تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تېز كېڭىيىۋاتقان يۇقۇمنى تېز ھەرىكەت قوللىنىپ تىزگىنلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۆللەشتۈرۈش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاش كېرەك

ما شىڭرۇي قىسمەن ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا ۋە يېتەكچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

تېز كېڭىيىۋاتقان يۇقۇمنى تېز ھەرىكەت قوللىنىپ تىزگىنلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۆللەشتۈرۈش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ئىختىيارىي مۇخبىرلار جاۋ جېندۇڭ، دۇ خۇ، جاڭ يوۋشېڭ خەۋەر قىلىدۇ: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىش كېرەك» دېگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، 8 - ئاينىڭ 13 - كۈنىدىن 16 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئىلى، تارباغاتاي، بورتالا، سانجى، تۇرپان، قومۇل قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قوماندانلىق سىستېمىسىنىڭ يۈرۈشۈشى، ئايرىپ كۆزىتىش ۋە داۋالاش - قۇتقۇزۇش ئورۇنلىرىنىڭ يۈرۈشۈشى، قاتناش تۈگۈنىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، زەنجىرنى مۇقىملاشتۇرۇپ تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىدىغان كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى، «يازنىڭ ئۈچ ئىشى» خىزمىتى ۋە ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ھەرقايسى جايلاردىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار ھەمدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر قاتارلىقلار بىلەن بىللە يىغىن ئېچىپ مۇھاكىمە قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلىدى.

شىخو شەھىرى، قۇتۇبى ناھىيەسى ۋە تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى، قومۇل شەھىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابى قاتارلىق جايلاردا، ما شىڭرۇي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، مۇھاكىمە قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىرقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ مۇرەككەپلىكى، مۈشكۈللۈكىنى چوڭقۇر تونۇپ، داۋاملىق تۈردە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ھازىرقى ئەڭ مۇھىم خىزمەت قىلىپ، قاتتىق بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، تېز كېڭىيىۋاتقان يۇقۇمنى تېز ھەرىكەت قوللىنىپ تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يوچۇقلارنى داۋاملىق تەكشۈرۈپ ۋە ئېتىپ، زېھىننى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەقىل - پاراسەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرنى قانۇن بويىچە، ئىلمىي، دەل جايىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قاتتىق، ئەمەلىي، ياخشى تۇتۇپ، جەمئىيەت قاتلىمىدىن نۆللەشتۈرۈش نىشانىنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خەۋپ - خەتەر ساقلانغان كىشىلەر توپىنىڭ ھەممىسىنىڭ باشقۇرۇش - تىزگىنلەش دائىرىسىدە بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تېز سۈرئەتتە «ئىسكەنجىگە ئېلىپ، يوقىتىپ، تۈگىتىپ»، «ئۈچ رايون»نى ئىلمىي، دەل جايىدا، مۇۋاپىق ئايرىپ، ئومۇمىي ئېھتىياجنى چىقىش قىلىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، يېپىق ھالەتتە بولۇش لېكىن تىزگىنلىمەسلىك، باشقۇرۇش قاتتىق بولماسلىقنى توسۇش كېرەك. خېسۇەن تەكشۈرۈش بويىچە تاسقاپ تەكشۈرۈش ۋە تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، دىققەتنى مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا رايونلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بارلىق خادىملارغا قارىتا خېسۇەن تەكشۈرۈشنى ئۆلچەملىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇپ، تەكشۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق تەكشۈرۈش، بىرمۇ ئائىلىنى چۈشۈرۈپ قويماسلىق، بىرمۇ ئادەمنى چۈشۈرۈپ قويماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ تارقىلىشچان كېسەللىكنى تەكشۈرۈش بويىچە رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، «مۇسبەت چىققانلارنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش» مەخسۇس بەنىنىڭ كۈچىنى تولۇقلاپ، «جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى، ئاممىۋى سەھىيە، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش» تارماقلىرىنىڭ ماسلىشىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بارلىق خەتەرلىك نۇقتا، ئورۇن ۋە كىشىلەرنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، بىرىنچى ۋاقىتتا باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنىڭ جايىدا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، 9 - نۇسخىدىكى داۋالاش لايىھەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇسبەت چىققان ئاغرىقلار ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارغا قارىتا تۈرگە ئايرىپ تەدبىر يۈرگۈزۈپ، دەل جايىدا داۋالاپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دوختۇرخانىدا يۇقۇملىنىش ۋە تېببىي خادىملار گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك. نۇقتىلىق ئورۇنلاردا دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق سورۇن، نۇقتىلىق ھالقىلاردا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى ئورۇن، تارماق، كارخانا قاتارلىقلارنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، مۇداپىئە تورىنى ھەقىقىي زىچ توقۇپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، يۇقۇمنى ئەڭ كىچىك دائىرە ئىچىدە تىزگىنلەش كېرەك.

ما شىڭرۇي كۈيتۈن، ساۋەن، ئاراتۆرۈك، باركۆل قاتارلىق ناھىيە، شەھەرلەرگە بېرىپ، خېرۇن جىنلەن بىيو پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، خېشەن جۈلى خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى، جياڭنا يېڭى ماتېرىياللار چەكلىك شىركىتى، گۇاڭخۇي مۇھىت قوغداش پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قاتارلىق كارخانىلار ۋە جۇڭگو ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قومۇل نۇر - ئىسسىقلىق ئېلېكتىر تۈرى قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، يېپىق ھالقىلىق باشقۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشى، ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى، نەق مەيداندا ئىش بېجىرىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىغا تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان توسۇق نۇقتا، قىيىن نۇقتىلارنى ھەل قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش فاڭجېن - سىياسەتلىرىنى چوڭقۇر، تولۇق، ئومۇميۈزلۈك تونۇپ، سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇش بىلەن بىللە، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، ۋاقىت ۋە ۋەزىيەتكە قاراپ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىياسەتلىرىنى تەڭشەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا كۈچلۈك، تەرتىپلىك تۈرتكە بولۇش كېرەك. تەمىنلەش زەنجىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، زەنجىرنى مۇقىملاشتۇرۇپ تەمىنلەش، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى، قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش، قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشقا ئائىت تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ راۋانلىقىغا، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تەكشى، مۇقىم، تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تۈر قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، نېفىت - تەبىئىي گاز، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق نۇقتىلىق كارخانا، نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ توختاپ قالماسلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تىرەكلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك؛ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپلىرىنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، تۈزەپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش تەييارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ھادىسىلەر يۈزبېرىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە توسۇش كېرەك. قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش، قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشقا كۈچەپ، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر بىر قاتار سىياسەت - تەدبىرلەردىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش، قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇشقا دائىر تۈرلۈك سىياسەتلەرنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇلازىمەتنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن قىيىنچىلىق، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ مۇۋاپىق ئارىلىقتا بولۇشىنى تىرىشىپ ساقلاش كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، چىن ھېسسىيات بىلەن ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يېمەكلىك تەمىناتى، كېسەل كۆرسىتىش، دورا ئىشلىتىش قاتارلىق ئاساسىي تۇرمۇشى ۋە جىددىي ئېھتىياجىنى ياخشى كاپالەتلەندۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا ئالاقىدار ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىشلارنى پۇختا، ياخشى قىلىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەشتىكى قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى، شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دىققەتنى بۇ نۆۋەتلىك يۇقۇمنى بىر تەرەپ قىلىش داۋامىدا ئاشكارىلانغان مەسىلىلەر، يېتەرسىزلىكلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كەمتۈكلۈكلەرنى چىڭ تۇتۇپ تولۇقلاپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، ئۇرۇشتىن بىزار بولۇش كەيپىياتى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىنى قەتئىي تۈگىتىپ، ئاددىيلاشتۇرۇۋېتىش، قالايمىقان ئىش قىلىشتىن قەتئىي ساقلىنىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالماسلىق، قىلىدىغاننى قىلماسلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈگىتىپ، قەتئىي بوشاشمايدىغان چىدامچانلىق ۋە مىخ قېقىش روھى بىلەن تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ پۇختا ئەمەلىيلىشىشى، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ ئەڭ ئاز بەدەل بىلەن ئەڭ زور ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۈنۈمىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىش كېرەك.

ھەرقايسى جايلاردا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، ليۇ خۇيجۈن ھەم ئاپتونوم رايونلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى قاتارلىقلار ئالاقىدار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىشقا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.