تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تېخىمۇ ئىلمىي پوزىتسىيە، تېخىمۇ پۇختا تەدبىر ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش ۋە ئۇنىڭدا غەلىبە قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايون يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

تېخىمۇ ئىلمىي پوزىتسىيە، تېخىمۇ پۇختا تەدبىر ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش ۋە ئۇنىڭدا غەلىبە قىلىش كېرەك

ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايون يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى ئەركىن تۇنىياز قاتارلىق ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى گوۋۇيۈەننىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ئۇنىۋېرسال گۇرۇپپىسى، جۇڭشەن داشۆ قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانا ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خېسۇەن تەكشۈرۈش، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە مەنبەدىن تەكشۈرۈش، مەھەللە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، داۋالاش - قۇتقۇزۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى مۇتەخەسسىسلەر بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، مۇھاكىمە قىلدى، جەمئىيەت قاتلىمىدىن نۆللەشتۈرۈش نىشانىنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ، دىققەتنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھازىرقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ۋەزىيەتكە ئىلمىي ھۆكۈم قىلىپ، مەسىلىلەرنى ئوبيېكتىپ تەھلىل قىلىپ، پىكىر - تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش ۋە ئۇنىڭدا غەلىبە قىلىش ئۈچۈن، كونكرېت تەدبىرلەرنى پىلانلىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خې جۇڭيوۋ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

گوۋۇيۈەننىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ئۇنىۋېرسال گۇرۇپپىسىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىدىن جېڭ رۇيچياڭ، دۇ جاۋخۇي، جۇڭشەن داشۆ قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىدىن جۇ چىڭتاڭ، گو يۈبياۋ، ليۇ دايۆ، ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مۇتەخەسسىسلىرىدىن ۋاڭ شاۋخۇا، ۋاڭ شىيەن، لى فەن، ۋاڭ جۈن، نى مىڭجيەن، ياڭ يىنىڭ قاتارلىقلار بۇ قېتىمقى يۇقۇمدا ئومىكېروننىڭ ئۆزگەرگەن ۋىرۇس تۈپىنىڭ تارقىلىش كۈچى ۋە يوشۇرۇنچانلىقى تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇش، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قىيىنلىق دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە قارىتا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەت ئەمەلىيىتى ۋە ساقلانغان مەسىلىلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئىلمىي ھۆكۈم قىلىش، يۇقىرى، ئوتتۇراھال، تۆۋەن خەۋپ - خەتەر رايونىنى دەل جايىدا ئايرىپ بېكىتىش؛ 9 - نۇسخىدىكى ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش لايىھەسى بويىچە ئۆگىنىش، تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش؛ ئۇچۇر توسۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۇچۇر يەتكۈزۈش مېخانىزمىنى راۋانلاشتۇرۇش؛ مەھەللىنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، تورلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشقا تايىنىپ ئاخىرقى نۇقتىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش؛ خېسۇەن تەكشۈرۈشتىكى «ئالتۇن ئۆلچەم»دە چىڭ تۇرۇپ، خېسۇەن تەكشۈرۈشنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش؛ بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىلارنىڭ قوبۇل قىلىپ داۋالاش قائىدىسى ۋە ئۆلچىمىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، «ياشانغانلار، بالىلار»نى ئىلمىي داۋالاش ۋە ئاساسىي كېسەل، ياشانغانلار كېسىلى قاتارلىق ئالاھىدە ئاغرىقلارنى كۆپ خىل پەنلەر بويىچە قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى ياخشى تۇتۇپ، يېنىك كېسەلنىڭ ئېغىر كېسەلگە ئۆزگىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ قۇرۇلۇش ئورنى، داۋالاش ئاپپاراتى، كۈتۈنۈش پاراۋانلىق ئاپپاراتى قاتارلىق نۇقتىلىق سورۇنلاردىكى ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئايرىش نۇقتىسى، فاڭساڭ دوختۇرخانىسى قاتارلىق جايلاردىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش؛ بىرىنچى سەپتە ئالدىنى ئالىدىغان - تىزگىنلەيدىغان، مۇلازىمەت - كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدىغان خادىملارنى يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تېببىي خادىملارنىڭ مۇداپىئە كۆرۈشكە ئائىت قېلىپلاشقان ئۆلچەمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يوچۇق، خەۋپ - خەتەرنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، تۈزىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى چۆرىدەپ، قاراتمىلىقى كۈچلۈك، مەشغۇلاتچانلىقى ئەمەلىي بولغان پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز قاتارلىقلار مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، ئارىلاپ - ئارىلاپ ئالاقىدار ئەھۋاللارنى سوراپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە دائىر كونكرېت تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلدى، مۇھاكىمە قىلدى.

ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەنگە ۋاكالىتەن ھەرقايسى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى ۋە كۈچلۈك يېتەكچىلىك قىلغانلىقىغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى، ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ئىشلەۋاتقان كەڭ تېببىي خادىملار ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە قاتناشقان بىرىنچى سەپتىكى خادىملاردىن سەمىمىي ھال سورىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ھەرقايسى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرى ئىلمىي، دەل جايىدا، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، قاراتمىلىقى، كەسىپچانلىقى، مەشغۇلاتچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، بىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزگە كونكرېت يېتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە كۈچلۈك تۈرتكە بولىدۇ. ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدە بەلگىلىك نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن قىسمەن رايونلاردا يوشۇرۇن تارقىلىش يەنىلا تولۇق ئۈزۈلمىدى، تارقىلىش، كېڭىيىش خەۋپ - خەتىرى يەنىلا مەۋجۇت، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، گوۋۇيۈەننىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ئۇنىۋېرسال گۇرۇپپىسى شىنجاڭ خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ تەلىپى بويىچە، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى تولۇق قوبۇل قىلىپ ۋە ئۆرنەك قىلىپ، «ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش» باش فاڭجېنىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىرادىنى ساقلاپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ۋاقىتقا، ۋەزىيەتكە، ھەر يەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تەڭشەپ، يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى خېسۇەن تەكشۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، دەل جايىدا تاسقاپ تەكشۈرۈش، ئايرىپ باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى ئاچقۇچ قىلىپ، دىققەتنى نۇقتىلىق رايون، ئاچقۇچلۇق ھالقىلارغا دەل جايىدا كۈچەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، قەتئىي تۈردە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش ۋە ئۇنىڭدا غەلىبە قىلىش كېرەك. بىرىنچىدىن، خېسۇەن تەكشۈرۈش كۈچى بايلىقىنى سەپلەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، «ئۈچ رايون»نى ئايرىپ بېكىتىش ۋە باشقۇرۇش تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ھالدا يۇقىرى، ئوتتۇراھال خەۋپ - خەتەر رايونلارغا مايىللىشىپ، خەۋپ - خەتىرى يۇقىرى رايونلاردا بىر ئادەمگە بىر نەيچە ئىشلىتىپ تەكشۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، تەكشۈرۈشنىڭ قاراتمىلىقى، ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىككىنچىدىن، قەتئىي تۈردە ئايرىۋېتىشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق ئايرىۋېتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىز قوغلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئايرىش زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، ئايرىش مەيدان - سورۇنلىرىنى يېتەرلىك تەييارلاپ، ھەقىقىي تۈردە مۇسبەت چىققانلار، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار ھەم يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار، ئىككىلەمچى يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار قاتارلىق پۈتۈن زەنجىردىكى خەۋپ - خەتەر ساقلانغان كىشىلەرنى ئايرىش، باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى دەل جايىدا ئىشلەش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان، مۇلازىمەت - كاپالەتلىك قىلىدىغان بىرىنچى سەپتىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ مۇداپىئەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «نۇقتىدىن نۇقتىغا» يېپىق ھالقىسىمان باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەربىيەلەش، ئالدىنى ئېلىش، نۆۋەت بىلەن ئالماشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. تۆتىنچىدىن، دوختۇرخانىدا يۇقۇملىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ھەقىقىي تۈردە ياخشى تۇتۇپ، يۇقۇملىنىپ قېلىشنى تىزگىنلەش ئاساسىي مۇداپىئە سېپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆلچەمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئايرىۋېتىلگەن ئاغرىقلار رايونىنى باشقۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇملىنىش خەۋپ - خەتىرىنى ئەڭ زور چەكتە تۆۋەنلىتىش كېرەك. بەشىنچىدىن، 9 - نۇسخىدىكى داۋالاش لايىھەسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، يۇقۇملانغۇچىلارنى تۈرگە ئايرىپ قۇتقۇزۇپ داۋالاپ، بىر ئادەمگە بىر تەدبىر قوللىنىپ، ئېغىر ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەپ، كۆپچىلىكنى پائال ماسلىشىشقا، پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاشقا يېتەكلەپ، ھەربىر كىشىنى تېخىمۇ ھوشيار بولىدىغان، ئاڭلىق ھەرىكەتكە كېلىدىغان قىلىپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشنىڭ پۇختا مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. ئالتىنچىدىن، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ۋە ئۇنىڭ ئىشخانىسى ئۈرۈمچى، ئىلى، سانجى قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلاردىكى يۇقۇمنىڭ ئەۋج ئېلىش ۋەزىيىتىنى چىڭ كۆزلەپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، كۈندىلىك ھۆكۈم قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك؛ سەھىيە - ساغلاملىق، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قاتارلىق تارماقلار ئەستايىدىل بولۇپ يەكۈنلەش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، خېسۇەن تەكشۈرۈش، داۋالاش، قۇتقۇزۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلىشى كېرەك؛ ھەرقايسى جايلار تەۋەلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى بىرىنچى سەپكە چۆكۈشكە تەشكىللەپ، سەپەرۋەر قىلىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

چېن ۋېيجۈن سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ياڭ فاسېن، قادېن كەبىن، چېن مىڭگو، ليۇ سۇشې، ليۇ خۇيجۈن قاتارلىقلار قاتناشتى، ما شىن، كې مىڭ، ما مىڭخۇي، لۇ چېن، گۇەن ۋېنلۇڭ، چېن جۇڭمىن، جاڭ لۇڭخەي قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.