تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تېخىمۇ قەتئىي، كۈچلۈك ھەرىكەت ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىنلىق يىغىن ئېچىپ، بىر قىسىم ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە شى، شەھەرلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى ۋە خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلدى

تېخىمۇ قەتئىي، كۈچلۈك ھەرىكەت ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

ما شىڭرۇي سۆز قىلدى، ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى 8 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى سىنلىق يىغىن ئېچىپ، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە بىڭتۇەن 4 ـ شى كۆكدالا شەھىرى، 6 ـ شى ۋۇجياچۈ شەھىرى، 8 ـ شى شىخەنزە شەھىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى ۋە خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلدى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى ئالغا سىلجىتىشقا ئائىت نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى، ھەرقايسى جايلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ۋە ئاپتونوم رايون، ۋىلايەتتىن ئىبارەت ئىككى دەرىجىلىك سەھىيە تارماقلىرى، داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلارنىڭ پىكىر ـ تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، گوۋۇيۈەننىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ئۇنىۋېرسال گۇرۇپپىسى شىنجاڭ خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ پىكرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى جەمئىيەت قاتلىمىدىن نۆللەشتۈرۈش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، زېھنىي كۈچ ۋە ئەقىل ـ پاراسەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ، بايلىق كۈچىنى بىرىكتۈرۈپ، كەسكىن، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خې جۇڭيوۋ قاتارلىقلار قاتناشتى.

  ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ قېتىمقى يۇقۇمدا كۆرۈلگەن ئومىكېروننىڭ ئۆزگەرگەن ۋىرۇس تۈپىنىڭ تارقىلىش كۈچى ۋە يوشۇرۇنچانلىقى تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشكە تېخىمۇ زور قىيىن نۇقتا پەيدا قىلدى، پەقەت تۈرلۈك تەدبىرلەر تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ قاتتىق، تېخىمۇ دەل جايىدا، تېخىمۇ ئەمەلىي بولغاندىلا، ۋىرۇسنى يەڭگىلى بولىدۇ. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، بولۇپمۇ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ۋەزىيىتى كەسكىن، مۇرەككەپ رايونلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، گوۋۇيۈەننىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ئۇنىۋېرسال گۇرۇپپىسى شىنجاڭ خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ يېتەكچى پىكرى بويىچە، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەسىلە يۆنىلىشى، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش داۋامىدا كۆرۈلگەن يېڭى ئەھۋال، يېڭى خىرىسلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ۋىرۇسنىڭ ئۆزگىرىشى، تارقىلىش مېخانىزمى، كېسەل پەيدا قىلىش كۈچىنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىقلارنى ئانالىز قىلىش، ھۆكۈم قىلىشنى كۈچەيتىپ، بىخۇدلۇق ئىدىيەسى، ئۇرۇشتىن بىزار بولۇش كەيپىياتى، تەلەي سىناش پىسخىكىسى، بوشىشىپ قېلىش روھىي ھالىتىنى قەتئىي تۈگىتىپ، جەمئىيەت قاتلىمىدىن نۆللەشتۈرۈش نىشانىنى چىڭ تۇتۇشنى بوشاشتۇرۇپ قويماي ۋە ئۇنىڭدىن تەۋرىنىپ قالماي، تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەۋزەل كۈچلەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك. مۇھىم نۇقتىنى چىڭ كۆزلەپ جەمئىيەت قاتلىمىدىن باشقۇرۇش كېرەك. ئاساسلىق زېھنىي كۈچنى جەمئىيەت قاتلىمىدىكى ئايرىۋېتىش، تاسقاپ تەكشۈرۈش، باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەھەللە، كەنت ـ گۇرۇپپا، كارخانا، ئورۇن قاتارلىقلارنى بىرلىك قىلىپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تاسقاپ تەكشۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىنچىكە قانات يايدۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ھەربىر ھالقا، ھەربىر ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يوشۇرۇن تارقىلىش زەنجىرىنى تېخىمۇ ئىنچىكە تېپىپ چىقىپ، قەتئىي تۈردە تارقىلىش يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاش، خەۋپ ـ خەتەر يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىش، يۇقۇمنىڭ يامرىشىنى تۈگىتىش كېرەك. پۈتۈن زەنجىرلىك قاتتىق باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ خېسۇەن تەكشۈرۈشنىڭ قېتىم سانىنى ئەلالاشتۇرۇپ، خېسۇەن تەكشۈرۈشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تېز ئەۋرىشكە ئېلىپ، تېز تەكشۈرۈپ، تېز نەتىجە چىقىرىپ، سۈپەت، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، بارلىق خادىملارغا قارىتا خېسۇەن تەكشۈرۈش، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە مەنبەدىن ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش، يۆتكەپ ئايرىش قاتارلىق ھالقىلارنى تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ دەل جايىدا جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، ئايرىش مەيدان ـ سورۇنلىرىنى يېتەرلىك تەييارلاپ، مۇسبەت چىققانلار، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار ھەم يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار، ئىككىلەمچى يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار قاتارلىق پۈتۈن زەنجىردىكى خەۋپ ـ خەتەر ساقلانغان كىشىلەرنىڭ بىرىنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماي ئايرىش، باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەشنى دەل جايىدا ئىشلەش كېرەك. ئاچقۇچلۇق ئورۇنلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىلارنىڭ پۈتۈن دوختۇرخانا رايونىدا يۇقۇملىنىشنى تىزگىنلەشكە بولغان باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، يۇقۇملىنىشنى تىزگىنلەشتىكى نۇقتىلىق تارماقلار، نۇقتىلىق ھالقىلار ھەمدە ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ئۇل ئەسلىھەلىرى، ئاساسىي تەرتىپلىرىنى بىر ـ بىرلەپ رەتلەپ، رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، مەركەزلىك ئايرىش نۇقتىسى، كۈتۈنۈش، پاراۋانلىق ئاپپاراتلىرى قاتارلىق نۇقتىلىق سورۇنلاردا ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، تېببىي خادىملار، بىرىنچى سەپتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە مۇلازىمەت كاپالىتى قاتارلىقلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كىشىلەرگە قارىتىلغان ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تارقىلىش خەۋپ ـ خەتىرىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. پۈتۈن ئاپتونوم رايون «بىر تاختا شاھمات»، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك «بىر تاختا شاھمات» بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە شى، شەھەرلەر ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر، بولۇپمۇ ئاساسلىق رەھبەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، ئانالىز قىلىش، ھۆكۈم قىلىش، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش، ئىجرا قىلىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق ھالقا، خەتەرلىك نۇقتا، ئورۇننى نىشانلاپ، مەسىلە تىزىملىكىنى رەتلەپ، ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يۇقۇمنى تىزگىنلىشى كېرەك.

  ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، تېخىمۇ قەتئىي، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ھەم باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەشنىڭ جايىدا بولۇشىغا، ھەم دەرىجىگە ئايرىپ، تۈرگە ئايرىپ، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنىڭ ئىلمىيلىكى، ئۈنۈملۈكلۈكى، قاراتمىلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، خەلق تۇرمۇشىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش، ئەشيا ئوبوروتىنى راۋانلاشتۇرۇش، كەسىپلەرنىڭ ئايلىنىپ تۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ساقلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  چېن ۋېيجۈن، ياڭ فاسېن، يۈسۈپجان مەمەت، قادېن كەبىن، ليۇ سۇشې، شۆ بىن، ليۇ جيەنمىڭ، ليۇ شىنجيەن، جياۋ شياۋپىڭ، جاڭ ۋېنشېڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.