8- ئاينىڭ 20- كۈنى سائەت 0دىن 24كىچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 9ى يېڭىدىن كۆپەيدى، ھەممىسى 8- شى شىخەنزە شەھىرىدە. 8- شى شىخەنزە شەھىرىدىكى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن 6 يۇقۇملانغۇچىنى ئايرىپ تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىندى.
8- ئاينىڭ 20- كۈنى سائەت 24كىچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدە ھازىر بار بولغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 0؛ ھازىر بار بولغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 404، بۇنىڭ ئىچىدە، 4- شىدا 139ى، 6- شىدا 38ى، 8- شى شىخەنزە شەھىرىدە 226سى، 13- شىدا 1ى بار.
پايدىلانغان مەنبە: بىڭتۇەن سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى تور بېكىتى