تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شىنجاڭ بايىنغولىن ئوبلاستى: تارىم دەرياسى «كەلكۈن»نى باشلاپ، 150 مىڭ مو تەبىئىي توغراقلىقنىڭ ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇردى

 

 تىيانشان تورى خەۋىرى 8-ئاي كىرگەندىن بۇيان، ئۇدا ياغقان يامغۇر ۋە يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا قار-مۇزلارنىڭ تېز ئېرىشىنىڭ تەسىرىدە، ئېلىمىزدىكى بىرىنچى چوڭ ئىچكى دەريا − تارىم دەرياسىنىڭ غول، تارماق ئېقىنىغا كېلىدىغان سۇ مىقدارى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، ھەر ۋاقىت كېلىش ئېھتىمالى بولغان كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، تارىم دەرياسىنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش ئىدارىسى ئالدىن پىلانلاپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، «كەلكۈن»نى تارىم دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىدىكى 150 مىڭ مو تەبىئىي توغراقلىققا باشلاپ، توغراققا «سۇ تولۇقلاپ، ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇردى».

  بۇ ئىككى كۈندە، شىنجاڭ بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ بۈگۈر ناھىيەسى تەۋەسىدىكى تارىم دەرياسىنىڭ كۆپ قىسىم بۆلىكىدە، شۇ جايدىكى سۇچىلىق تارماقلىرى بىرنەچچە چوڭ تىپتىكى قېزىش ماشىنىسىنى سەپلەپ، تارىم دەرياسىنىڭ ئاساسىي دەريا يولىنىڭ يېنىدىكى كەلكۈن باشلاش ئۆستىڭىنى كېڭەيتىپ، چوڭقۇرلىتىپ، يۇقىرى ئېقىندىكى كەلكۈن پەللىسىنى تارقاقلاشتۇردى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۈگۈر ناھىيەسى تەۋەسىدىكى تارىم دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىن رايونىدىكى دەريا يولىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 100 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئىككى قىرغىقىدا تەخمىنەن 2 مىليون 750 مىڭ مو كېلىدىغان تەبىئىي توغراقلىق ۋە چاتقاللىق بار ئىكەن، تارقاقلاشتۇرۇلغان «كەلكۈن» كەلكۈن باشلاش ئۆستىڭىنى بويلاپ توغراقلىق رايونىغا كىرىدىكەن. كۆپ يىل كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىش، قوغداش ئارقىلىق، تارىم دەرياسىنىڭ بۈگۈر بۆلىكىدىكى تەبىئىي توغراقلىق تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىپ، كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، شۇ جاينىڭ تەكلىماكان قۇملۇقىدىن كېلىدىغان قۇم-بوراننى توسۇشىدىكى مۇھىم ئېكولوگىيەلىك توسۇقىغا ئايلانغان.

  نۆۋەتتە، تارىم دەرياسىنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش ئىدارىسى مېتېئورولوگىيە قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ، يۇقىرى ئېقىندىن كېلىدىغان سۇ مىقدارىنى ھەر ۋاقىت كۆزىتىپ، «كەلكۈن»نى ئىلمىي يۆتكەپ ئىشلىتىپ، ئېھتىياجغا ئاساسەن تارىم دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىدىكى توغراقلىققا «ئېكولوگىيەلىك سۇ» تولۇقلىماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.