تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ياخشى تۇتۇپ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە، قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك كارخانىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، قانداق قىلغاندا خىزمەتچىلەرنىڭ ساغلاملىقى، بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ توختاپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش بىر قېتىملىق چوڭ سىناق.

ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى كارخانىلار سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى پائال ئادا قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئالاھىدە «ئىمتىھان سوئالى»غا ياخشى جاۋاب بېرىشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلاندى.

خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى تەمىناتىنى كاپالەتلەندۈرۈش

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كارخانىلارنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىشنى ساقلاشتىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى بولۇپ، شۇنداق بولغاندىلا خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى تەمىناتىنى كاپالەتلەندۈرگىلى بولىدۇ.

8 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، بورتالا چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ جىنشىنيۈ توقۇمىچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ يىپ ئېگىرىش سېخىدا ماشىنىلار گۈرۈلدەۋاتاتتى. ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە ئىشچىلار ماسكا تاقاپ بىمالال مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى. بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى، بۇ شىركەت ئىشلەپچىقارغان 400 توننىدىن ئارتۇق مال گۇاڭدۇڭغا ئوڭۇشلۇق ئەۋەتىلدى.

«كارخانىمىزدا خىزمەتچىلەر كۆپ بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى مەھسۇلاتلىرىمىز خەلق تۇرمۇشى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان خام ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ. يۇقۇم ئالدىدا، ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك.» بۇ شىركەتنىڭ باش مۇدىرى لى بىن مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە شىركەتتە يېپىق ھالقىسىمان باشقۇرۇش يولغا قويۇلغان بولۇپ، 900دىن ئارتۇق خىزمەتچى زاۋۇتتا تۇرۇۋاتىدۇ، شىركەت ھەر كۈنى تۈركۈمگە بۆلۈپ تەرتىپلىك ھالدا كۆپچىلىكنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، خېسۇەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ ھەم زاۋۇت رايونى ئىچىدە دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروپ ئۆلتۈرۈپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، يوشۇرۇن ئاپەتنى ھەقىقىي تۈگىتىپ، مۇتلەق بىخەتەرلىك ئارقىلىق كارخانىنىڭ يۇقۇمغا قارشى تۇرۇپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولدى.

قاراقاش ناھىيەسىدىكى كەسىپ - شەھەر يۇغۇرۇلما باغچىسىدىكى خوتەن لىڭخەي ئېلېكتىرون چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ئوخشاشلا ئالدىراش مەنزىرە نامايان بولدى. زاپچاسلار ئاقما ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ئارقىلىق خىزمەتچىلەرنىڭ بارماقلىرىدا تەدرىجىي ھالدا مۇكەممەل تىڭشىغۇچ بولۇپ قۇراشتۇرۇلدى. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ شىركەتنىڭ بارلىق ئىشلەپچىقىرىشى نورمال ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.

«قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك كارخانىلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ نورمال ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىشى، شۇ ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى تەمىناتىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.» باغچە رايونىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مەتقاسىم تۇرۇپ مۇنداق بىلدۈردى: باغچە رايونى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نورمال يۈرۈشۈۋاتقان 18 كارخانىغا قارىتا دائىرىلەشتۈرۈپ يېپىق ھالقىسىمان باشقۇرۇشنى يولغا قويدى ھەم توقۇلما بۇيۇم، ئېلېكتىرون مەھسۇلات، پايپاق، يالغان چاچ ئىشلەپچىقىرىش رايونى قاتارلىق تۆت رايونغا ئايرىدى. ھەربىر رايون نىسپىي مۇستەقىل بولۇپ، 3800دىن ئارتۇق خىزمەتچى سېخلارغا، قەۋەتلەرگە بۆلۈنۈپ باشقۇرۇلدى، يۇقىرى پەللە مەزگىلى بىلەن تاقاشتۇرماي غىزالىنىش يولغا قويۇلۇپ، خادىملارنىڭ يۆتكىلىشى ئازايتىلدى.

مۇلازىمەت كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەپ، خىزمەتچىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈش

8 - ئاينىڭ 11 - كۈنى سەھەردە، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونى ئۈزۈمچىلىك بازىرىغا جايلاشقان شىنجاڭ رۇيزې توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ 530 خىزمەتچىسى تېمپېراتۇرا ئۆلچىتىپ، خېسۇەن تەكشۈرتۈپ بولغاندىن كېيىن، ئىش ئورنىغا قايتىپ داۋاملىق خىزمەت قىلدى.

«ئىشلەپچىقىرىشنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، خىزمەتچىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم.» بۇ شىركەتنىڭ ئىشخانا مۇدىرى ليۇ يۇڭيى مۇنداق دېدى: «شىركەتتە خىزمەتچىلەر ياتىقى ۋە ئاشخانىسى بار، ھەر كۈنى خىزمەتچىلەرنىڭ يېمەك - ئىچمىكىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، پائال ئىلگىرىلەيدىغان ئىش قىلىش مۇھىتى يارىتىپ، كۆپچىلىكنى زاۋۇتتا تۇرۇپ خىزمەت قىلغان مەزگىلدە ياخشى روھىي ھالىتى ۋە غەيرىتىنى ساقلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز».

8 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتە، شايار ناھىيەسىنىڭ ئايلانما ئىقتىساد سانائەت باغچە رايونىدىكى شىنجاڭ يۈشياڭ خۇياڭ خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىدە، 500گە يېقىن خىزمەتچى ئۆز تارماقلىرىدا تەرتىپلىك غىزالاندى.

بۇ شىركەتنىڭ ئېلېكتىرىك سېخىنىڭ ياردەمچى ئىنژېنېرى شىكىرەم تاشتۆمۈر مۇنداق تونۇشتۇردى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە، شىركەت ھەر كۈنى ياتاق، ئىشخانا، ئىشلەپچىقىرىش سېخى قاتارلىق رايونلاردا دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروپ ئۆلتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئېلىپ بارىدۇ. خادىملارنىڭ يۆتكىلىشى ۋە توپلىشىشىنى ئازايتىش ئۈچۈن، شىركەت خىزمەتچىلەرنىڭ كۈندىلىك ئۈچ ۋاق تامىقىنىڭ ھەممىسىنى خىزمەت نۇقتىسىغا يەتكۈزۈپ بەردى، شۇ جايدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى ئىشقا بېرىپ - كېلىشتە مەخسۇس ئاپتوموبىل ئاپىرىپ - ئەكېلىدۇ.

«ئىشنى چوڭ، كىچىك دەپ ئايرىماي، خىزمەتچىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆيۈنۈپ، خىزمەت مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش خىزمەتچىلەرنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشىشىگە پايدىلىق.» شىكىرەم تاشتۆمۈر مۇنداق دېدى: «بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئىشلەپچىقىرىپ، يۇقۇم مەزگىلىدىكى بازار ئېھتىياجىنى قاندۇرىمىز».

تەرەققىيات ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈش

8 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، ئاتۇش سانائەت باغچە رايونىدىكى قىزىلسۇ ئوبلاستلىق رۇنخۇا توقۇمىچىلىق پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىدىن گۈرۈلدىگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپ تۇراتتى. شىركەت سېخىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئايلىنىپ، پاختا پىلتىلىرى پىششىقلاش ئارقىلىق ئۇرچۇققا ئايلانماقتا ئىدى.

«باغچە رايونىدا جەمئىي 104 كارخانا بار، پەسىل خاراكتېرلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇۋاتقان كارخانىلاردىن باشقا، قالغان 74 كارخانىنىڭ ھەممىسى نورمال ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. باغچە رايونىدا ئىشقا ئورۇنلاشقان خىزمەتچى جەمئىي 3679 بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپى نورمال.» ئاتۇش سانائەت باغچە رايونى پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لى مىڭجۈن مۇنداق دېدى: «پەقەت كارخانا بىلەن باغچە رايونى بىر نىيەتتە ھەمكارلاشساقلا، بىز چوقۇم يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى تۈگىتىپ، تېخىمۇ ئۇزاق تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيمىز».

بۇ مەزگىلدە، شىنجاڭ يۈشياڭ خۇياڭ خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىنىڭ ھەر كۈندىكى ئورىيا، بىرىكمە ئوغۇت قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ مىقدارى يۇقۇم يۈزبېرىشتىن ئىلگىرىكى بىلەن تەڭلەشتى.

«ئىشەنچ ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك. بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتى سىجىل ياخشىلاندى، كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى ياخشى بولدى. بىزنىڭ ھۆكۈمەتكە ۋە ئۆزىمىزگە بولغان ئىشەنچىمىز تولۇپ تاشتى، شۇنداقلا يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشقا بولغان ئىشەنچىمىز تولۇپ تاشتى.» بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتور ياردەمچىسى چېن يۈشياڭ مۇنداق دېدى: ھازىر، شىركەتنىڭ كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ئۈزۈلۈپ قالمىدى، مەھسۇلاتلارنىڭ مەھسۇلات مىقدارى، مەھسۇلات قىممىتى ۋە پايدىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىردەك ئازراق ئۆرلىدى، بىرلىك مەھسۇلاتنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى تۆۋەنلىمەكتە.

شىنجاڭ رۇيزې توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتى تۇرپان شەھىرىدە 150 مىڭ ئۇرچۇق يىپ ئېگىرىش ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، 2021 - يىلى 6 مىليارد 800 مىليون يۈەن تىجارەت كىرىمىنى ئىشقا ئاشۇرغان. «بىز خام ماتېرىيال توشۇش، مەھسۇلات يەتكۈزۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئالاقىدار سىياسەتلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتۇق، بۇنىڭ بىلەن ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىم ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ.» ليۇ يۇڭيى مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل، شىركەت يەنە 6 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 1 مىليون 650 مىڭ ئۇرچۇق ئالىي دەرىجىلىك ئىنچىكە تارالغان ساپ پاختا يىپ ئېگىرىش تۈرىنى ئومۇميۈزلۈك قۇرىدۇ. بۇ تۈر ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، تۇرپاندا 6000دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، 10 مىليارد يۈەنلىك مەھسۇلات قىممىتى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

(مۇخبىر ليۇ شياڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار جاڭ رۇيلىن، سۇڭ ياۋېن، پەرىزات ئابدۇل، سۇڭ ۋېيگو، جاڭ جىلى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.