تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جەمئىيەت قاتلىمىدىن نۆللەشتۈرۈش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش كېرەك

ئەركىن تۇنىياز قىزىلسۇ ئوبلاستى، قەشقەر، خوتەنگە بېرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاش خىزمىتىگە تۈرلەر بويىچە يېتەكچىلىك قىلدى

جەمئىيەت قاتلىمىدىن نۆللەشتۈرۈش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار چېن جاۋلىن، جەي رۇزېڭ، سۈن يوۋجۈن، شۈ شياۋلۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن 16 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتىگە ۋە ئاتۇش شەھىرى، قەشقەر شەھىرى، خوتەن شەھىرى، خوتەن ناھىيەسى، قاراقاش ناھىيەسىگە بېرىپ، بەلگىلەنگەن قۇتقۇزۇش - داۋالاش دوختۇرخانىسى، خېسۇەن تەكشۈرۈش تەجرىبىخانىسى، مەركەزلىك ئايرىۋېتىش نۇقتىسى، ئېتىز بېشى، كەسىپلەر باغچە رايونى، ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى، سودا ساراي، تاللا بازىرى قاتارلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى، بىرىنچى سەپتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كاپالەت خادىملىرىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قوماندانلىق سىستېمىسىنىڭ يۈرۈشۈشى، داۋالاش - قۇتقۇزۇش، تەمىنلەش ۋە قاتناشنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، كارخانىلارنىڭ يۈرۈشۈشى، جەمئىيەت قاتلىمىنىڭ يۈرۈشۈشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى، ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئەھۋالى توغرىسىدا سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى ھەم مۇتەخەسسىسلەر بىلەن بىرلىكتە خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاش خىزمىتىگە تۈرلەر بويىچە يېتەكچىلىك قىلدى.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى، شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىش» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، بارلىق چارىلەرنى قوللىنىپ، بارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاپ، جەمئىيەت قاتلىمىدىن نۆللەشتۈرۈش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: قانۇن بويىچە، ئىلمىي، دەل جايىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، 9 - نۇسخىدىكى ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش لايىھەسىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خېسۇەن تەكشۈرۈش ۋە تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە مەنبەدىن تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مەركەزلىك ئايرىۋېتىش نۇقتىلىرىنى باشقۇرۇشنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، بېكىتىلگەن قۇتقۇزۇش - داۋالاش دوختۇرخانىسى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەمەلىي جەڭگە زىچ يېقىنلاشقان ھالدا جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش مەشىقىنى قانات يايدۇرۇپ، تېز ئىنكاس قايتۇرۇش ۋە جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. باشتىن - ئاخىر ئاممىغا چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىللىق مۇلازىمەت قىلىپ، تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى ياخشى ئىشلەپ، بازار باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقى، ئىلتىماس - تەلەپلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقىنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئالدىغا ئۆتۈپ مۇلازىمەت قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللىشىپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتتىكى قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، كارخانىلارنى زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كېڭەيتىش، زەنجىرنى كۈچەيتىشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنى قوبۇل قىلىپ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش، يېتەكلەش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: جەمئىيەت قاتلىمىدىن نۆللەشتۈرۈش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ئومۇمىي تاكتىكىسى ۋە «ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش» باش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، «پۈتۈن شىنجاڭ بىر تاختا شاھمات» «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات» بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتلەرنىڭ بىرىنچى قول رەھبەرلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، كاپالەتلەندۈرۈش، بىرتۇتاش پىلانلاش ئىقتىدارى، جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى، ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى، ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئاددىيلاشتۇرۇۋېتىش، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش ۋە قاتلاممۇقاتلام يۈكلەش قاتارلىق ھادىسىلەرنى قەتئىي توسۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.