تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

كارخانىلارغا ياردەم بېرىپ قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇشتا، پۇل مۇئامىلىنىڭ مەبلەغ مەدىتى ئۈزۈلۈپ قالمىدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى رەن خۇ، ۋاڭ يۇڭفېي

ھازىر، كۆممىقوناقنى سۇغىرىش، دېھقانچىلىق دورىسى چېچىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلى، ئەمما كۈنەس ناھىيەلىك نەسىللىك قوي فېرمىسىدىكى دېھقان چيۇ پىڭ مەبلەغ يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن غەمگە پاتتى. پوچتا پۇل ئامانەت بانكىسى كۈنەس تارماق بانكىسىنىڭ مۇئامىلىدارلار دىرېكتورى ما لىڭ چيۇ پىڭنىڭ قىيىنچىلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ يان تېلېفون بانكىسى ئارقىلىق ئاز سوممىلىق «تېز سۈرئەتلىك قەرز» كەسپىنى ئىلتىماس قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى. «پەقەت ئون مىنۇتتىلا 25 مىڭ يۈەن پۇل ھېساباتىمغا كىردى، قىيىنچىلىقىم ھەل بولدى» دېدى چيۇ پىڭ خۇشال ھالدا.

يېقىندا، پۈتۈن شىنجاڭدىكى كۆپ جايدا ۋاقىتلىق تىنچ ھالەتتە باشقۇرۇش تەدبىرى يولغا قويۇلدى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بانكا كەسپى ئەمەلىي ئىقتىسادنى قوللاش، كارخانىلارغا ياردەم بېرىپ قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش مۇلازىمىتى قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ، بىر قاتار تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پۇل مۇئامىلە مەبلەغ مەدىتىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن مەدەت بېرىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىدى.

نۇقتىلىق ساھەلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش كۈچلۈك بولدى

ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلىسى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، ياسىمىچىلىق، يېشىل پۇل مۇئامىلە قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە قارىتا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بانكا كەسپى مەخسۇس قوللاش سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇشقا كۈچ قوشتى.

تىنچ ھالەتتە باشقۇرۇش تەدبىرى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، قۇرۇلۇش بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى دىققەتنى تەمىنلەش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن زەنجىرگە كاپالەتلىك قىلدى، زەنجىرنى مۇقىملاشتۇردى، زەنجىرنى مۇستەھكەملىدى. 8 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن 16 - كۈنىگىچە بۇ بانكا 109 قېتىم تەمىنلەش زەنجىرى قەرز پۇلى تارقاتتى، تارقاتقان قەرز پۇل سوممىسى 236 مىليون يۈەن بولۇپ، 98 تەمىنلەش كارخانىسىغا نەپ يەتكۈزدى.

يېقىنقى مەزگىلدە، بىر قىسىم يادرولۇق كارخانىلار ھەم ئۇلارنىڭ تەمىنلەش كارخانىلىرىنىڭ زاكاز تاپشۇرۇشى چەكلىمىگە ئۇچراپ، مەبلەغ ئايلاندۇرۇشى قىيىن بولۇش ئەھۋالىغا قارىتا، قۇرۇلۇش بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى باش بانكا بىلەن ئالاقىلىشىپ كىرېدىت كۆلىمىنى ماسلاشتۇرۇپ، ئەشيا ئوبوروتى زەنجىرى، بىناكارلىق زەنجىرى، تېببىي دورا زەنجىرى، ياسىمىچىلىق زەنجىرى، يېزا ئىگىلىك زەنجىرىدىكى نۇقتىلىق كارخانىلارغا قارىتا، تور تەمىنات زەنجىرى e شىنتۇڭ، e ديەنتۇڭ، e جېڭتۇڭ قاتارلىق بىر قاتار تور مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق توردا پۈتۈن جەريانلىق «ئۇچراشماسلىق» شەكلىدە كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مەبلەغ ئوبوروت ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.

جولاڭ شىنجاڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا چەكلىك شىركىتى چەت ئەلدىن ماشىنا ئۈسكۈنە - زاپچاسلىرىنى ئىمپورت قىلغاندا يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، قەرز پۇل قەرەلى ئۆتۈپ كېتىشتىن كېلىپ چىققان ئىناۋەت خەۋپ - خەتىرىگە دۇچ كەلدى، يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى دەرھال جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش دەسلەپكى لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. «بىز تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە باش بانكا بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ، ئاخىرىدا قولدا ھېساب خاتىرىلەش تەدبىرىنى قوللىنىپ، بۇ شىركەتنىڭ تالون تەكشۈرۈش - راسچوت قىلىش خىزمىتىنى تاماملىشىغا ياردەم بېرىپ، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇش ئالدىنقى شەرتىدە كارخانىنىڭ ئىناۋەت خەۋپ - خەتىرىدىن ساقلىنىشىغا ياردەم بەردۇق» دېدى بانكا پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن بانكا باشلىقى ليۇ بىن.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى قوللاش ئۈچۈن، جۇڭگو سودا - سانائەت بانكىسى ئالتاي شۆبە بانكىسى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش مەبلىغى ئاجرىتىش ۋە پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئالاقىدار كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، قىزىل كىرېست جەمئىيىتى قاتارلىق ئورۇنلارغا قارىتا ئامانەت قويغان پۇل قاتارلىق مەبلەغنى پېرېۋوت قىلىپ ئاغدۇرۇپ بېرىش بويىچە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى، بۇ بانكا ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىپ، پۈتۈن جەريانلىق جىپسىلاشتۇرۇش، بىر تەرەپ قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش مەبلىغىنىڭ ۋاقتىدا، بىخەتەر ئاجرىتىلىپ ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق رايونلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى قوللىدى.

پەن - تېخنىكىنىڭ مۇلازىمەتكە كۈچ قوشۇشى تەرتىپلىك بولدى

پەن - تېخنىكىنىڭ كۈچ قوشۇشى بانكا كەسپىنى مۇلازىمەت جەريانىدا تېخىمۇ ئىشەنچكە ئىگە قىلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى بانكىلار يىراقتىن ئىش بېجىرىش سىستېمىسى، توردا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ، يان تېلېفون بانكىسى قاتارلىق توردىكى پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى سالمىقىنى زورايتىپ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنىڭ قائىدە بويىچە تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

بىر قىسىم خەلقئارا كەسىپ مۇئامىلىدارلىرىنىڭ تاشقى پېرېۋوت سىياسىتىگە پىششىق ئەمەسلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى خەلقئارا كەسىپنى پۈتۈن جەريانلىق ئېلېكتىرونلاشتۇرۇپ توردا بېجىردى. «بانكىمىزنىڭ كەسپىي خادىملىرى تېڭشۈن يىغىنى، ۋىيشىن توپى قاتارلىق سۇپىلار ئارقىلىق توردا ئەڭ يېڭى تاشقى پېرېۋوت سىياسىتىنى چۈشەندۈردى ھەم مۇئامىلىدارلارغا چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى كەسپىنى بېجىرىشنى ئۆگىتىپ، توردا كەسىپلەرنى يۇقىرى ئۈنۈمدە بېجىرىش، قىيىن مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى» دېدى ليۇ بىن.

يېقىندا، شىنجاڭ جۇڭتەي يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى سېتىۋالغان 2300 توننا قىچا يېغى رۇسىيەدىن پورتقا يېتىپ كەلدى، ئەگەر ۋاقتىدا راسچوت قىلىنمىسا توختامغا خىلاپلىق قىلىش خەۋپى كېلىپ چىقاتتى. بۇ بانكا دەرھال بۇ شىركەت ئۈچۈن خەلقئارا كەسىپ بېجىرىش بويىچە «يېشىل يول» ئېچىپ، توردا توختام، تالون، تاموژنىغا مەلۇم قىلىش تالونى، مال ئېلىش تالونى قاتارلىق يادرولۇق ماتېرىياللارنى توپلاپ، پۇل پېرېۋوت قىلىش يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، مۇئامىلىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەل قىلدى.

شاڭخەي پۇدۇڭ تەرەققىيات بانكىسى ئۈرۈمچى شۆبە بانكىسىى 24×7 سائەت توردا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، مۇئامىلىدارلار پۇدۇڭ تەرەققىيات بانكىسىنىڭ «پۇخۇي APP»سى ئارقىلىق توردا قەرز پۇل ئىلتىماس قىلىش، چىقىم قىلىش ھەم قەرز قايتۇرۇش قاتارلىق پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى تاماملىيالايدىغان بولدى.

«بۇلۇت تېرمىنالى ئىناۋەت تۈرىدىكى يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلار ئارقىلىق بانكىمىز كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ۋە يەككە سودا سانائەتچىلەرنى ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق قەرز پۇل مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ ئالاھىدە مەزگىلدىكى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى» دېدى پۇدۇڭ تەرەققىيات بانكىسى ئۈرۈمچى شۆبە بانكىسىنىڭ ئىشخانا مۇدىرى ۋاڭ جۈنشېڭ. 8 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن 18 - كۈنىگىچە، بۇ بانكا تور ۋە يىراق مۇساپىلىك بېجىرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق 6 مىليون 810 مىڭ يۈەن شەخسلەر قەرز پۇلى تارقاتتى، ۋاقىتلىق قەرز قايتۇرۇش قىيىنچىلىقى بار مۇئامىلىدارلارغا 5 مىليون 660 مىڭ يۈەن قەرزنى كېچىكتۈرۈپ قايتۇرۇش كەسپىنى بېجىرىپ بەردى.

مۇلازىمەت ئەلالاشتۇرۇلۇپ ئالاھىدە ئىش ئالاھىدە بېجىرىلدى

ۋاقىتلىق تىنچ ھالەتتە باشقۇرۇش ئەھۋالىدا تور سىرتى مۇلازىمىتى قولايسىز بولۇشقا قارىتا، ھەرقايسى بانكىلار توردا مۇلازىمەت قىلىش يوللىرىنى كېڭەيتىش ۋە يېتەكلەشنى كۈچەيتتى؛ جەزمەن تور سىرتىدا بېجىرىشكىلا بولىدىغان ئالاھىدە كەسىپلەرگە قارىتا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بانكا كەسپى ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىش، مەخسۇس ئىشنى مەخسۇس بېجىرىش پىرىنسىپى بويىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىش ئالدىنقى شەرتىدە، پۈتۈن كۈچ بىلەن ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلدى.

مەلۇم داشۆنىڭ يېڭى ئوقۇغۇچىلار كارتىسىنى بېجىرىش ۋە ئايرىپ قاچىلاش خىزمىتىنىڭ يۇقۇم سەۋەبىدىن ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئوقۇش باشلاشتىن بۇرۇن يېڭى ئوقۇغۇچىلار كارتىسىنىڭ تارقىتىلىشىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، سودا - سانائەت بانكىسى ئۈرۈمچى شۆبە بانكىسى قاتناۋاتقان ئاپتوموبىللارنى ماسلاشتۇرۇپ، مەخسۇس ئادەم ئاجرىتىپ، مەكتەپ رايونىغا بېرىپ يېڭى ئوقۇغۇچىلار تىزىملىكىنى ئېلىپ كېلىشكە ئەۋەتىپ، سىستېما سانلىق مەلۇماتىنى ۋاقتىدا يوللاپ، كارتا ياساش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، يەنە شۆيۈەن، ئىسىم - فامىلە قاتارلىق تىزىملىك ئۇچۇرلىرى بويىچە تۈرگە ئايرىپ رەتلىدى. ئىككى كۈن ئىچىدىلا ماتېرىيال يىغىشتىن كارتىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكىچە بولغان پۈتۈن جەريانلىق مۇلازىمەتنى تاماملاپ، 3500دىن ئارتۇق سىستېما سانلىق مەلۇماتىنى يوللاپ، 1400دىن ئارتۇق كارتىنى رەتلەپ، ئايرىپ قاچىلاپ، 2900دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىغا ياردەم پۇلى تارقىتىشقا ياردەملەشتى.

ۋاقىتلىق تىنچ ھالەتتە باشقۇرۇلۇۋاتقان مەزگىلدە، سودا - سانائەت بانكىسى قومۇل ۋوگزالى تارماق بانكىسى پىدائىيلارنىڭ تەبىئىي گاز، توك پۇلى قاتارلىق ھەق تاپشۇرۇش كەسپىنى بېجىرىشىگە يېقىندىن ماسلاشتى. بۇ بانكىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى نۇرغۇن ئاھالىنىڭ توردا ھەق تاپشۇرۇشنى بىلمەيدىغانلىقىنى بايقاپ، قىسقا سىن ئىشلەپ، ۋىيشىن دوستلار چەمبىرىكى، مەھەللە توپى قاتارلىقلار ئارقىلىق ئاھالىلەرنىڭ يان تېلېفون بانكىسى ئىشلىتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئابۇنىچىلارنىڭ ھەق تاپشۇرۇش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى.

بۇ مەزگىلدە، بۇ بانكىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنى يېقىلغۇ گاز سېتىۋېلىش، توك سېتىۋېلىش، بانكا كارتىسىنىڭ مەخپىي نومۇرىنى قايتا تەسىس قىلىش، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى مۇددىتى توشسا كارتا ئالماشتۇرۇش قاتارلىق پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى بىلەن سىجىل تەمىنلەپ، ئاھالىلەرنىڭ ئۆيدە تۇرغان مەزگىلدىكى تۇرمۇشىنىڭ نورمال، تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

«8 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن بۇيان قىيىنچىلىقى بار ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار(كىچىك، ئۇششاق كارخانا ئىگىلىرى، يەككە سودا - سانائەتچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نىڭ قەرەلى توشقان قەرز پۇل دىرىغا قارىتا، كارخانىنىڭ يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش ئەھۋالى ۋە تىجارەت ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، بىز قەرز پۇل قەرەلىنى ئۇزارتىش، داۋاملىق قەرز بېرىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق كارخانىلارغا بەلگىلىك مۇددەت ئىچىدە قەرز پۇل دىرىنى ۋاقىتلىق كېچىكتۈرۈپ قايتۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردۇق» دېدى قۇرۇلۇش بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلە كەسپى بۆلۈمى مەھسۇلات باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاۋ نەن.

قورغاس شەھىرىدىكى مەلۇم كىچىك كارخانا مۇئامىلىدارىنىڭ 900 مىڭ يۈەن بىر يىللىق قەرز پۇلىنىڭ قەرەلى 2022 - يىلى 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى توشاتتى، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش سەۋەبلىك، كارخانىدا ۋاقىتلىق قەرز قايتۇرۇش قىيىنچىلىقى كۆرۈلگەچكە، قۇرۇلۇش بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى بۇ كارخانىنىڭ قەرز پۇل قەرەلىنى ئالتە ئاي ئۇزارتىپ، كارخانىنىڭ مەبلەغ بېسىمىنى ئۈنۈملۈك يېنىكلەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.