تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تەدبىرلەرنى تېز، قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا ۋە خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

تەدبىرلەرنى تېز، قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ۋە خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، گوۋۇيۈەننىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ئۇنىۋېرسال گۇرۇپپىسى شىنجاڭ خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ پىكرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، دىققەتنى جەمئىيەت قاتلىمىدىن نۆللەشتۈرۈش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىنچىكە، يەنىمۇ پۇختا، يەنىمۇ قاتتىق بولۇش ئىستىلى بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ياخشى قىلىش كېرەك.

  ئەركىن تۇنىياز ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر بىلەن بىللە ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى يەنئەن يولى كوچا باشقارمىسىنىڭ جىشۇن يولى شەرقىي مەھەللىسى خېشۇن گۈللۈكى ئولتۇراق رايونىغا كېلىپ، مەھەللە كادىرلىرى، بىرىنچى سەپتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خادىملىرى بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، خېسۇەن تەكشۈرۈش، يۇقۇملانغۇچىلار ۋە يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلارنى يۆتكەش، «ياشانغانلار، ئاجىزلار، ئاغرىقلار، مېيىپلەر، ھامىلىدارلار» قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا مۇلازىمەت قىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى ھەم نەق مەيداندا جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش نۇقتىسىنىڭ كۆكتات زاپاس ساقلاش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قەتئىي تۈردە پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەت تەرتىپىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش، خېسۇەن ئەۋرىشكىسى ئېلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىنچىكە، ئۆلچەملىك، ئەتراپلىق يولغا قويۇش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش قانۇنچىللىق تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، كەڭ ئاممىنى قانۇن بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنى قوللاش ھەم ئۇنىڭغا ماسلىشىشقا يېتەكلەش كېرەك. تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئېھتىياج كۆپ بولغان ماللارنى ۋاقتىدا تولۇقلاپ، ئاھالىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش ۋە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى كۆپەيتىش كېرەك.

  ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى دۇڭلياڭشەن تېببىي كۆزىتىش نۇقتىسى، شىمىگۇ رايونى جېنئەن كوچىسى فاڭساڭ دوختۇرخانىسىدا ئەركىن تۇنىياز ھەرقايسى فۇنكسىيەلىك رايونلارنى ئايرىپ تەسىس قىلىش ۋە داۋالاش ـ قۇتقۇزۇش، دوختۇرخانىدا يۇقۇملىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: داۋالاش ـ قۇتقۇزۇش ۋە دوختۇرخانىدا يۇقۇملىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش مەشغۇلات قائىدىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش، ھاۋا ئالماشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، دوختۇرخانا ئىچىدە گىرەلەشمە يۇقۇملىنىش كۆرۈلۈشتىن ساقلىنىش كېرەك. مەركەزلىك ئايرىش نۇقتىلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، كەسپىي تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي جەڭگە زىچ يېقىنلىشىپ تەقلىدىي مەشىقنى قانات يايدۇرۇپ، تېز ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارى ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر، ئۈرۈمچىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ئاچقۇچلۇق تۈگۈندە تۇرۇۋاتىدۇ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇن بويىچە، ئىلمىي، دەل جايىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشكە دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى تېز، قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت قاتلىمىدىن نۆللەشتۈرۈش نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئاھالىلەرنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشى ۋە جىددىي ئېھتىياجىنى ياخشى كاپالەتلەندۈرۈش، بولۇپمۇ «ياشانغانلار، ئاجىزلار، ئاغرىقلار، مېيىپلەر، ھامىلىدارلار» قاتارلىق ئالاھىدە كىشىلەر توپىنى خاس مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، «جاپا كۆرسەتكۈچى» ئارقىلىق ئاممىنىڭ «بەخت كۆرسەتكۈچى»نى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇپ، بازار تەمىناتىنىڭ يېتەرلىك، تىجارەتنىڭ تەرتىپلىك، باھانىڭ مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، كۆكتاتقا كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاش كېرەك. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، جەڭدىن بىزار بولۇش كەيپىياتى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىنى قەتئىي تۈگىتىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشكە دائىر تۈرلۈك تۈزۈم ـ بەلگىلىمىلەرنىڭ ياخشى ئەمەلىيلىشىشى، قېيىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تېببىي خادىملار، فاڭساڭ دوختۇرخانىسىدىكى باشقۇرۇش، مۇلازىمەت خادىملىرى، مەھەللە خىزمەتچىلىرى، پىدائىيلار قاتارلىق مۇلازىمەت كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كەسپىي كوللېكتىپتىن ياخشى پايدىلىنىپ، كۆپ تەرەپنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، بۇ مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ئورتاق ياخشى قىلىش، ئۇنىڭدا غەلىبە قىلىش كېرەك.

  چېن ۋېيجۈن بىرلىكتە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.