تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش ۋە سېتىشقا بىز بىرلىكتە كۈچ چىقىرىمىز

سۈرەتتە: 8 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، پىدائىيلار باغۋەنلەرنىڭ شىرنىلىك شاپتۇلنى ئايرىپ قاچىلىشىغا ياردەم بەرمەكتە. ھازىر دەل مېۋە - چېۋىلەردىن مول ھوسۇل ئالىدىغان پەسىل، ساۋەن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسىنىڭ سەندوخوزا بازىرى ئورمانچىلىق مەيدانى مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى بىلەن مەھەللە «ئىككى كومىتېت»ى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، باغۋەنلەرنىڭ مېۋە ئۈزۈشىگە، سېتىشىغا ياردەم بەردى. □ ۋاڭ فاڭجى فوتوسى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى نۇرغۇن يېزا ئىگىلىك زىرائەتلىرى يىغىۋېلىش مەزگىلىگە كىردى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئالدىدا، ھەرقايسى جايلار پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پائال تەشكىللەپ پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، ئېتىز باشلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ دېھقانلارنىڭ يىغىۋېلىش ئىشلىرىغا ياردەم بەردى، بارلىق ئاماللار بىلەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش سودىگەرلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، توشۇش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ يۇقۇمنىڭ دېھقانلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئازايتىپ، بازارنى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۈزۈلدۈرمەي تەمىنلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

«ئەنجۈر پىشقاندىن كېيىن، دەرھال ئۈزۈپ، سېتىپ چىقىرىۋېتىش كېرەك. بۇ بىرنەچچە كۈندە مەن غەم قىلىۋاتقاندا، كەنتتىكى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى كېلىپ ياردەملەشتى، مەن ئۇلارغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن» دېدى 8 - ئاينىڭ 13 - كۈنى كۇچا شەھىرىنىڭ ئىشخلا بازىرى تۆۋەن بېجاق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئەخمەت تاھىر.

ئەنجۈر تۆۋەن بېجاق كەنتىنىڭ بېيىش مېۋىسى، كەنت ئاھالىلىرى ئەنجۈر ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ھەر يىلى ئائىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 5000 - 6000 يۈەن ئاشۇردى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ئەنجۈر ئۆستۈرۈش ئائىلىلىرىنى زىياندىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، تۆۋەن بېجاق كەنتى «ئىككى كومىتېت»ى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى دەل ۋاقتىدا پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، ئەنجۈر ئۆستۈرۈش ئائىلىلىرىنىڭ جىددىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىۋېلىشىغا ياردەم بەردى.

ھازىر خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ بالغۇنتاي بازىرىدىكى 3000 مودىن ئارتۇق پەسىلسىز بەسەي كەينى - كەينىدىن بازارغا سېلىنىۋاتىدۇ، بالغۇنتاي بازارلىق پارتىيە كومىتېتى شىنجاڭ قاتناش سېلىنما پاي كونترول چەكلىك شىركىتى نارات - بالغۇنتاي يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ۋە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى بىلەن بىرلىشىپ پاچېيكا بىرلىشىپ قۇرۇش، كەنت - كارخانا بىرلىشىش ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ بەسەي يىغىشىغا - سېتىشىغا ياردەم بەردى.

«شۇنچە كۆپ كادىر كېلىپ ياردەملەشتى، بەسەيلىرىمىز ۋاقتىدا يىغىۋېلىنىپلا قالماي، ئېتىز بېشىدىلا ۋاقتىدا سېتىلىپ، كىرىمىمىز بۇلتۇرقىغا قارىغاندا 9000 يۈەنگە يېقىن ئاشتى» دېدى 8 - ئاينىڭ 12 - كۈنى بالغۇنتاي بازىرى خۇستاي كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى جۇ جيې خۇشال ھالدا.

8 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، لوپ ناھىيەسىنىڭ لوپ بازىرى دۆۋەت كەنتىدىكى ئۈزۈم ئۆستۈرۈش بېغىدا، 400 مودىن ئارتۇق يەردىكى تەكنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلاتتى. «بىز ئۈزۈپ ئوراپ - قاچىلاپ بولغان ئۈزۈمنى يېڭى پېتى ساقلاش ئامبىرىغا كىرگۈزۈپ، ئاندىن بازار ئېھتىياجىغا ئاساسەن ساتىمىز، بۇنىڭدا ھەم مېۋىنىڭ تەمىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، ھەم ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ» دېدى دۆۋەت كەنتى ئۈزۈم ئۆستۈرۈش بېغىنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولغان شىنجاڭ كۈنپۇ يۈجۇ يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باشقۇرغۇچىسى جاڭ يەن.

لوپ ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى جياڭ پېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ نۆۋەتلىك يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، لوپ ناھىيەسى ھەرقايسى يېزا - بازارلاردىكى مېۋە - چېۋىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش - سېتىلىش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىستاتىستىكا قىلىپ، تەھلىل قىلىپ، سېتىلماي قېلىش ئېھتىماللىقى بولغان مېۋە - چېۋىلەرگە قارىتا ئالدىن مۆلچەرلەپ ھۆكۈم قىلىپ، سېتىشقا ياردەم قىلىش ئۇسۇلىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلدۇق.

«بۇ تەرەپ سىلەرنىڭ قارىقات ساقلاش رايونىڭلار، كۆپچىلىك بېسىلىپ، بۇزۇلۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن رەتلىك قويۇڭلار...» 8 - ئاينىڭ 12 - كۈنى كەچتە، كۆكتوقاي ناھىيەسىنىڭ تۇرغۇن يېزىسى تىلەۋباي قىزى كەنتىدە، كەنت ئاھالىسى باغىس ئاۋاباي شۇ كۈنى ئۈزگەن قارىقاتنى يېزىلىق ھۆكۈمەت يېڭىدىن قۇرغان سوغۇق ساقلاش ئامبىرىغا ئاپاردى.

قارىقات پىشىشتىن بۇرۇن، كۆكتوقاي ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى يېزا - بازار سوغۇق ساقلاش ئامبىرىنىڭ ساقلاش سىغىمىنى ئەستايىدىل رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، دېھقان ئائىلىلىرى ئۆستۈرگەن قارىقات، جىغان قاتارلىق كىچىك شىرنىلىك مېۋىلەرنىڭ ۋاقتىدا ئامبارغا كىرىپ ساقلىنىپ زىيانغا ئۇچرىماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىگە ياردەملىشىپ سېتىۋالىدىغان زاۋۇت، سودىگەرلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، كىچىك شىرنىلىك مېۋىلەرنىڭ ۋاقتىدا سېتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

بۇ ئىككى كۈندە، كۈنەس ناھىيەسىنىڭ نارات بازىرى ئىنجار كەنتىدىكى مالىنا مول ھوسۇل پەسلىگە كىردى. مالىنانى ساقلاش تەس، پىشقاندىن كېيىن تېز سۈرئەتتە ئۈزۈپ سېتىش ياكى پىششىقلاش كېرەك. بۇنىڭغا قارىتا، بۇ ناھىيەدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋاقتىدا پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللەپ قۇرۇپ، ئۆستۈرۈش بېغىغا كېلىپ، باغۋەنلەرنىڭ تېز يىغىشى، سېتىشىغا ياردەم بەردى.

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىش» تەلىپى بويىچە، تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن يۇقۇم شارائىتىدا ئىلى ئوبلاستىنىڭ خاس باغ - ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشتا دۇچ كەلگەن ئادەم ئىشلىتىش، مېۋە - چېۋىلەرنى بازارغا كىرگۈزۈش، سوغۇق زەنجىرلىك توشۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەر ئارقىلىق خاس باغ - ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلدى.

«ئەنجۈر ماكانى» ئاتۇش شەھىرىدە، ئىككىنچى پىشىم ئەنجۈر ئارقا - ئارقىدىن پىشتى. ئاتۇش شەھەرلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسى، سودا ۋە سانائەت ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى، بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىق كۆپ تارماق بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ، پەسىللىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش - سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، پۈتۈن شەھەر دائىرىسىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش سۇپىسى قۇرۇپ، تەمىنلەش - ئېھتىياج ئۇچۇرلىرىنى دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ھەر ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

(مۇخبىر جاڭ جىلى، قاتناشقان مۇخبىرلار سۇڭ ۋېيگو، دۇ جيەنخۇي، جاڭ تىڭ، پەرىزات ئابدۇل، بارشا تېگېس، ئىختىيارىي مۇخبىرلار تاڭ يۈ، خۇ جىنلياڭ، سەي ياشىن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.