڭ تەجرىبىخانىسىدا پەن تەتقىقات سانلىق مەلۇماتلىرىنى تەكشۈرمەكتە.

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

  «ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.