تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

[يېڭى ياشلار]​ قانۇننى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈشنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈردى

ليۇ جۈنيىڭ:

​قانۇننى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈشنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈردى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ شۇخەن

مۇنداق بىر ياش سوتچى بار، سوت نازارەتچىلىكى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان ئالتە يىلدىن بۇيان، ئۇ خىزمىتىگە سادىق بولۇپ، ئەستايىدىل، ئېھتىياتچان بولۇپ، سوتچىغا خاس مەسئۇلىيەت ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىغا، ياشلارغا خاس جۇشقۇنلۇقى ۋە جاسارىتىگە تايىنىپ، قانۇننى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈش يولىدا كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، كۈرەشكە تولغان ياشلىق باھارى ئارقىلىق قەلبىدىكى مۇقەددەس ئادىللىق تارازىسىنى نامايان قىلدى.

ئۇ دەل ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى سوت نازارەتچىلىكى 3 - كوللېگىيەسىنىڭ 1 - دەرىجىلىك سوتچىسى ليۇ جۈنيىڭ.

2016 - يىلى، ليۇ جۈنيىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە خىزمەتكە چۈشتى، ئۇ سوت مۇھىتىغا تېزدىن سىڭىشىش ئۈچۈن، ئىدارىدە «مىخ»تەك ئولتۇرۇپ، قانۇنغا ئائىت نۇرغۇنلىغان كىتابنى ئاساسەن بىر قېتىم ئوقۇپ چىقتى، پۇختا نەزەرىيە بىلىمى ۋە ئەمەلىي مەشىق ئۇنى ناھايىتى تېزلا كۆپكە ماھىر خادىمغا ئايلاندۇردى.

قانداق قىلغاندا قانۇننى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈشنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولىدۇ؟ ليۇ جۈنيىڭ دائىم بۇ مەسىلە ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزدى. «ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش كېرەك، دېلونى ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈنلا دېلو بېجىرىشكە بولمايدۇ.» ليۇ جۈنيىڭ مۇنداق دېدى: بۇ مەن تاپقان ئاساسىي ئۇسۇل.

چېن Ⅹ بىلەن شۆⅩ قەدىناس دوستلاردىن بولۇپ، ئىككىسى بىللە شىنجاڭغا كېلىپ تىرىشىپ سودا قىلغان، بىر - بىرىگە يار - يۆلەكتە بولغان، دوستلۇقى چوڭقۇرلاشقانىدى. لېكىن بىر قېتىم شۆⅩ چېنⅩتىن پۇل ئۆتنە ئېلىپ ئوبوروت قىلىش جەريانىدا، ئىككىسى قايتۇرىدىغان ئۆتنە پۇل سوممىسى سەۋەبىدىن ئارازلىشىپ، قېيدىشىپ قېلىپ سوتقا چىققان، دېلوغا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سەككىز قېتىم سوت ئېچىلغان بولسىمۇ، يەنىلا بىرلىككە كېلەلمىگەن، ئاخىردا دېلو ليۇ جۈنيىڭنىڭ ئالدىغا كەلگەن.

دېلونى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن، ليۇ جۈنيىڭ ئاۋۋال ئىككى تەرەپنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

«گەرچە ئۆتنە پۇلنى قايتۇرۇش ئىشىدا ئىختىلاپ بار بولسىمۇ، لېكىن ئىككىسىنىڭ بىر - بىرىگە بەرگەن باھاسى ناھايىتى ئورۇنلۇق بولدى، بۇ كۆپ يىللىق قېرىنداشلىق مېھرىنىڭ يەنىلا مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلىدى!» ليۇ جۈنيىڭ ئىككىسىگە ئايرىم - ئايرىم خىزمەت ئىشلەپ، ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ تىرىشىپ تىجارەت قىلىش تارىخىنى سۆزلىتىپ، ئىككىسىگە ئەڭ تەس كۈنلەردە بىر - بىرىگە يار - يۆلەك بولغانلىقىنى ئەسلىتىش قارارىغا كەلدى. ئىلگىرىكى دوستلۇقى تىلغا ئېلىنغاندا، ئىككىسىلا سۈكۈتكە چۆمدى، ئاخىردا ليۇ جۈنيىڭنىڭ يېتەكلىشى بىلەن، ئىككىيلەن ئۆتنە پۇلنى قايتۇرۇش كېلىشىمى ھاسىل قىلدى، نەچچە يىلغا سوزۇلغان بۇ پۇل ئۆتنە ئېلىش ماجىراسى دېلوسى ئاخىرلاشتى.

«سوتچى بىزنىڭ ھېساباتنى ئېنىق قىلىپ، ئىشنى ئوچۇق سۆزلىشىپ، داۋلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىمىزغا ياردەم بەردى، كۆپ يىللىق قېرىنداشلار قايتىدىن ياخشىلىشىپ قالدۇق...» 7 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، چېنⅩ تېلېفوندا، ئىككىيلەننىڭ بۇرۇنقى ئاداۋەتلەرنى ئۇنتۇپ، قايتىدىن قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

«كىچىك ئائىلە خاتىرجەم بولسا، چوڭ ئائىلە ئىناق بولىدۇ، ئادەملەر ئارىسىدا زىددىيەت ئازايسا، جەمئىيەتتىكى ماجىرالارمۇ ئازىيىدۇ.» ليۇ جۈنيىڭ دېلونىڭ ئۆزىنى دەپلا دېلو بېجىرمەستىن، دېلونىڭ ئارقىسىدىكى كىشىلىك مۇناسىۋەتنى قايتا ئورنىتىشقا ھەمدە دېلو ئېلىپ كېلىدىغان جەمئىيەت ئۈنۈمىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بەردى. بۇ خىل دېلو بېجىرىش ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىدە، ئۇ قولىدىكى دېلولارنى بېجىرىشتە دېلونى ئاياغلاشتۇرۇش، زىددىيەتنى ھەل قىلىش، كىشىلەرنى ياراشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇردى.

بۇ يىل 1 - ئايدا، بىر ھەق تەلەپ ماجىراسى دېلوسى توغرىسىدىكى ئەرز ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە سۇنۇلدى.

ياڭⅩ قاتارلىق كىشىلەر ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم جايدىن بىر دۇكان سېتىۋالغان، دۇكاننى تاپشۇرۇۋالغاندا، دۇكان ئىچىدە ئۇزۇن ھاۋا ئۆتۈشۈش يولى بارلىقىنى، دۇكان سېتىۋالغان چاغدىكى چېرتيوژغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى بايقىدى، شۇنىڭ بىلەن ياڭⅩ قاتارلىقلار دۇكاننى تاپشۇرۇۋېلىشنى رەت قىلدى ھەم ئېچىش سودىگىرى ئۈستىدىن سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىپ، تۆلەم تەلەپ قىلدى، لېكىن ئېچىش سودىگىرى ئۆينىڭ لايىھەسىدە ئۆزگىرىش يوق دەپ ئۆزىنى ئاقلىدى.

بۇ دېلونى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ليۇ جۈنيىڭ ئۆي سېتىۋالغان چاغدىكى چېرتيوژنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىپ، قۇرۇلۇش مۇتەخەسسىسلىرىدىن مەسلىھەت سورىدى، قەھرىتان سوغۇققا قارىماي، لەپىلدەپ يېغىۋاتقان قاردا، خىزمەتداشلىرى بىلەن ئۆلچەش ئەسۋابلىرىنى ئېلىپ ئۆي تۇرۇشلۇق جايغا كېلىپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى، نەق مەيداندا ئۆلچەش ئارقىلىق، ئاخىردا بۇ دۇكاندا ھەقىقەتەن لايىھە ئۆزگەرتىش مەۋجۇت دەپ بېكىتتى.

شۇنىڭ بىلەن دېلو قايتا قاراپ چىقىشقا بۇيرۇلدى، ئاخىردا ياڭⅩ قاتارلىق كىشىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتى كاپالەتكە ئىگە بولدى.

«بۇ ھەقىقەتەن بىز پۇقرالارنىڭ ئىشىنى ئۆزىنىڭ ئىشى دەپ بىلگەنلىك!» ليۇ جۈنيىڭنىڭ دېلو بېجىرىش جەريانىنى كۆرۈپ، ياڭⅩ قاتارلىق كىشىلەر سوتچىلارنىڭ سەۋرچانلىقى، ئىنچىكىلىكى ۋە كەسىپچانلىقىغا قايىل بولدى.

مۈشكۈل، جاپالىق سوت ۋەزىپىسىنى تاماملىغاندىن سىرت، ليۇ جۈنيىڭ يەنە سوت دېلو مىساللىرىنى رەتلەپ يېزىش ھەم مۇھىم، زور تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش تېمىسى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى، ئۇنىۋېرسال ماتېرىياللارنى يېزىشقا قاتناشتى؛ قاراپ چىقىش كۆرسەتمىسى، دېلو سۈپىتىنى تەھلىل قىلىش دوكلاتىنى تەييارلاش قاتارلىق نۇرغۇن خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇ ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ تاماملىغان.

جاپانىڭ تېگى ئالتۇن. بۇ بىرنەچچە يىلدا، ليۇ جۈنيىڭ ئاپتونوم رايون بويىچە «مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى» دېگەن نامغا ئېرىشتى، ئىككى قېتىم شەرەپ بىلەن 3 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى.

«قانچە ئۇزاق ئىشلگەنسېرى، <قانۇننى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈش> دېگەن بۇ سۆزنىڭ ۋەزنىنىڭ ئېغىرلىقىنى، كۆڭۈل قويمىسام، كۈچ چىقارمىسام، ئۇنىڭغا يۈزكېلەلمەيدىغانلىقىمنى شۇنچە ھېس قىلدىم.» بۇ يىللاردىكى سوت نازارەتچىلىكى خىزمىتى توغرىسىدىكى تەسىراتلىرىنى ئەسلىگەندە، ليۇ جۈنيىڭ ھاياجېنىنى باسالمىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.