8- ئاينىڭ 21- كۈنى سائەت 0دىن 24كىچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 7سى يېڭىدىن كۆپەيدى، ھەممىسى 8- شى شىخەنزە شەھىرىدە. كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن 9 يۇقۇملانغۇچىنى ئايرىپ تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە 4- شىدا 2سى، 8- شى شىخەنزە شەھىرىدە 7سى بار.
8- ئاينىڭ 21- كۈنى سائەت 24كىچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدە ھازىر بار بولغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 0؛ ھازىر بار بولغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 402، بۇنىڭ ئىچىدە، 4- شىدا 137سى، 6- شىدا 38ى، 8- شى شىخەنزە شەھىرىدە 226سى، 13- شىدا 1ى بار.
پايدىلانغان مەنبە: بىڭتۇەن سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى تور بېكىتى