تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

جېمىنەي ناھىيەسى: باقمىچىلىقنى زورايتىپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاممىنىڭ بېيىش يولىنى كېڭەيتتى

 

 تىيانشان تورى خەۋىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جېمىنەي ناھىيەسى «يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش» ئىستراتېگىيەسىنى تۇتقا قىلىپ، شىنجاڭ قوڭۇر كالىسى، سىمېنتال كالىسى، بورداق كالا بېقىشنى يېتەكچى كەسىپ قىلىپ، خاس باقمىچىلىقنى زورايتىپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاممىنىڭ بېيىش يولىنى كېڭەيتتى، نەچچە يىل تىرىشىش ئارقىلىق، جېمىنەي ناھىيەسى باقمىچىلىقىنىڭ نەتىجە-ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، تېز تەرەققىي قىلدى.

  بايەن مىدات جېمىنەي ناھىيەسى جېمىنەي بازىرى بېلئېرىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى، ئۇنىڭ ئائىلىسى ئىلگىرى تېرىقچىلىقنى ئاساس قىلاتتى، بۇ يىل، بايەن مىدات يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەت جەھەتتىن ياردەم بېرىشى، يۆلىشى بىلەن 500 مىڭ يۈەن تۈر تەرەققىيات مەبلىغىگە ئېرىشىپ، 28 سېمىنتال سىيىرى سېتىۋالدى. كالا قوتىنىدا بايەن مىدات سىيىرلارغا ئوزۇقلۇقى مول يەم-خەشەكنى تۈجۈپىلەپ تەييارلىدى، ئىلمىي ئۇسۇلدا يەم-خەشەك تەڭشەش ۋە كۆڭۈل قويۇپ بېقىش نەتىجىسىدە 28 سىمېنتال سىيىر ساغلام چوڭ بولماقتا. «بۇ يىل 12، 13 موزاي قوتاندىن چىقىدۇ، بىر موزاينى 15 مىڭ يۈەندىن 20 مىڭ يۈەنگىچە ساتقىلى بولىدۇ، مۆلچەرىمچە بۇ يىل ساپ كىرىمىم 100 مىڭ يۈەندىن ئېشىشى مۇمكىن، مەن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىگە رەھمەت ئېيتىمەن، بۇ ياخشى سىياسەتلەرنىڭ تۈرتكىسىدە مەن كىرىمىمنى ئاشۇرۇپ، تۇرمۇش سەۋىيەمنى ئۆستۈرىمەن» دېدى بايەن مىدات.

  ئىلگىرى يەرلىك كالىلارنى بېقىش ۋاقتى ئۇزۇن، قوتاندىن چىقىرىش ئاستا، ئۈنۈمى تۆۋەن ئىدى. جېمىنەي ناھىيەسى نەسىلنى ياخشىلاش، چوڭ ئائىلىلەر ئۈلگە كۆرسىتىپ تۈرتكە بولۇش، يېڭى كەسىپ ھالىتى بەرپا قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل تەدبىرلەر ئارقىلىق سىمېنتال سىيىرىنى كىرگۈزۈپ، باقمىچىلىق كەسپىنىڭ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى يېتەكچى كەسىپكە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. سىمېنتال سىيىرىنىڭ سۈت چىقىرىش مىقدارى يۇقىرى، گۆش مىقدارى مول، ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك، بېقىش ئاسان.

  جېمىنەي بازىرى بېلئاراك كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ماۋۇلجان قۇرمانقان مۇنداق دېدى: «بىز پۇقرالار ئۈچۈن ئۆسۈمسىز بولغان كەسىپلەر تەرەققىيات تۈر مەبلىغىنى مەخسۇس ئىلتىماس قىلىپ، ئۇلارنىڭ باقمىچىلىقنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم بەردۇق، بۇنىڭدىن كېيىن، بىز دېھقان-چارۋىچىلارنى ئېكولوگىيەلىك ھېسابات، ئۇزاق مۇددەتلىك ھېسابات قىلىشقا يېتەكلەپ، باقمىچىلىق باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى ياخشىلاپ، ئاز بېقىش، تۈجۈپىلەپ بېقىش يولىدا مېڭىپ، چارۋىچىلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل، مۇقىم ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىمىز.»

  (جېمىنەي ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى قۇانىش ناسقات، جاڭ جياشياڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر ئېرنار باقىتخان)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿不来提·肉孜

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.