تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ھەر قايسى جايلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى توختاپ قالمىدى

 

 8 – ئاينىڭ 12 – كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 3ـ شىسى 41ـ تۇەن ساۋخۇ بازىرىنىڭ لياڭجۇڭ ليەنىدىكى ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر ئۆرۈك ئۈزمەكتە. لى چيەنخۇڭ فوتوسى

  بۇ تۇەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، پۈتۈن كۈچى بىلەن خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، سېتىشنى تېزلەتتى.

  8 – ئاينىڭ 13 – كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2 ـ شى 22 ـ تۇەن 4 ـ ليەننىڭ ئىشچى ـ خىزمەتچىلىرى بىر پارچە ئېڭىزغا تېرىلغان قىشلىق بەسەي ئېتىزىدا مايسا تولۇقلاش ۋە ئوت ئوتاش مەشغۇلاتى قىلماقتا(تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا سۈرەتكە تارتىلغان).

شيې جياڭلىن فوتوسى

  8 – ئاينىڭ 12 – كۈنى، پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى باغۋەنلەرنىڭ ئالما ئۈزۈشىگە ياردەم بەرمەكتە.

ۋاڭ فاڭجى فوتوسى

  ھازىر مېۋە ـ چېۋىلەردىن مول ھوسۇل ئالىدىغان مەزگىل، ساۋەن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە سەندوخوزا بازىرى ئورمانچىلىق مەيدانى مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى مەھەللە «ئىككى كومىتېت»ى بىلەن بىرلىكتە پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، باغۋەنلەرنىڭ مېۋىلەرنى يىغىۋېلىشىغا ياردەم بېرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە مېۋىلەرنى يىغىشتىن ئىبارەت ئىككىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇردى.

  8 –ئاينىڭ 12 –كۈنى، پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى باغۋەنلەرنىڭ شىرنىلىك شاپتۇل ئايرىشىغا ياردەم بەرمەكتە.

ۋاڭ فاڭجى فوتوسى

  8 – ئاينىڭ 13 –كۈنى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى پىدائىيلار مەھەللە، ئېتىز-ئېرىق باشلىرىغا بېرىپ پىدائىيلار مۇلازىمەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. سۈرەتتە: پىدائىيلار شۇ كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئۇچتۇرپان بازىرى توققۇزبۇلاق كەنتىدە دېھقانلارغا ياردەملىشىپ يېڭى ئۈزۈلگەن شاپتۇللارنى ئايرىماقتا.

ۋەلى قېيۇم فوتوسى

  «ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.