تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

[يېڭى ياشلار] قانۇنچىللىق شەمشىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ھەققانىيەتنى قوغدايمەن

مۇيەسسەر مەمەت:​

قانۇنچىللىق شەمشىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ھەققانىيەتنى قوغدايمەن

  □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ نا

  «80 - يىللاردا تۇغۇلغان» ئۇنىڭ تەپتىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا 20 نەچچە يىل بولدى، تۈرلۈك جىنايى ئىشلار دېلوسىدىن جەمئىي 2000دىن ئارتۇقنى بېجىرىپ، بىرمۇ دېلودا خاتالىق سادىر قىلمىدى؛ تۈرلۈك سىناق ئالدىدا، ئۇ قولىدىكى تارازىنى ئادىل ياخشى تۇتۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىنى قوغدىدى. ئۇ دەل قەشقەر شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باش تەپتىش مۇيەسسەر مەمەت.

  «قانۇن تۆۋەن چېكى، ئەخلاق تۆۋەن چېكى، كىشىلىك ھايات تۆۋەن چېكىنى ساقلاپ، قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش، ئىنتىزامدىن ئەيمىنىش، بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىش، قائىدىنى ساقلاشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرىمەن...» 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، قەشقەر شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتىدە، مۇيەسسەر مەمەت پارتىيە بايرىقىغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ، ئوڭ مۇشتۇمىنى مۈرىسىدىن ئېگىز كۆتۈرۈپ قەتئىي تەلەپپۇزدا شۇنداق دېدى.

  دەلىل - ئىسپات دېلو پاكىتىنى بېكىتىشنىڭ ئۇل تېشى. كۈندىلىك دېلو بېجىرىشتە، مۇيەسسەر مەمەت نۇرغۇن ئېغىر، زور، چىگىش، مۇرەككەپ دېلونى ئۈستىگە ئالدى، ئۇ ھەربىر دېلوغا مۇئامىلە قىلغاندا، پاكىت دەلىل - ئىسپات ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، سۈپەت ۋە سانغا كاپالەتلىك قىلىپ، قەرەلىدە تاماملىدى.

  2018 - يىلى، مۇيەسسەر مەمەت قارا كۈچلەرگە چېتىشلىق بىر دېلو ئارخىپىنى تەكشۈرۈۋاتقاندا، بىر جىنايەت گۇماندارىنىڭ يەنە باشقا جىنايى قىلمىشىنىڭ بارلىقىنى بايقىدى. دېلو يۈزبەرگەن ۋاقىت ئارىلىقى ئون يىلغا يەتكەن، تەكشۈرۈپ دەلىل - ئىسپات ئېلىش ئىنتايىن قىيىن بولسىمۇ، مۇيەسسەر مەمەت زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن ئەھۋال ئىگىلەپ خاتىرە قالدۇرغاندىن كېيىن، ئۆيمۇئۆي كىرىپ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن گۇۋاھچىنى ئىزدەپ، ئەڭ ئاخىر مۇكەممەل دەلىل - ئىسپات زەنجىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، جىنايەت گۇماندارىنى قانۇننىڭ جازاسىغا تارتتى.

  مۇيەسسەر مەمەتنىڭ قارىشىچە، ئەيىبلىگۈچىنىڭ مەيدانى مۇستەھكەم، قەلبى ساپ بولغاندىلا، ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغدىيالايدۇ. ئۇ ھەرۋاقىت ئىنتىزامنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، قىزىل سىزىق، تۆۋەن چەكنى قاتتىق ساقلاپ، قانۇن يۈرگۈزۈش، دېلو بېجىرىشنى خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تەۋەلىكتىكى ئاممىغا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى.

  2019 - يىلى، مۇيەسسەر مەمەت ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىپ، قىمار ئويناش، ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش، قەستەن زەخىملەندۈرۈش قاتارلىق جىنايەتلەرگە چېتىشلىق رەزىل كۈچلەر شايكىسىنىڭ بىر دېلوسىنى بېجىردى، دېلونى ئەمدىلا قولىغا ئېلىپ تۇرۇشىغا، بەزىلەر ئۇنى ئىزدەپ كېلىپ، ئۇنىڭدىن جىنايەت گۇماندارلىرىغا كەڭچىلىك قىلىشنى ئۆتۈندى.

  مۇيەسسەر مەمەت كاشىلىلارنى تۈگىتىپ، ئارىغا چۈشۈش ئەھۋالىنى توسۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن دېلو بېجىرىش خىزمىتىگە ئاتلىنىپ، ئارخىپنى تەپسىلىي ئوقۇپ، دەلىل - ئىسپاتلارنى رەتلەپ، دېلو ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىپ، تالاش - تارتىشلارنىڭ مەركىزىي نۇقتىلىرىنى يىغىنچاقلاپ، بۇ شايكىنىڭ رەزىل كۈچلەرگە چېتىلىدىغان جىنايەت ئالاھىدىلىكلىرىنى دەل جايىدا بېكىتىپ، بارلىق جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ ھەممىسىنى قانۇن بويىچە قولغا ئېلىشنى تەستىقلىدى. كېيىن، سوتتا قاراپ چىقىشتا، ئەيىبلىگۈچى سۈپىتىدە، مۇيەسسەر مەمەت پۇختا دەلىل - ئىسپاتلار بىلەن سۆزلەپ، شىكايەت قىلىپ، قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنى قانۇننىڭ تېگىشلىك جازاسىغا تارتقۇزدى.

  «جەمئىيەتتە دوستلىرىم كۆپ، ماڭا جىنايەت بېكىتسەڭ، ساڭىمۇ ياخشى كۈن كۆرسەتمەيمەن» دېدى 2019 - يىلى بىر دېلودىكى جىنايەت گۇماندارى گۇX ئالدۇرۇپ سوراق قىلىش ئۆيىدە تەكەببۇرلۇق بىلەن مۇيەسسەر مەمەتكە. مۇيەسسەر كەسكىنلىك بىلەن قايتۇرما رەددىيە بېرىپ مۇنداق دېدى: «باشقىلارنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن قورققان بولسام، تەپتىش ئەمەلدارى بولمىغان بولاتتىم».

  كېيىن، سوتتا قاراپ چىقىشتا مۇيەسسەر مەمەت ھەققانىي ۋە كەسكىن سۆزلەر بىلەن گۇ Xكە رەددىيە بەردى: «سەنمۇ بىر ئانا، ئاتا - ئاناڭنىڭ قىزى، نېمە قىلغانلىرىڭنى ئويلاپ باق. بالاڭ ساڭا قانداق قارايدۇ؟» بۇ مەردانە سۆزلەر گۇ Xنىڭ يۈرىكىگە تەگدى، ئۇ ئۈن سېلىپ يىغلاپ، ئۆزىنىڭ جىنايەت پاكىتلىرىنى تولۇق ئىقرار قىلدى.

  كۆپ يىللاردىن بۇيان، مۇيەسسەر مەمەت گۈزەل ياشلىق باھارىنى تەپتىش ئىشلىرىغا بېغىشلاپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شەرەپ بىلەن «مەملىكەت بويىچە ئاياللار تۆھپە يارىتىش ئۈلگىسى» «ھەققانىيەتنى قوغداش − يېڭى دەۋردىكى ئەڭ گۈزەل تەپتىش ئەمەلدارى» دېگەن ناملارغا ئېرىشتى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن شەخسلەر بويىچە 1 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى دەپ ئەنگە ئېلىندى.

  «مەسئۇلىيەت ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالغاندىلا، ياشلىق باھار ئاندىن نۇر چاچىدۇ.» مۇيەسسەر مەمەت مۇنداق دېدى: ماڭغان يوللىرىمنى ئەسلىسەم، نۇرغۇن جاپا تارتقان ۋە بەدەل تۆلىگەن بولساممۇ، باشتىن - ئاخىر شۇنداق قارايمەنكى، ئەڭ گۈزەل ياشلىق باھارىمنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تەپتىش ئىشلىرىغا بېغىشلىسام ئۆكۈنمەيمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.