تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئېكولوگىيەنى گۈزەللەشتۈرۈش ئارقىلىق ئورتاق بېيىشقا تۈرتكە بولۇش

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ساۋ خۇا

بۇ يازدا، بارغانسېرى گۈزەل تۈسكە كىرگەن شىنجاڭ تېخىمۇ كۆپ كىشى تەلپۈنىدىغان جايغا ئايلاندى، ساياھەتچىلىك ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا باشلامچىلىق قىلىدىغان مۇھىم كەسىپكە ئايلاندى. «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن ئىدىيە ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي قىسمىدىكى بۇ ئەڭ بىپايان رايوندا ئەڭ جانلىق ئىزاھلاندى. شىنجاڭ ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئېكولوگىيەنى گۈزەللەشتۈرۈش ئارقىلىق ئورتاق بېيىشقا تۈرتكە بولۇپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنى بايلىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتمەكتە.

كونا قىياپەت يېڭى تۈسكە كىردى، تەرەققىيات تايانچقا ئىگە بولدى

7 - ئايدا، ئاقسۇ دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدا ھاۋا سالقىن ئىدى، كىشىلەر توپ - توپ بولۇپ باغچىدا سەيلە قىلىۋاتاتتى. نۇرغۇن ساياھەتچى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قۇملۇقنىڭ گىرۋىكىدە قانداقلارچە بۇنداق ئېسىل سۇلۇق يەر بولىدۇ؟ دەپ ھەۋەس قىلىشتى.

بۇ سۇلۇق يەر باغچىسى ئاقسۇ شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى شەھەر ئەتراپى رايونىغا جايلاشقان، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 5000 مو بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى بويىچە ئەڭ چوڭ دۆلەت دەرىجىلىك سۇلۇق يەر باغچىسى ھېسابلىنىدۇ، سۇ دائىرىسىنىڭ كۆلىمى %60كە يېتىدىغان بولۇپ، چوڭ - كىچىك كۆلدىن 22سى بار. ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قارا لەيلەك، ئاققۇتان، كۆكقۇتان قاتارلىق 30 نەچچە خىل دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋاناتلارنى بۇ جايدا ماكان تۇتۇپ كۆپىيىشكە جەلپ قىلدى.

«نەچچە يىل ئىلگىرى بۇ جاي تېخى ئويمان - دۆڭ ۋە ئوت - چۆپ بېسىپ كەتكەن سازلىق ئىدى، قىسقىغىنا نەچچە يىلدا، قىياپىتى تەلتۆكۈس ئۆزگەردى» دېدى ئاقسۇ دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىنىڭ مەسئۇلى جياڭ فېڭ.

ئۆزگىرىش 2016 - يىلىدىن باشلانغان بولۇپ، ئاقسۇ شەھىرى سۇلۇق يەر باغچىسى قۇرۇلۇشىنى قوزغاتتى، سىجىل بەرپا قىلىش ئارقىلىق بۇلغانغان، رەتسىز بۇ ئويمان - دۆڭ ئۆزگىرىپ ئاقسۇ شەھىرىنىڭ شەھەر مېھمان قوبۇل قىلىش زالىغا ئايلاندى.

«كەنتتىكى ئۆيىمىزنى بېزەپ يېڭىلىدىم، خوتۇنۇم ئىككىمىز سۇلۇق يەر باغچىسىدا ئىشلەيمىز، مۇقىم كىرىمىمىز بار، مېنىڭ يەنە ئۈچ مو ئالمىلىق بېغىم بار، ھەر يىلى ساياھەتچىلەر مېۋە ئۈزگىلى كېلىدۇ، كۈنلىرىمىز كۈندىن - كۈنگە ياخشىلاندى.» باغچە ئەتراپىدا ئولتۇرۇشلۇق ئابلەت تۇردى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ جايدا خەلق ئۆرپ - ئادەت كوچىسى، ئىستىراھەت مېۋە ئۈزۈش باغچىسى قاتارلىق بىر تۈركۈم ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرى بەرپا قىلىندى، ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا، ساياھەتچىلەرنى بۇ يەرگە كېلىپ گۈل تاماشاسى قىلىش، بېلىق تۇتۇش، مېۋە ئۈزۈش، سەھرانىڭ مەززىلىك تائاملىرىنى تېتىشقا جەلپ قىلىدۇ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى ئۈزلۈكسىز ئاشتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇنداق مىساللار تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ناھايىتى كۆپ. تۇرپاندا، قۇملۇق ئىسسىقلىق بايلىقى تولۇق ئېچىلدى؛ ئالتايدا، قار - مۇز سوغۇق بايلىقى كۆزنى چاقناتتى؛ تاشقورغاندا، ئېگىزلىك مەنزىرىسى سانسىزلىغان ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى...

بۇ، شىنجاڭنىڭ تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشنى پۇختا ئالغا سىلجىتقانلىقىنىڭ نەتىجىسى − ئورمان كۆلىمى، ئورمان زاپىسى يىغىندى مىقدارى، ئوتلاقلارنىڭ ئۇنىۋېرسال يېپىنچا ئۆسۈملۈك بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى ئاشتى، سۇلۇق يەرلەر قوغدالدى، دۆلەت تەرىپىدىن نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋاناتلارنىڭ تۈرى، قوغدىلىش نىسبىتى ئاشتى، چۆللەشكەن يەر، قۇملاشقان يەر كۆلىمى تارايدى. ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا دۆلەت باغچىسىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك قوغدىلىدىغان جايدىن جەمئىي 222سى قۇرۇلغان بولۇپ، تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون، داڭلىق مەنزىرە رايونلىرى، ئورمان باغچىسى، سۇلۇق يەر باغچىسى قاتارلىق كۆپ خىل تۈرنى قاپلىدى.

ئورمان، ئوتلاق ئارام ئالدۇرۇلدى، يۇرت - ماكان تېخىمۇ گۈزەللەشتى

بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ «چۆچەكلەردىكىدەك چېگرا شەھەر» دېگەن نامى بار، دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى % 39.62كە يەتتى، ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ۋە ئۆزگىچە، مول ساياھەت بايلىقى بۇ جاينى ساياھەت قىزىق نۇقتا مەنزىلگاھىغا ئايلاندۇردى.

لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەرگىزمۇ تەبىئىي يۈزبەرگەن ئەمەس.

بۇرچىن ناھىيەسىدە 10 مىليون 151 مىڭ مو تەبىئىي ئوتلاق بار بولۇپ، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى چارۋىچىلىق چوڭ ناھىيەسى، خېلى ئۇزاق بىر مەزگىلدە، زىيادە چارۋا بېقىش تۈپەيلىدىن، ئوتلاق بىلەن چارۋىنىڭ زىددىيىتى گەۋدىلىك بولۇپ كەلگەنىدى. ئېكولوگىيە بىلەن ئىقتىسادنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇرچىن ناھىيەسى ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى تۈزەشنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئوتلاق ياردەم تولۇقلىمىسى تارقىتىش، ئوتلاقنى ئارام ئالدۇرۇش، چارۋا بېقىشنى چەكلەشنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، 238 مىڭ 100 مو ئوتلاقنى ئارام ئالدۇردى.

بۇرچىن ناھىيەسى ئېگىز تۆبە يېزىسىنىڭ تېرىسئاققان ئېكولوگىيەلىك چارۋىچىلىق مەيدانىدا، زامانىۋى كەسپىي ۋاكالىتەن بېقىش ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلۇپ، پاي قوشۇپ پايدا تەقسىملەش، ساياھەت تىجارىتى قاتارلىقلار ئارقىلىق، يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. «ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قاتناشقاندىن بۇيان، پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر ئەمدى كالا - قويلار ئەتراپىدا چۆرگۈلەپ يۈرمەي، چارۋىچىلار ئارامگاھى تىجارىتى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتۇق. 7 - ئاي ساياھەتنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلى، تىجارىتىمىز ئىنتايىن جانلىنىپ كەتتى، ئەڭ كۆپ بولغاندا كۈنىگە 600 يۈەن كىرىم قىلالايمىز» دېدى چارۋىچى كۇلىما دىقان.

ئورمان، ئوتلاق گۈللەنسە، ئېكولوگىيە گۈللىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئورمان، ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتتى، 2021 - يىلى پەرۋىش قىلىپ يېتىشتۈرۈلگەن ئورمان 1 مىليون 550 مىڭ مو، ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن، تۈزەلگەن ئوتلاق 6 مىليون 340 مىڭ مو، تۈزەلگەن قۇملاشقان يەر 6 مىليون 599 مىڭ مو بولدى. 6 - قېتىملىق چۆللىشىش ۋە قۇملىشىشنى كۆزىتىش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا چۆللەشكەن ۋە قۇملاشقان يەر كۆلىمىدە تۇنجى قېتىم «قوش تارىيىش» ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، «بوستانلىق ئىلگىرىلەش، قۇم چېكىنىش»تەك تارىخىي ئۆزگىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

سۇ بايلىقى قوغدالدى، ئېكولوگىيە ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈلدى

«مارالبېشى ناھىيەسىدە بۇنداق گۈزەل سۇ ئۈستى باغچىسى بارلىقىنى ھەقىقەتەن ئويلاپمۇ باقماپتىمەن، ھەپتە ئاخىرىدا بالىلىرىمنى ئېلىپ بۇ يەردە ئويناپ ھەقىقەتەن بەك خۇشال بولدۇم» دېدى مارالبېشى ناھىيەسى ئاھالىسى تۇرسۇن ناسىر 7 - ئاينىڭ 27 - كۈنى.

بۇ يىل 5 - ئايدا تىجارەت باشلىغان سۇ ئۈستى باغچىسى مارالبېشى ناھىيەسى خۇڭخەي مەنزىرە رايونىدىكى تۆت چوڭ يادرولۇق مەنزىرىلەرنىڭ بىرى، ھەر خىل سۇ قۇشلىرى بۇ يەردە ئەركىن پەرۋاز قىلىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان گۈزەل يۆگىمە رەسىمنى نامايان قىلغانىدى.

مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ خۇڭخەي مەنزىرە رايونىغا كىرسىڭىز، بۇ جايدىكى كەڭ سۇ رايونى ۋە ئۆزگىچە مەنزىرە سىزنى دەرھال جەلپ قىلىدۇ، بۇ يەردە ھەم جياڭنەن سۇ ماكانىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى، ھەم چۆل - باياۋاننىڭ بىپايان، ھەيۋەتلىك مەنزىرىسى بار.

كىممۇ ئويلىغان دەيسىز، دەريا سۈيى بىلەن سۇغىرىش كەمچىل بولغاچقا، بۇ يەردىكى توغراقلار ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇپ كەتكەنىدى، شۇ جايدىكى دېھقانلار ئۇنى كېسىپ ئوتۇن قىلغاچقا، بىر پارچە قاقاس مەنزىرە شەكىللىنىپ قالغانىدى. تارىم دەرياسى ۋادىسىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغاچقا، 5000 مودىن ئارتۇق توغراقلىق دەريا سۈيى بىلەن سۇغىرىلىپ، قايتىدىن ياشنىدى. سۇ بولغاچقا، بۇ جايدا سۇ ئۈستى باغچىسى قۇرۇلۇپ، ساياھەت قىلىدىغان ياخشى جايغا ئايلاندى.

مارالبېشى ناھىيەلىك ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى لياڭ باۋجۈن مۇنداق دېدى: خۇڭخەي مەنزىرە رايونى كۆل، دەريا ئېقىنى، ئوتلاق، سۇلۇق يەر، چۆللۈك، توغراقلىق بىر گەۋدىلەشكەن ئېكولوگىيەلىك مەنزىرە رايونى بولۇپ، مارالبېشى ناھىيەسىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر «يېشىل ئۆپكە»سى ھېسابلىنىدۇ، ئۇ گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىسى بىلەن نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلماقتا، ئەتراپتىكى نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى مەنزىرە رايونىدا تىجارەت قىلىپ، تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلانماقتا.

ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئەڭ ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتى. ئاپتونوم رايونىمىز باشتىن - ئاخىر خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى چوقۇم ياخشى جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك تېما قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىدى. 2021 - يىلى، ئاپتونوم رايون بويىچە ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن كۆل، سۇلۇق يەر كۆلىمى 2 مىليون 265 مىڭ مو، بىنا قىلىنغان ئورمان 2 مىليون 650 مىڭ مو، تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇلغان يەر 570 مىڭ مو بولدى. بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتقان ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ھەر مىللەت ئاممىنى بارغانسېرى كۆپ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.