تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

چوڭ دەريا ئۆركەشلەپ ئاقماقتا.سۈرەت⑯| كەلكۈن بىلەن ئېلىشىش! ئىلمىي تەقسىملەش ۋە توغرا ئۆلچەش-سىزىشتا بىرى كەم بولسا بولمايدۇ

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر زوۋ يى خەۋەر قىلىدۇ) 8-ئاينىڭ 14-كۈنى، «چوڭ دەريا ئۆركەشلەپ ئاقماقتا» تارىم دەرياسى ۋادىسىدا چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇنىڭ يۈرۈش قىلىش شەكلىدىكى خەۋەر قىلىش كوللېكتىپى شايار ناھىيەسىدىكى چىمەن سۇ ئامبىرىنىڭ سۇ كىرىش چۈشۈرگىسى، چىمەن سۇ ئامبىرىنىڭ يېنىدىكى ياڭ گۇيشېڭ توسمىسى، چىمەن سۇ ئامبىرىنىڭ سۇ چىقىرىش چۈشۈرگىسى، شايار ناھىيەسىدىكى تارىم دەرياسى چوڭ كۆۋرۈكى، شايار ناھىيەسىدىكى گەزقۇم يېزىسى تۇيان كەنتىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش توسمىسى قاتارلىق جايلاردا ئادەم كۈچى ئارقىلىق ياسالغان ئەنئەنىۋى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئەسلىھەلىرىنى، چوڭ تىپتىكى ماشىنا-ئۈسكۈنىلەرنىڭ يۇقىرى ئۈنۈمدە ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى، تېخىمۇ مۇھىمى، ئىلمىي ئۆلچەپ سىزىلغان سۇ رايى سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ تەدبىر بەلگىلەشنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، شۇ جاينىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلغان خىزمەت مۇھىم نۇقتىسىنى ھېس قىلدى. ئىلگىرى ئادەم كۈچىگە تايىنىپ كەلكۈنگە تاقابىل تۇرىدىغان كۆرۈنۈش ھازىر مەۋجۇت ئەمەس ئىدى.

  كەلكۈن تىنچ ھالدا تارىم دەرياسى غول ئېقىنىنىڭ شايار بۆلىكىدە ئېقىۋاتاتتى، دەريا قىرغىقىدىكى ئىلمىي تەقسىملەنگەن نۇقتىلار ۋە خادىملار، دەل جايىدا ئۆلچەپ سىزىلغان ئۇچۇرلارنى «كۆرۈپ»، ئۇنىڭ «پەيلى» خېلىلا يېنىپ قالدى ۋە بىر ئايلىنىپلا تارقاپ كەتتى.

  8-ئاينىڭ 14-كۈنى، شايار ناھىيەسىدىكى چىمەن سۇ ئامبىرىنىڭ سۇ كىرىش چۈشۈرگىسىگە بوشلۇقتىن نەزەر، خىزمەتچى خادىملار بۇ يەردە چۈشۈرگە ئېغىزىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تارىم دەرياسى غول ئېقىنىدىكى كەلكۈننىڭ بىر قىسىمىنى چىمەن سۇ ئامبىرىغا قويۇپ بەرمەكتە (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

  8-ئاينىڭ 14-كۈنى، تارىم دەرياسى غول ئېقىنىدىكى كەلكۈن شايار ناھىيەسىنىڭ چىمەن سۇ ئامبىرى ئەتراپىدىكى ياڭ گۈيشېڭ توسمىسىدىن ئۆتتى، چوڭ تىپتىكى ماشىنا-ئۈسكۈنىلەر توسمىنى مۇستەھكەملىمەكتە (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

  ئانار بۇلۇت\ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

  8-ئاينىڭ 14-كۈنى، تارىم دەرياسى غول ئېقىنىدىكى كەلكۈن شايار ناھىيەسىدىكى تارىم دەرياسى چوڭ كۆۋرۈكىدىن ئاستا-ئاستا ئېقىپ ئۆتتى، كۆۋرۈك بېشىدىكى چوڭ تىپتىكى ماشىنا-ئۈسكۈنىلەر دەريا قېشىنى پۇختىلىماقتا (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

  8-ئاينىڭ 14-كۈنى، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى شايار ناھىيەسى گەزقۇم يېزىسى تۇيان كەنتىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش توسمىسىدا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان تاغارلارنى تولدۇرماقتا (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

  8-ئاينىڭ 14-كۈنى، خىزمەتچى خادىم شايار ناھىيەسىدىكى چىمەن سۇ ئامبىرىنىڭ سۇ كىرىش چۈشۈرگىسىنىڭ چۈشۈرگە ئېغىزىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تارىم دەرياسى غول ئېقىنىدىكى كەلكۈننىڭ بىر قىسىمىنى چىمەن سۇ ئامبىرىغا قويۇپ بەرمەكتە.

  ئانار بۇلۇت / شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

  8 -ئاينىڭ 14-كۈنى، ئاقسۇ سۇ رايى، سۇ بايلىقىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى شايار ناھىيەسىدىكى تارىم دەرياسى چوڭ كۆۋرۈكىدە ئۆلچەش ئېلىپ بېرىپ، تارىم دەرياسى غول ئېقىنىنىڭ سۇ رايى سانلىق مەلۇماتلىرىنى خاتىرىلىمەكتە.

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

  8-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئاقسۇ سۇ رايى، سۇ بايلىقىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچى خادىمى شايار ناھىيەسىدىكى تارىم دەرياسى چوڭ كۆۋرۈكىدە تارىم دەرياسى غول ئېقىنىنىڭ سۇ رايى سانلىق مەلۇماتىنى ئۆلچىدى ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق سۇ رايى سۇ بايلىقىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ئىدارىسىگە يوللىدى.

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

  8-ئاينىڭ 14-كۈنى، چوڭ تىپتىكى ماشىنا-ئۈسكۈنىلەر شايار ناھىيەسى گەزقۇم يېزىسى تۇيان كەنتىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش توسمىسىدا مەشغۇلات قىلماقتا.

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

  8-ئاينىڭ 14-كۈنى، پىدائىيلار قۇم-شېغىل قاچىلايدىغان تاغارلارنى شايار ناھىيەسى گەزقۇم يېزىسى تويان كەنتىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش توسمىسىغا توشۇماقتا.

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

  «ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.