تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

باغراش كۆلى كۈنسېرى «ساغلام»لىشىپ، سۇ سۈپىتى ئومۇمىي جەھەتتىن Ⅲ تۈر ئۆلچىمىگە يەتتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتوموبىل ھەيدەپ باغراش كۆلى بويىنى ئايلانغاندا، كۆز يەتكۈسىز زۇمرەت كەبى كۆل سۈيى جىمىرلاپ، بۈك - باراقسان قومۇشلار يەلپۈنۈپ تۇرىدۇ، يىراق - يېقىندىن سۇ قۇشلىرىنىڭ خۇشال ئوينىشىۋاتقانلىقىنى، ئوزۇق ئىزدەۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. «ئۇنىۋېرسال تۈزەش ئارقىلىق باغراش كۆلى ئومۇمىي جەھەتتىن Ⅲ تۈر سۇ سۈپىتى ئۆلچىمىگە يەتتى» دەپ تونۇشتۇردى 8 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تارىم دەرياسى ۋادىسى بايىنغولىن باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ما يۇڭئەن.

باغراش كۆلى دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۇ كۆلى بولۇپ، ئەتراپتىكى 1 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، 3 مىليون مودىن ئارتۇق مۇنبەت ئېتىزنى سۇغىرىپ كەلمەكتە. بۇ جاي يەنە دۆلىتىمىزدىكى مۇھىم بولغان قۇشلارنىڭ ياشاش ماكانى، شىنجاڭنىڭ مۇھىم بولغان ئېكولوگىيەنى ساقلاش رايونى، شۇنداقلا تارىم دەرياسى مەنبە ئېقىنىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئۇ ھەم قايدۇ دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنى، ھەم كۆنچى دەرياسىنىڭ مەنبەسى بولۇپ، مۇھىم بولغان سۇ مىقدارىنى تەڭشەش - ساقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە، ئۇ كۆنچى دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىدىكى تۈزلەڭلىك رايوندا چۆللەشكەن دەريا قىرغىقى ئورمىنى، تەبىئىي ئورمان، ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىنى ئېكولوگىيەلىك سۇ بىلەن تەمىنلەشنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، مۇھىم، زور ئېكولوگىيە، مۇھىت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرماقتا.

ھالبۇكى، ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا كەڭ كۆلەمدە ئېچىش باغراش كۆلىنىڭ مۇھىتىدا بىر قاتار ئۆزگىرىشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، مەسىلەن، كۆل سۈيىنىڭ سۇ ئورنىدىكى ئۆزگىرىش كۈچلۈك بولۇش، مىنېراللىشىش دەرىجىسى ئېشىپ كېتىش، ئوزۇقلۇق كۆپىيىش دەرىجىسى ئېشىپ كېتىش، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئازىيىش قاتارلىق مەسىلىلەر.

«2011 - يىلى، ئاپتونوم رايوننىڭ تارىم دەرياسى ۋادىسىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھ قىلىنغاندىن كېيىن، بىز ۋادىنىڭ سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش فۇنكسىيەسىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى ئېقىن بىلەن تۆۋەن ئېقىن، سول قىرغاق بىلەن ئوڭ قىرغاق، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئېكولوگىيەنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، سۇ بايلىقىنى ياخشى تەڭشەپ تەقسىملەپ، باغراش كۆلىنىڭ سۇ بايلىقىدىن ئىلمىي پايدىلىنىش ۋە ئۇنى قانۇن بويىچە قوغداشتا ئاكتىپ رولىمىزنى جارى قىلدۇردۇق» دېدى ما يۇڭئەن.

تۈزەش جەريانىدا، ئەڭ قاتتىق بولغان سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، «ئۈچ قىزىل چەك»نى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋادى ئىچىدە خەلق ئىگىلىكىگە سۇ ئىشلىتىشنى سۇ ئىشلىتىش كۆرسەتكۈچى ئىچىدە قاتتىق كونترول قىلىپ، باغراش كۆلىنىڭ مۇۋاپىق سۇ ئورنىنى ساقلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى؛ دەريا باشلىقى، كۆل باشلىقى تۈزۈمىنىڭ رولى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايون، ئوبلاست، ناھىيە، يېزىدىن ئىبارەت تۆت دەرىجىلىك دەريا باشلىقى، كۆل باشلىقى تۈزۈمى سىستېمىسى ئورنىتىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، باغراش كۆلىنى ئۈچ يىللىق تۈزەش ھەرىكىتى يولغا قويۇلدى.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈش (تەڭشەش) سىجىل يولغا قويۇلدى. 2018 - يىلىدىن بۇيان، قايدۇ دەرياسىدىن كېلىدىغان سۇ نىسبەتەن مول بولۇشتەك پايدىلىق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇدا بەش يىل «قايدۇ دەرياسىدىن خۇاڭشۇيگوۋ ئېقىنى ئارقىلىق سۇ باشلاش» قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇپ، باغراش كۆلىگە جىددىي سۇ باشلاندى، قايدۇ دەرياسىدىن خۇاڭشۇيگوۋغا 726 مىليون كۇب مېتىر ئېكولوگىيەلىك سۇ باشلىنىپ، باغراش كۆلى سۈيىنىڭ ئايلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، خۇاڭشۇيگوۋ، باغراش كۆلىنىڭ سۇ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئۈنۈملۈك ياخشىلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دەريا - كۆللەرنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ھەم «تۆت قالايمىقاننى تۈگىتىش» مەخسۇس ھەرىكىتى سىجىل قانات يايدۇرۇلۇپ، دەريا - كۆللەرنى چارلاپ تەكشۈرۈش ۋە بىرلىشىپ قانۇن ئىجرا قىلىش سالمىقى سىجىل زورايتىلدى، تۆت دەرىجىلىك دەريا باشلىقى، كۆل باشلىقى ھەم سۇ مەمۇرىيىتى بويىچە قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار كۆلنى مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق چارلىدى، ئادەم، ئاپتوموبىل، كېمە، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ بىلەن كۆلنى چارلاش مۇساپىسى 10 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشتى.

سۇ ئېكولوگىيەسىنىڭ ياخشىلىنىشى باغراش كۆلىنى قايتىدىن ياۋايى ھايۋانلارنىڭ شادلىق باغچىسىغا ئايلاندۇردى، خۇاڭشۇيگوۋ ئەسلىدىكى سېسىق سۇ جىلغىسىدىن سۇ قۇشلىرى ئوينىشىپ، بېلىقلار ئۈزۈپ يۈرىدىغان «سۈزۈك سۇلۇق جىلغا»غا ئايلاندى. «ئىلگىرىكى يىللاردا، بۇ يەردە سۇ ناھايىتى ئاز ئىدى، يەنە سېسىق پۇرايتتى، بېلىقلار ناھايىتى ئاز ئىدى، بېلىقنى تۇتقىنىمىز بىلەن يېيىشكە جۈرئەت قىلالمايتتۇق» دېدى خوشۇت ناھىيەسىنىڭ ئاھالىسى شيا رۇنتاۋ ئەسلەپ. ھازىر خۇاڭشۇيگوۋ ئۇ دوستلىرى بىلەن دائىم كېلىپ بېلىق تۇتىدىغان جايغا ئايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.